گۇمىدىكى ۋەقەگە ئائىت تەپسىلاتلار مەخپىي تۇتۇلماقتا

مۇتەخەسسىسلەر ئادەتتە ئاپتوموبىللارنىڭ توڭلاپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان سۇيۇقلۇقلارنىڭ ئادەم ئۆلتۈرىدىغان دەرىجىدە زەھەرلىك بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

0:00 / 0:00

ئالدىنقى پەيشەنبە كۈنى يەنى 20-چېسلا خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىگە قاراشلىق سانجۇ يېزىسىدا يۈز بەرگەن زەھەرلىنىش ۋەقەسىدە 200 دىن ئارتۇق ئادەم زەھەرلەنگەن ۋە 11 ئادەم ئۆلگەن ئىدى. بۇ كىشىلەر سانجۇ بازىرىدىكى بىر لەڭپۇڭخانىدىن لەڭپۇڭ يېگەنلىكى ۋە ئۇ لەڭپۇڭچىنىڭ ئاچچىقسۈيىنى ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن زەھەرلەنگەن. تۈنۈگۈن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزدىن، بۇ بازادىكى لەڭپۇڭچىنىڭ شۇ يېزىدىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ لەڭپۇڭ يەيدىغان ئورۇنلۇقى، پەيشەنبە كۈنى شۇ لەڭپۇڭچىدا لەڭپۇڭ يېگەن نۇرغۇن كىشىنىڭ قاتتىق قورساق ئاغرىش، باش قېيىش، قۇسۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن يېزىلىق دوختۇرخانىغا بارغانلىقى، يېزىلىق دوختۇرخانىدىن ئەھۋالى ئېغىر بولغانلارنى ناھىيىلىك دوختۇرخانىغا يۆتكىگەنلىكى ئېنىقلانغان ئىدى. بۈگۈن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزدا، بەزى كىشىلەرنىڭ دوختۇرخانىغا بېرىشقىمۇ ئۈلگۈرمەيلا ئۆيىدە جان ئۈزگەنلىكى ۋە بەزى كىشىلەرنىڭ خوتەن ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىدا ھېلېھەم قۇتقۇزۇلۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋەقەگە ئالاقىدار تارقاتقان ئۇچۇرىدا زەھەرلىنىشكە سەۋەب بولغان ئاچچىقسۇنىڭ ئادەتتە ئاپتوموبىللارنىڭ توڭلاپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان سۇيۇقلۇق توشۇلغان باكلاردا توشۇلغانلىقتىن، زەھەرلىنىشكە سەۋەب بولغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما زەھەرلىنىشكە سەۋەب بولغان ۋە بىر قانچە سائەتتىلا جان ئالىدىغان بۇ ئۆتكۈر خىمىيىۋىلىك ماددىنىڭ زادى نېمىلىكىنى ئېنىق ئاشكارىلىماي كەلمەكتە. بىز بۈگۈن گۇما ناھىيىلىك دوختۇرخانىغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ۋەقەگە ئالاقىدار تەپسىلىي مەلۇماتلارنى دوختۇرلاردىنمۇ مەخپىي تۇتۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.

تېلېفوننى ئالغان نۆۋەتچى دوختۇر بىزگە ھازىر ۋەقەگە ئالاقىدار بارلىق ئۇچۇرلارنىڭ خوتەن ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەتكە كەتكەنلىكى، بۇلارنىڭ مەخپىي تۇتۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ۋەقەگە ئالاقىدار تەپسىلاتلارنى مەخپىي تۇتۇشى ھەم گۇمىدىكى خەلق ئارىسىدا تۈرلۈك سۆز-چۆچەكلەرنىڭ يېيىلىشىغا سەۋەب بولغان بولسا ھەم چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ئارىسىدا نارازىلىق پەيدا قىلماقتا. ئۇلار مۇستەقىل بىر سەھىيە ئورگىنىنىڭ گۇمىدىكى بۇ زەھەرلىك ئاچچىقسۇنى تەكشۈرۈشىنى تەلەپ قىلماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئىلگىرى سۈرگەن ئاپتوموبىللارنىڭ توڭلاپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بۇ خىل سۇيۇقلۇق ئادەم جېنىغا زامىن بولامدۇ؟ بىز بۇنىڭغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن ئامېرىكا كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تېببىي پەنلەر دوكتورى مەمتىمىن ئەپەندىدىن سورىدۇق. ئۇ ئادەتتە خەلقئارا ئۆلچەم بويىچە ئالغاندا بۇنداق سۇيۇقلۇقنىڭ ئادەمنىڭ جېنىنى ئالغۇدەك دەرىجىدە زەھەرلىك بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بۈگۈن ئىستانسىمىزنىڭ گۇاڭدۇڭ بۆلۈمىنىڭ گۇمىدىن ئىگىلىشىچە، سانجۇ بازىرىدىكى بۇ لەڭپۇڭچى خوتەندىكى مەلۇم بىر كىچىك ئاچچىقسۇ زاۋۇتىنىڭ ئاچچىقسۈيىنى ئەكېلىپ ئىشلەتكەن بولۇپ، بۇ ئاچچىقسۇ زاۋۇتى ئاچچىقسۇ توشۇشقا ئىشلەتكەن باكلار ھەممىسى شەندۇڭدىكى بىر خىمىيە زاۋۇتىغا ئائىت باكلار ئىكەن. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن خوتەن ھۆكۈمەت دائىرىلىرى دەرھال ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، بارلىق تۇڭلۇق ئاچچىقسۇ ساتىدىغان ئورۇنلارنى پېچەتلىگەن. ئاشخانىلارغا كىرىپ، ئۇلار تاماق ئەتكەندە ئىشلىتىدىغان ئاچچىقسۇلارنىڭ ئوخشاش يەردىن كەلگەن-كەلمىگەنلىكىنى تەكشۈرگەن. بۈگۈن بوشۇندا تارقالغان خەۋەرلەردە، خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىمۇ زەھەرلىك ئاچچىقسۇلارنىڭ بايقالغانلىقى خەۋەر قىلىندى. كۆزەتكۈچىلەر، گۇمىدىكى ۋەقەنىڭ نۇرغۇن سوئاللارنى پەيدا قىلىدىغان بىر سىرلىق ۋەقە بولۇش بىلەن بىرلىكتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېمەكلىكلەر بىخەتەرلىكى مەسىلىسىدىكى مەسئۇلىيەتسىزلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلايدىغان بىر ۋەقە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، گۇمىدىكى ۋەقەدە خىتاي سەھىيە تارماقلىرىنىڭ قاتتىق مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئېيتماقتا.

سانجۇ يېزىسىدىكى بۇ ۋەقە رۇقىيە ئابلەت ئىسىملىك بىر ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىسى، پاتىگۈل مەترېھىم ئىسىملىك بىر يېزا كادىرى قاتارلىق 11 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى.