بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 16-نۆۋەتلىك ئالىي كېڭىشى جۈمە كۈنى ئاخىرلاشتى. بىر ئاي داۋاملاشقان بۇ يىغىن داۋامىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىرقانچە تۈرلۈك پائالىيەت ئېلىپ باردى. بۇ پائالىيەتلىرىدىن بىرى مەھبۇس گۈلمىرە ئىمىننىڭ ئېرى بەختىيار ئۆمەرنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ب د ت دىكى ئىنسان ھەقلىرى يىغىندا 5-ئىيۇل مەھكۇملىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىشىدۇر. نۆۋەتتە نورۋېگىيىدە ياشاۋاتقان بەختىيار ئەپەندى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن بۇ يىغىنغا قاتناشقان.

بەختىيار ئەپەندى يىغىندا گۈلمىرە ئىمىن بىلەن 5-ئىيۇل كۈنى نامايىش مەزگىلىدە تېلېفوندا قىلىشقان سۆزلىرىنى ۋە بۇ سۆھبەتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش دەپ قارالغانلىقىنى، گۈلمىرە ئىمىن نامايىشتا ئاكتىپ رول ئالغانلىقى ئۈچۈن، ۋەقەنى تەشكىللىگۈچى دەپ ئەيىبلەنگەنلىكىنى ۋە مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنىپ، شۇ تاپتا، ئۈرۈمچىدىكى ئاياللار تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
شۇ كۈندىكى يىغىن شۋېتسارىيىدىكى ب د ت نى كۆزىتىش( UN Watch) تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن دۇنيادىكى 25 تىن ئارتۇق خەلقئارالىق تەشكىلات ۋەكىللىرىنىڭ قاتنىشىشىدا ئېلىپ بېرىلغان. يىغىندا مىسىردىكى نامايىشچىلار ۋە لىۋىيىدىكى ئىسيانچىلارنىڭ ۋەكىللىرى، بۇنىڭدىن باشقا، خىتاي ۋە تىبەت ۋەكىللىرىمۇ ئۆز ۋەزىيەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. يىغىننىڭ ئەتىسى يىغىن ۋەكىللىرى ب د ت نىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە بەزى دۆلەتلەرنىڭ باش ئەلچىلىرى بىلەن كۆرۈشكەن.
ب د ت ئىرقى قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش كومىتېتىنىڭ باشلىقى ۋەكىللەرنى قوبۇل قىلغاندا، لىۋىيە ۋەكىلى بىلەن ئۇيغۇر ۋەكىلىگىلا سۆز قىلىش پۇرسىتى بېرىلگەن. يىغىندا مىسىر ۋە لىۋىيىدىن كەلگەن ۋەكىللەر، ئۆزلىرىنىڭ نامايىش ۋە ئىسياننى تەشكىللەش جەريانىدا ئىنتېرنېتتىن قانداق پايدىلانغانلىقى ھەققىدە تەجرىبىلىرىنى تونۇشتۇرغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ توربېتىدىكى بىر خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ب د ت نىڭ 16-نۆۋەتلىك ئالىي كېڭىشى داۋامىدا، ئۇيغۇر مەسىلىسى 10 غا يېقىن دۆلەت ۋە تەشكىلاتنىڭ دوكلاتلىرىدا تىلغا ئېلىنىپ، بۇ نۆۋەتلىك كېڭەشتە باشتىن-ئاخىر كۈن تەرتىپتىن چۈشمىگەن مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان.
بەختىيار ئەپەندىنىڭ ئىككى كۈن داۋام قىلغان ب د ت دىكى پائالىيىتى جەريانىدىكى تەسىراتىنى ۋە مۇخبىرىمىز بىلەن بولغان سۆھبىتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.