ئۇيغۇر قىزى گۈلجەننەت قۇربان ھايات-ماماتلىق جېڭىدە

2012-يىلى 11-سېنتەبىر كۈنى سەھەر سائەت بەش ئەتراپىدا قەشقەر يۇمىلاق شەھەر يولىدا كۈتۈلمىگەن ئوت ئاپىتى يۈز بەردى.

0:00 / 0:00

ئوت ئاپىتىدە پۈتۈن بەدىنىنىڭ 75 پىرسەنت قىسمى كۆيۈپ، ئېغىر يارىلانغان گۈلجەننەت قۇربان دۆلەت ئىگىلىكىدىكى قوراللىق قىسىم 12-دوختۇرخانىسىدا جىددىي قۇتقۇزۇلغاندىن كېيىن ھايات قالدى.

ئەمما ئىش بۇنىڭ بىلەن تۈگىمىدى. گۈلجەننەت قۇرباننىڭ قەدەم باسقۇچلۇق ئوپېراتسىيە ھەققى ۋە تۈرلۈك داۋالاش چىقىملىرى چوقۇم دەل ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرۇلۇشى كېرەك ئىدى. بەختكە قارشى، گۈلجەننەتنىڭ ئاتا-ئانىسى بۇرۇنلا ئاجرىشىپ كەتكەن بولۇپ، گۈلجەننەت ئانىسى بىلەن ئانىسىنىڭ ئازغىنە پېنسىيە مائاشىغا تايىنىپ ياشايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە گۈلجەننەتنىڭ ئانىسىمۇ بۇ قېتىملىق ئوت ئاپىتىدە يارىلانغان بولۇپ، ئوخشاشلا دوختۇرخانىدا داۋالانماقتا ئىدى. چاقماق چېقىلغاندەك تارالغان بۇ خەۋەر گۈلجەننەتنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ۋە ساۋاقداشلىرىنىڭ قۇلىقىغا يەتكىنىدە ئۇلارنىڭ قەلبى تەسۋىرلىگۈسىز ئازاب ۋە ئەندىشە بىلەن تولدى.

بەدىنىنىڭ 75 پىرسەنت قىسمى كۆيۈپ، ئېغىر يارىلانغان گۈلجەننەت قۇربان. 2012-يىلى سېنتەبىر.
بەدىنىنىڭ 75 پىرسەنت قىسمى كۆيۈپ، ئېغىر يارىلانغان گۈلجەننەت قۇربان. 2012-يىلى سېنتەبىر. (RFA/Erkin Tarim)

گۈلجەننەت قۇربان قەشقەر شەھەرلىك تېببىي مەكتەپ سېسترالىق سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ساۋاقداشلىرى ئۆز ئارىسىدا ئىئانە توپلىغاندىن سىرت يەنە دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا قەشقەر شەھىرىنىڭ ھەرقايسى كوچىلىرىدا گۈلجەننەتنىڭ داۋالاش پۇلى ئۈچۈن ئىئانە توپلىدى. تولىمۇ ئەپسۇس، توپلانغان پۇللار دوختۇرخانا كارىۋىتىدا ئاغرىق ئازابىدا ئىڭراۋاتقان ياش غۇنچىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق ئوپېراتسىيە ھەققىنىمۇ قامدىيالمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىئانە قىلىشىنى چەكلىدى. بۇ خەۋەر جەمئىيەتتە بەلگىلىك تەسىر قوزغىغاندىن كېيىن، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ئىدارە-ئورگانلار ۋە سودىگەرلەرمۇ تەرەپ-تەرەپتىن گۈلجەننەتكە يەتتە تۈمەندىن ئوشۇق پۇل توپلىدى. بۇ پۇللار بىلەن گۈلجەننەت ئىككىنچى قېتىملىق ئوپېراتسىيىگە كىردى. دۆلەتمۇ بەش تۈمەندىن ئوشۇق پۇل بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغىچە جەمئىي 15 تۈمەنگە يېقىن پۇل كەتكەن بولۇپ، كېيىنكى قەدەمدە ئېلىپ بېرىلىدىغان تۆت قېتىملىق ئوپېراتسىيە ئۈچۈن يەنە نۇرغۇن پۇل كېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

