خىتاي ھۆكۈمىتى سىياسىي مەھبۇس گۈلمىرە ئىمىن ھەققىدىكى سۈرۈشتۈرۈشتە ب د ت غا جاۋاب قايتۇردى

خىتاي ھۆكۈمىتى گۈلمىرە ئىمىن، ئەخمەت تۇرسۇن ۋە مۇختەر قاتارلىق 5 كىشىنى، 5-ئىيۇل نامايىشىنى پىلانلىغۇچى ۋە يېتەكلىگۈچى، دەپ قاراپ، 2010-يىلى 4-ئايدا مەخپىي سوت ئېچىپ، گۈلمىرە ئىمىننى مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلغان ئىدى.

0:00 / 0:00

بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسىيونىغا ئەرز سۇنۇپ، سوت تەرتىپى ۋە ھۆكۈمىنىڭ ئادىل بولمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە گۈلمىرە ئىمىن قاتارلىق مەھبۇسلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە خىتايدىن مەلۇمات ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. بۇنىڭغا ئاساسەن ب د ت، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن مەزكۇر ئەھۋال قارىشىغا ئىزاھات بېرىشنى تەلەپ قىلغان. يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ تەلەپكە جاۋاب قايتۇرغان.

خىتاينىڭ جاۋاب خېتى مۇنداق باشلانغان: «بىز ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسىيونى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنغانلارنى سۈرۈشتە قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ گۈلمىرە ئىمىن ھەققىدىكى سۈرۈشتە خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالدۇق. بىز يەنى جۇڭگو ھۆكۈمىتى خەتتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىگە قارىتا ئەستايىدىل تەكشۈرۈش ئېلىپ باردۇق، جاۋابىمىز مۇنداق.»

خىتاي ھۆكۈمىتى سىياسىي مەھبۇس گۈلمىرە ئىمىن ھەققىدىكى سۈرۈشتۈرۈشتە ب د ت غا جاۋاب قايتۇردى
خىتاي ھۆكۈمىتى سىياسىي مەھبۇس گۈلمىرە ئىمىن ھەققىدىكى سۈرۈشتۈرۈشتە ب د ت غا جاۋاب قايتۇردى

خەتتە، گۈلمىرە ئىمىننىڭ كىملىكى، تۇغۇلغان يېرى، ئەسلدىكى خىزمەت ئورنى ۋە خىزمەت ۋەزىپىسى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن. خەتنىڭ ئاساسى قىسمىدا گۈلمىرە ئىمىننىڭ ئاتالمىش جىنايەتلىرى، سوتلىنىش جەريانى ئۈستىدە توختالغان ۋە گۈلمىرە ئىمىننىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن 2009-يىلدىكى شاۋگۈەن ۋەقەسى ھەققىدىكى ئۇچۇرنى سەلكىن توربېتىگە قويۇپ قۇتراتقۇلۇق قىلغانلىقىنى، ئارقىدىن يەنە ئۇنىڭ قانۇنسىز يىغىلىش ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىغان ۋە يېتەكچىلىك قىلغانلىقىنى شۇڭا بۇ جىنايەت ئۈچۈن ئۇنىڭغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى سىياسىي مەھبۇس گۈلمىرە ئىمىن ھەققىدىكى سۈرۈشتۈرۈشتە ب د ت غا جاۋاب قايتۇردى
خىتاي ھۆكۈمىتى سىياسىي مەھبۇس گۈلمىرە ئىمىن ھەققىدىكى سۈرۈشتۈرۈشتە ب د ت غا جاۋاب قايتۇردى (RFA/Shohret Hoshur)

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسانى زىيارەت قىلدۇق. دولقۇن ئەيسا خىتاينىڭ خېتىدە دېيىلگەن ئاتالمىش جىنايەتلەرنىڭ ھېچبىرىنىڭ خەلقئارا قانۇن، مەيلى خىتاينىڭ قانۇنلىرىدا بولسۇن، ئەسلىدە جىنايەت سانىلىدىغان قىلمىشلار ئەمەسلىكىنى، خىتاي مەزكۇر جاۋابى ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى ئۆز ئېغىزى بىلەن ئېتىراپ قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى سىياسىي مەھبۇس گۈلمىرە ئىمىن ھەققىدىكى سۈرۈشتۈرۈشتە ب د ت غا جاۋاب قايتۇردى
خىتاي ھۆكۈمىتى سىياسىي مەھبۇس گۈلمىرە ئىمىن ھەققىدىكى سۈرۈشتۈرۈشتە ب د ت غا جاۋاب قايتۇردى (RFA/Shohret Hoshur)

خىتاينىڭ گۈلمىرە ئىمىن ھەققىدىكى جاۋاب خېتىدە يەنە، سوت داۋامىدا گۈلمىرە ئىمىننىڭ ئادۋوكات ئارقىلىق ئۆزىنى ئاقلاش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى، سوت مەيدانىدا گۈلمىرەنىڭ ئاتا-ئانا ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ھازىر بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خەتنىڭ ئاخىرىدا گۈلمىرە ئىمىننىڭ نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقانلىقى، سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ئالاھىدە ياخشى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن گۈلمىرە ئىمىننىڭ نورۋېگىيىدىكى ئېرى بەختىيار ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. بەختىيار، گۈلمىرەنىڭ سوتىدا راستىنىلا ئادۋوكات بولغانلىقىنى، ئەمما بۇ ئادۋوكاتنىڭ گۈلمىرە ئۆزى تاللىغان ئادۋوكات بولماستىن، ھۆكۈمەت تەيىنلىگەن ئادۋوكات ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ گۈلمىرەنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

بەختىيار گۈلمىرەنىڭ كېيىنكى ئەھۋالى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىگەن، مانا مۇشۇنىڭ ئۆزىلا، گۈلمىرەنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنىڭ قانداقلىقى ھەققىدە گۇمان پەيدا قىلماقتا.

مەلۇم بولۇشىچە، ب د ت ئىنسان ھەقلىرى كومىسسىيونىدا كېلەر ئايدا گۈلمىرە ئىمىن ھەققىدە مەخسۇس يىغىن ئېچىلىدۇ. يىغىنغا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ب د ت دىكى ۋەكىللىرى قاتنىشىدۇ. خىتاي گۈلمىرە ئىمىن مەسىلىسى ھەققىدە بۇ يىغىندا ب د ت ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىدۇ.