رابىيە قادىر، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بويىچە گۇۋاھلىق بەردى


2005.04.28

rabiye-tom.jpg
رابىيە قادىر خانىم پارلامېنت ئەزاسى توم لەنتوس بىلەن. (ئوڭدىن: Mrs. Annette Lantos, Tom Lantos، رابىيە قادىر، سىدىق ھاجى، نۇري تۈركەل)

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى چارشەنبە كۈنى ئۆتكۈزگەن ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى ئىسپات بېرىش يىغىندا، مەشھۇر ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر گۇۋاھلىق بەردى. رابىيە قادىر، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىكى يەكلىنىش بىلەن بىرگە، كىشىلىك ھوقۇقى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنىش، ئادالەتسىز سوتلىنىش، تەن جازاسىغا ئۇچراش شۇنداقلا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىش قاتارلىق ئېغىر دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

غەربنى ئېچىش ئىستراتېگىيىسى ۋەيران قىلىش خاراكتېرىگە ئىگە

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادى تالان - تاراج قىلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن رابىيە قادىر، "خىتاي كۆچمەنلەر ئېقىمى خىزمەت ۋە يەر- زېمىن مەسىلىسىدىكى رىقابەتنى كۈچەيتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىغا تەھدىت بولۇپ قالدى" دەپ كۆرسەتتى. رابىيە قادىر خانىم يەنە "خىتاينىڭ غەربنى ئېچىش ئىستراتېگىيىسى ئۇيغۇرلارغا ۋەيران قىلىش خاراكتېرلىك ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كەلمەكتە." دېدى. ئۇيغۇرلارنىڭ يەر- زېمىن ۋە ئىقتىسادى تەرەققىياتىنى پىلانلاش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن رابىيە قادىر، ئۈرۈمچى بىلەن قەشقەر ئارىسىدىكى تۆمۈر يولنىڭ زۆرۈرىيەتسىز ۋە مۇۋاپىق بولمىغان تەرەققىياتنى يارىتىپ، تېخىمۇ كۆپ خىتايلارنىڭ ئېقىپ كىرىشى شۇنداقلا تەبىئىي ۋە بىناكارلىق مىراسلىرىنىڭ ۋەيران بولۇشىغا يول ئاچقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى ئەڭ زۇلمەتلىك دەۋرىدە ياشىماقتا

rabiye.jpg
رابىيە خانىم پالاتا ئەزاسى Janice Schakowsky بىلەن

رابىيە قادىر خانىم يەنە "2001 - يىلدىكى 11 - سېنتەبىر ۋەقەسى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۆكتىچىلەرنى خەلقئارا تېررورىزم بىلەن ئالاقىدار، دەپ كۆرسىتىشكە باھانە ياراتتى، شۇنىڭدىن كېيىن خەلقىم تارىخىدىكى ئەڭ زۇلمەتلىك دەۋرنى بېشىدىن كەچۈرمەكتە. بىزنىڭ كىملىكىمىز ۋە مەدىنىيىتىمىز تەھدىت ئاستىدا قالدى. كەچۈرمىشلىرىم شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، بىزنىڭ كىملىكىمىزنى كەمسىتىش بېيجىڭدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك دائىرىلەر تەرىپىدىن يولغا قويۇلغان سىستېمىلىق ۋە پىلانلىق سىياسەتنى ئاساس قىلغان." - دېدى. ئۇيغۇرلارنىڭ كۆز قارىشىنى سۆزلىگەنلىكى ئۈچۈنلا قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن رابىيە قادىر، تارىخشۇناس توختى تۇنىيازنىڭ 11 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئاياللار ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا مەجبۇرى قىسىرلاشتۇرۇلدى

رابىيە قادىر يەنە "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۇغۇتنى چەكلەش سىياسىتى ئۇيغۇر خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ تەھدىتلەرنىڭ بىرى. مەن ئاياللار تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، نۇرغۇن ئاياللارغا مەجبۇرى تۇغۇت چەكلەش دورىسى بېرىلگەنلىكى شۇنداقلا بۇنىڭ بەزىدە ئېغىر ئاقىۋەتلەر ياراتقانلىقىنى بىلىمەن. نۇرغۇن ئاياللار ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا مەجبۇرى قىسىرلاشتۇرۇلدى."

لورىن كرېينىرنىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى نۇتۇقى ئۇيغۇرلاردا " تەۋرىنىش" پايدا قىلغان

رابىيە قادىر، سابىق ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لورىن كرېينىرنىڭ 2002 - يىلى 18 - دېكابىردا ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلىپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆزلىگەن نۇتۇقى ئۇيغۇرلاردا " تەۋرىنىش" پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: " ئۇ بىزگە بىزنىڭ دۆلىمىتىمىزدىكى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا كىشىلىك ھوقۇقنى سۆزلىدى. بۇ بىز ئۈچۈن يەر تەۋرىگەنلىك بىلەن باراۋەر ئىدى." رابىيە قادىرنىڭ دۆلەت مەجلىسىدىكى زاتلارغا ئەسكەرتىشىچە، لورىن كرېينىرنىڭ سۆزى ئۇيغۇرلاردىكى دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىككە ئىشەنچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتكەن.

