نەتىجىدە ھازىرغا قەدەر، ۋەقەدە ئۆلگەنلەردىن 6 كىشىنىڭ، تۇتۇلغان بالا ۋە ئۆسمۈرلەردىن ئىككى كىشىنىڭ كىملىكلىرى ئايدىڭلاشتى. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان تەپسىلىي خەۋىرىنى ئاڭلايسىلەر.
ھۈرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار يۇقىرىقى ۋە بۇندىن ئاۋۋالقى ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىزدىن قارىغاندا، ۋەقەدە ئۆلگەن يەتتە كىشىدىن 6 نەپىرى تۆۋەندىكىچە:
ئابدۇمىجىت سەيدەخمەت، 26 ياش، مۇكۇيلانىڭ 19 - كەنتىدىن؛
بۇزۆھرە سەيدەخمەت، 27 ياش، مۇكۇيلانىڭ 14 - كەنتىدىن؛
ئابىز سەيدەخمەت، 30 ياش، مۇكۇيلانىڭ 19 - كەنتىدىن؛
ھەبىبۇللا ئابدۇقادىر، 26 ياش، مۇكۇيلانىڭ 8 - كەنتىدىن؛
بۇرابىيە ئابدۇقادىر، 29 ياش، مۇكۇيلانىڭ 3 - كەنتىدىن؛
ئابلىكىم ئابدۇقادىر، 40 ياش، مۇكۇيلانىڭ 8 - كەنتىدىن.
بۇ ئالتە كىشىنىڭ ئىسىم - پامىلىلىرىدىن قارىغاندا، ئۇلارنىڭ ئۆز - ئارا قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى بارلىقى ۋە ئىككى چوڭ ئائىلىگە مەنسۇپلىقى بايقالماقتا. بىز يەنە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان 5 نەپەر بالا ۋە ئۆسمۈرنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، يەنە بىر قىسىم ئورۇنلارغا تېلېفون قىلدۇق:
يۇقىرىقى مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان 5 نەپەر بالا ۋە ئۆسمۈرنىڭ ئىككى نەپىرى تۆۋەندىكىچە:
مەمەت ئابلىكىم، 9 ياش، مۇكۇيلا باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 3 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى.
مەمتىمىن يۈسۈپ، 16 ياكى 17 ياش، مۇكۇيلانىڭ 20 - كەنتىدىن.
يەنە ئاشكارىلىنىشىچە، 28 - دىكابىر كۈنى خىتاينىڭ ساقچى قىسىملىرى بىلەن ئۇيغۇر ھىجرەتچىلەر ئارىسىدا چىققان توقۇنۇش مەيدانىدا، قارشلىق كۆرسەتكەنلەر ئارىسىدا 6 ياشلىق بىر بالىمۇ بار.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، خىتاي ساقچىلىرىغا تاش ئاتقان بۇ ئالتە ياشلىق بالىنىڭ ۋەقەدە ئۆلگەن ئابدۇمىجىت سەيدەخمەتنىڭ ئوغلى ئىكەنلىكى مەلۇم. ئەمما ئۇنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ياكى ھايات قالغانلىقى ئېنىق ئەمەس. ھازىرغىچە ئاشكارىلانغان ئۆلگۈچىلەر ئارىسىدا بىر كىشىنىڭ كىملىكىنىڭ تېخى مەلۇم بولماسلىقى شۇنداقلا يەنە، ۋەقەدىن ئامان قالغان 5 بالىنىڭ ئىچىدە 6 ياشلىق بىرىنىڭ بولماسلىقى، مەزكۇر 6 ياشلىق بالىنىڭ نەق مەيداندا ئۆلتۈرۈلگەنلىك ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا چىقارماقتا.