مەسئۇل دوختۇرنىڭ گۈلجەننەتنىڭ ئوقۇتقۇچىسىغا دېيىشىچە ھەتتا بۇ داۋالاشلار ئۈنۈم بەرگەن تەقدىردىمۇ گۈلجەننەت مېيىپ بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن. بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە ھەممەيلەنگە ئامالسىزلىق ئىچىدە ئۇنىڭ كۆيۈپ قاقشال بولۇپ كەتكەن بەدىنىگە ئاچچىق ئازاب بىلەن قاراش ۋە دۇئا قىلىشتىن باشقا چارە قالمىدى.

بۇنى بىلگەن ياشلار گۈلجەننەتنىڭ دوختۇرخانىدا تارتىلغان سۈرئىتىنى مىسرانىم، ئىزدىنىش، كۆكلەم، كەڭساي قاتارلىق ئۇيغۇرچە ئىنتېرنېت سەھىپىلىرىنىڭ مۇنبەرلىرىدە ئېلان قىلىش ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنى ئوچۇق ئىئانە پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا مۇراجىئەت قىلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىلا خۇسۇسىي تور بېكەتلەر بولۇپ، شۇنچە ئېغىر يارىدار كۆرۈلگەن بىر ئوت ئاپىتى ھەققىدە ھېچقانداق رەسمىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە خەۋەر بېرىلمىدى. بۇنىڭ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىدىن ئوت ئاپىتىنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبىنى سورىغىنىمىزدا ئوقۇتقۇچىنىڭ جاۋابى بىزنى ئويغا سالدى.

ئوت ئاپىتى موتسىكلىتىنىڭ توك مەنبەسىنىڭ كۆيۈپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، سۈرۈشتۈرۈلسە مەسئۇلىيەت موتسىكلىت شىركىتىنىڭ مەنپەئىتىگە بېرىپ تاقىلاتتى. ئەگەر ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە بۇ خەۋەر ئوچۇق تارقىتىلسا ياكى موتسىكلىت شىركىتى جازاغا تارتىلسا چوقۇم پۈتكۈل ئۇيغۇر دىيارىدىكى خىتايلار قۇرغان نۇرغۇن توكلۇق موتسىكلىت شىركەتلىرىنىڭ ئىقتىسادى مەنپەئىتى زىيانغا ئۇچرايتتى. چۈنكى توكلۇق موتسىكلىت ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەممىلا يېرىنى قاپلىغان بولۇپ، خەلقنىڭ ئەڭ ئالدى بىلەن تاللايدىغان قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ بىرىگە ئايلانغان ئىدى. بولۇپمۇ قەشقەر شەھىرىدە ھەممىلا ئائىلىدە دېگۈدەك توكلۇق موتسىكلىت تېپىلاتتى. بۇنداق بىر ئەھۋال ئاستىدا دۆلەتنىڭ موتسىكلىتلارنىڭ سۈپىتى، بىخەتەرلىكىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ھەققىدە بەلگىلىمە چىقارماسلىقى، ھەتتا سۈپەتسىز ماللارنى بازارغا سېلىش ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزۈلۈشىگە قارىتا ھېچقانداق چارە قوللانماسلىقى كىشىلەرنى ئويغا سالماقتا.

خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، ياردەم قىلىشنى خالىغانلار تۆۋەندىكى بانكا ھېساب نومۇرىغا پۇل ياتقۇزسا بولىدۇ. جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسى: 6222023012009580335.

گۈلجەننەتنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتقا ئېرىشمەكچى بولساڭلار گۈلجەننەتنىڭ سىنىپ مەسئۇلى دىلبەر مۇئەللىم بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزگە قۇلاق سالغايسىلەر.