ئامېرىكىنىڭ غەمخورلىقى يىتەرلىك ئەمەس

رابىيە قادىر خانىم "ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسىنىڭ تېخىمۇ كۆپ غەمخورلىقىغا مۇھتاج، گەرچە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى بىزنىڭ قىيىنچىلىقىمىزغا كۆڭۈل بۆلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ يەنىلا يىتەرلىك ئەمەس،" دەپ كۆرسەتتى.

خىتاينىڭ غەربنى ئېچىش ئىستراتېگىيىسى ئۇيغۇرلارغا ۋەيران قىلىش خاراكتېرلىك ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كەلمەكتە.

بۇ قېتىمقى يىغىننى ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزالىرىدىن توم يۇدالل، دانا روباكېر، جېين چاكوۋسكىي، تام لانتوس قاتارلىقلار ئۇيۇشتۇرغان. يىغىننى ئاۋام پالاتا ئەزاسى توم يۇدۇلل باشقۇردى. ئاۋام پالاتا ئەزاسى دانا روباكىر، " رابىيە قادىرنىڭ ئۈرۈمچىدىكى پەرزەنتلىرى تەھدىتكە ئۇچرىسا دۆلەت مەجلىسى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قاراپ تۇرمايدۇ، دېدى."

شىنجاڭغا خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەش ئىرقىي كەمسىتىشنىڭ ئىپادىسى

شىنجاڭغا خىتاي كۆچمەنلەرنى يۆتكەش، شىنجاڭدا ئىرقىي كەمسىتىش سىياسىتىنىڭ ئەڭ تىپىك ئىپادىسى.

يىغىندا رابىيە قادىر بىلەن بىرگە گۇۋاھلىق بەرگەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى سۇزان سولوۋېن، " شىنجاڭدا ئىرقىي كەمسىتىشنىڭ ئەڭ تىپىك ئىپادىسى شىنجاڭغا خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەش،" دەپ كۆرسەتتى.

سولوۋېن مۇنداق دەيدۇ: "خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاز سانلىق مىللەتلەرگە پىلانلىق تۇغۇت، ئالى مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىش، خىزمەت تەقسىماتى قاتارلىقلاردا ئېتىۋار بېرىش سىياسىتى بولسىمۇ، ئەمما مەملىكەت بويىچە ئاز سانلىق مىللەتلەرنى كەمسىتىش ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىر." سولوۋېن يەنە مۇنداق دەيدۇ: "شىنجاڭغا خىتاي كۆچمەنلەرنى يۆتكەش، شىنجاڭدا ئىرقىي كەمسىتىش سىياسىتىنىڭ ئەڭ تىپىك ئىپادىسى. 1949 - يىلى 300 مىڭ ئەتراپىدىكى خىتاي نوپۇسى 2000 - يىلى 8 مىليوندىن ئېشىپ كەتتى. قانۇن تۈزۈملەر شۇنداقلا ئۆزلۈكسىز باستۇرۇش ئۇيغۇرلارغا ئېغىر بېسىم شەكىللەندۈرگەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدا، بۇ بېسىمنىڭ بولۇپمۇ 1997 - يىلدىن كېيىن مىللەتلەرنى ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، بۆلگۈنچىلەرگە، تېرورچىلارغا شۇنداقلا دىنىي ئەسەبىيلىككە زەربە بېرىش قاتارلىق ھەرىكەتلەر ئارقىلىق تېخىمۇ ئېغىرلاشقانلىقى كۆرسىتىلگەن."

سولوۋېن: شىنجاڭدا تىنچ يوللار بىلەن پىكىر بايان قىلغان ئۆكتىچىلەر زەربە يىمەكتە

سولوۋېننىڭ تەكىتلىشىچە، زەربە بېرىش ھەركەتلىرى 1997 -يىلدىن بېرى قەرەللىك ئېلىپ بېرىلماقتىكەن. خەلقئارا تېرورىزىمغا قارشى ئۇرۇشنىڭ باھاناسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ زەربىگە ئۇچرىغانلىقىنى تەكىتلىگەن سولوۋېن، " تىنچ يوللار بىلەن پىكىر بايان قىلغان ئۆكتىچىلەر شۇنداقلا تەرەپسىز دىنىي زاتلارمۇ زەربە يىمەكتە،" دەپ كۆرسەتتى.

سولوۋېن خانىم مۇنداق دەيدۇ: " شىنجاڭدا باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ نىشانى بۆلگۈنچىلىك، تېررورچىلىق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىكتىن ئىبارەت ئۈچ خىل ئۇنسۇرلەرگە زەربە بېرىشكە قارىتىلغان.

بۇ، مۇقىملىقنى قوغداش نامى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. بۇ جەرياندا ئاتالمىش بۆلگۈنچىلەر، تەررورچىلار ۋە دىنىي ئەسەبىيلەر بىلەن بىرگە، تىنچ يولدىكى ئۆكتىچىلەر قارا - قويۇق زەربىگە ئۇچرىدى. ئۇلار مۇشۇ جىنايەتلەر بىلەن ئۇزۇن - مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنماقتا."

بۇ قېتىمقى يىغىندا رابىيە قادىر ۋە سۇزان سولوۋېنلار بىلەن بىرگە، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزۈتۈش تەشكىلاتىدىكى ۋىنا سىدخارت، خەلقئارا ئومۇمى كەچۈرۈم تەشكىلاتىدىكى ت. كۇمار شۇنداقلا ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەللەر سۆز قىلدى. يىغىن دۆلەت مەجلىسىنىڭ رېيبورن سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.