خۇ پىڭ قاتارلىقلار:«گۇما مۇكۇيلا ۋەقەسىدە ئاياللارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى خىتايدىكى دۆلەت تېررورچىلىقىنىڭ يەنە بىر ئىسپاتى»
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2011.12.30
2011.12.30

Public Domain
ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ «خىتايدىكى دۆلەت تېررورى، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئېتنىك قىرغىنچىلىقنىڭ يەنە بىر ئىسپاتى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسى مۇكۇيلا يېزىسىدىن، گۇمىنىڭ قوشتاغ يېزىسى ئارقىلىق كەشمىر چېگرىسىغا قاچقان ئۇيغۇرلارنىڭ، ساقچىلار تەرىپىدىن ئوققا تۇتۇلۇپ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىدە ئاياللارنىڭمۇ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، بۇ ۋەقە خەلقئارادا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.
چەتئەللەردىكى خىتاي تىلىدىكى تور بېكەتلىرىدە ۋەقە ھەققىدە مۇلاھىزىلەر يۈرگۈزۈلۈپ، بۇ ۋەقەنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتا قانلىق باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنىڭ يېڭى ئىسپاتى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
خىتايلار ئارىسىدا تونۇلغان سىياسىي ئانالىزچىلاردىن «بېيجىڭ باھارى» ۋە «شەپە» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرلىرى خۇ پىڭ ۋە جاڭ ۋېيگو ئەپەندىلەر، رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ۋەقە ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
«بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندى، ئۆزىنىڭ بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان چېغىدىلا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى، تېررورلۇق قالپىقى كىيدۈرۈپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى.
«خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز خەۋەرلىرىدە، 7 تېررورچىنى ئۆلتۈردۇق، 4نى يارىلاندۇردۇق دەپ خەۋەر تارقاتتى. ئەمما ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورچى دەپ ئاتىغان بۇ كىشىلەرنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئۈچۈن چەتئەلگە قاچماقچى بولغان ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى. تولۇق قوراللانغان خىتاي ساقچىلىرىنىڭ پىچاق بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەن ئۇيغۇرلارنى ئوققا تۇتۇپ، ھەتتا ئاياللارنى ئۆلتۈرۈپ بالىلارنى يارىلاندۇرغانلىقى ھۆكۈمەتنىڭ خەلققە قاراتقان تېررورلۇق باستۇرۇشىنىڭ تىپىك مىسالى دېيىشكە بولىدۇ.»
خۇ پىڭ ئەپەندى ساقچىلارنىڭ بۇ قېتىم مۇكۇيلا يېزىسىدا ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىق ھەرىكىتىنىڭ بۇ يىل 18 - ئىيۇل كۈنى خوتەن ناۋاغ ساقچىخانىسىدا 14 ئۇيغۇرنى تېررورچىلىق قىلدى دېگەن باھانىدە ئېتىۋېتىش ۋەقەسىگە ئوخشاش ۋەقە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
خۇ پىڭ ئەپەندى ئۆز بايانىدا، خوتەندە يۈز بەرگەن بۇ ئىككى قېتىملىق ۋەقەدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقەنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى خەلقئارادىن يوشۇرۇشىنىڭ ئۆزىلا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى جەھەتتىن ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان دۆلەت تېررورلۇقى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇپ، قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەرنى قىرىۋېتىش سىياسىتىنى خەلقئارادىن يوشۇرۇۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
«شەپە» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى جاڭ ۋېيگو ئەپەندى ۋەقە ھەققىدە ئۆز قارىشىنى ئىپادىلەپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنى تېررور قالپىقىنى كىيدۈرۈپ، نارازى بولغۇچىلارنى پۈتۈنلەي قىرىپ تاشلاش سىياسىتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
جاڭ ۋېيگو مۇنداق دېدى: «خىتاي كومپارتىيىسى تەكىتلەۋاتقان«مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش»سىياسىتى، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلار ئاپتونوم رايونىغا كەلگەندە تېخىمۇ قاتتىق ئىجرا قىلىنماقتا. بۇ سىياسەت رايوندا دۆلەت تېررورلۇقى ئارقىلىق خەلقنى باستۇرۇشقا ئايلاندى. ئۇلارنىڭ بۇ قېتىمقى گۇما مۇكۇيلا ۋەقەسىدە، چېگرادىن قاچماقچى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىكى ئاياللارنى ئۆلتۈرۈپ، نارەسىدە بالىلارغا ئوق چىقىرىپ يارىلاندۇرۇشى، مانا بۇ خىل دۆلەت تېررورلۇقى ئارقىلىق خەلقنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنىڭ تىپىك مىسالى.
خىتاينىڭ ھازىرقى ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىدىن قارىغاندا، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىگە نارازى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا «تېررورچى»دېگەن قالپاقنى كىيدۈرۈپ، باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. دۇنيا بۇ خىل ئەھۋالغا دىققەت قىلىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى مۇشۇنداق خالىغانچە قىرغىن قىلىشىغا يول قويماسلىقى كېرەك.»
جاڭ ۋېيگو ئەپەندى ئۆز بايانىدا يەنە بىرنەچچە يىل ئىلگىرى تىبەتتە يۈز بەرگەن چېگرىدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن تىبەت بالىسى بىلەن گۇما مۇكۇيلا ۋەقەسىنىڭ ماھىيەت جەھەتتىن ئوخشاشلىقىنى تەكىتلەپ، خىتاينىڭ ھەقىقى قىياپىتىنى ئاشكارىلاشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.
4 - 5 يىل ئىلگىرى خەلقئارا مەتبۇئاتلارنى زىلزىلىگە سالغان، 7 - 8 ياشلىق تىبەت بالىلىرىنىڭ، پەقەت دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ئۈچۈنلا ئاتا - ئانىلىرى بىلەن بىرلىكتە قارلىق تاغدىن ئارتىلىپ، ھىندىستانغا قېچىش سەپىرىدە، ئوققا تۇتۇلۇپ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى بىلەن، گۇما مۇكۇيلا يېزىسىدا يۈز بەرگەن ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ نورمال دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، ئاياللار ھەم چوڭى 17 ياش، كىچىكى 7 ياشقا ئەمدىلا تولغان بالىلارنى ئېلىپ، كەشمىر ئارقىلىق پاكىستان ياكى ھىندىستانغا قاچماقچى بولغىنىدا ئوققا تۇتۇلۇپ، ئاياللارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈپ، بالىلارنىڭ يارىلاندۇرۇلۇش ۋەقەسى ماھىيەتتە ئوخشاش ۋەقە. مېنىڭچە، گۇما مۇكۇيلا يېزىسى ۋەقەسىنىمۇ، ئەينى چاغدا چەتئەل مۇخبىرى ئارقىلىق دۇنياغا ئاشكارىلانغان تىبەت بالىلىرىنىڭ چېگرادا ئوققا تۇتۇلۇپ، ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىگە ئوخشاش دۇنياغا ئاشكارىلاپ، خەلقئارا جامائەت پىكرى توپلاش ھازىرقى شارائىتتا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تولىمۇ زۆرۈر.»
خۇ پىڭ ھەم جاڭ ۋېيگو ئەپەندىلەر ئۆز بايانلىرىدا يەنە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پەقەت ئۇيغۇرلارنىلا ئەمەس، بەلكى تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق باشقا مىللەتلەرنىمۇ ھەر خىل قالپاقلارنى كىيدۈرۈپ باستۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئەگەر بۇ خىل باستۇرۇش مۇشۇنداق داۋاملىشىۋەرسە بۇندىن كېيىن خىتايدا ئۆزى ئارزۇ قىلغان مەڭگۈلۈك ئەمىنلىك ئەمەس، بەلكى كوممۇنىست ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرى تېخىمۇ كۆپىيىپ، ئاخىرقى ھېسابتا كوممۇنىست ھاكىمىيەتنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.