گۈزەل ئەخلاق بىلەن ناچار ئەخلاقنى ئۆلچەيدىغان ئومۇمىي پرىنسىپلار

دۇنيادا ھەر قانداق بىر ئىشنىڭ مەلۇم دەرىجىدە ئۆلچىمى ۋە پرىنسىپى بولغاندەك، ياخشى ئەخلاق بىلەن يامان ئەخلاقنى ئايرىۋېلىشنىڭمۇ مەلۇم ئۆلچەملىرى بار. كۆپلىگەن كىشىلەر بۇ ئۆلچەمنى كىشىلەرنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىدىن ئىزدەيدۇ، ئۇلارنىڭ گەپ-سۆزلىرىدىكى سىلىقلىق ۋە ئىبادەتلىرىدىكى دائىمىلىقنى گۈزەل ئەخلاقنىڭ ئۆلچىمى قىلىۋالىدۇ. يەنە بەزى كىشىلەر بەزى ئىنسانلاردىكى تىز ئاچچىقلىنىش ۋە ئۇدۇل گەپ قىلىش دېگەندەك ھالەتلەرنى يامان ئەخلاقنىڭ ئۆلچىمى قىلىۋالىدۇ ۋە ھەر ئىككىسىدە كۆپ ھاللاردا خاتالىشىدۇ.

0:00 / 0:00

ئۇلۇغ ئالىم ئابدۇراھمان ھەبەننەكە «ئىسلام ئەخلاقى» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «چۈنكى، ئاچچىق ئادەمنىڭ ئىچىدىن كېلىدۇ، سىپايىلىك كۆپىنچە ياسالمىلىقتىن كېلىدۇ، يەنە بېرىپ بىراۋنىڭ كۆپ ئىبادەتلەرنى قىلغانلىقى ئۇنىڭ ئەخلاقىنىڭ ياخشىلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ. جەمئىيەتنىڭ بېسىمى ياكى ئاتا-ئانىسىنىڭ زورى بىلەن ئىبادەتلەرنى كۆڭلىدىن بولمىسىمۇ ئادەت ھالىغا كەلتۈرۈۋالغان ناچار ئادەم، بەرىبىر ناچارلىقىنى قىلماي قالمايدۇ.

گۈزەل ئەخلاق بىلەن ناچار ئەخلاقنى ئۆلچەيدىغان بىرىنچى پرىنسىپ

ئىنساننى باشقىلاردىكى بىلىم-قابىلىيەت، ئەخلاق-پەزىلەت، بايلىق، تەلەي قاتارلىق قانداقلا بىر ئارتۇقچىلىقنى -گەرچە ئۆزىنىڭ زىيىنىغا بولغان تەقدىردىمۇ- ئېتىراپ قىلىشقا ئۆزلۈكىدىن ئىتتىرگەن تۇغما ياكى ئۆگىنىپ يېتىلدۈرگەن ھەرقانداق بىر تۈرتكە گۈزەل ئەخلاق پرىنسىپلىرىدىن بىر پرىنسىپتۇر. بۇ پرىنسىپنىڭ ئەكسى رەزىل ئەخلاق تۈرلىرىدىن سانىلىدۇ. ئىنساننى باشقىلاردىكى بىلىم-قابىلىيەت، ئەخلاق-پەزىلەت، بايلىق، تەلەي قاتارلىق قانداقلا بىر ئارتۇقچىلىقنى شەخسىيەتچىلىك، كۆرەلمەسلىك، كۆڭلى تارلىق قاتارلىق نەپسىي خاھىش سەۋەبلىك ئېتىراپ قىلماسلىققا ئىتتىرگەن تۇغما ياكى كەسپىي (ئۆگىنىپ يېتىلدۈرگەن) ھەرقانداق بىر تۈرتكە ناچار ئەخلاق تۈرتكىلىرىدىن بىر تۈرتكىدۇر.

گۈزەل ئەخلاق بىلەن ناچار ئەخلاقنى ئۆلچەيدىغان ئىككىنچى پرىنسىپ

ئىنساننى ئۈستىدىكى ھەق- ھوقۇقلارنى تولۇق ئادا قىلىشقا ياكى ئۆزىنىڭ بىلىمى، كۈچى، پۇل-مېلى، جەمئىيەتتىكى ئورنى بىلەن باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈشكە ئۆزلۈكىدىن ئىتتىرگەن تۇغما ياكى ئۆگىنىپ يېتىلدۈرگەن ھەرقانداق بىر تۈرتكە گۈزەل ئەخلاق پرىنسىپلىرىدىن بىر پرىنسىپتۇر. بۇ پرىنسىپنىڭ ئەكسى رەزىل ئەخلاق تۈرتكىلىرىدىن سانىلىدۇ. ئىنساننى باشقىلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىشقا ياكى ئۆزىدىن ھېچقانداق بىر چىقىم ياكى كۈچ تەلەپ قىلمايدىغان ئىشلاردىمۇ باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈشتىن ياكى ئىختىيارى ۋە بىرەر مەنپەئەت كۆزلىمىگەن ھالدا، بىراۋنى زىياندىن قۇتۇلدۇرۇپ قويۇشتىن ۋاز كېچىشكە ئىتتىرگەن تۇغما ياكى ئۆگىنىپ يېتىلدۈرگەن ھەرقانداق بىر تۈرتكە ناچار ئەخلاق تۈرتكىلىرىدىن بىر تۈرتكىدۇر.

گۈزەل ئەخلاق بىلەن ناچار ئەخلاقنى ئۆلچەيدىغان ئۈچىنچى ئومۇمىي پرىنسىپ

ئىنساننى باشقىلارنىڭ قوللىرىدىكىسىگە كۆز قىزارتماستىن، ئاللاھ تائالانىڭ تەقسىماتىغا قارشى چىقماستىن، ئۆزىگە بېرىلگەنلەرگە قانائەتلىنىپ، ئۇنىڭغا رازىلىق بىلدۈرۈشكە ئۆزلۈكىدىن ئىتتىرگەن تۇغما ياكى ئۆگىنىپ يېتىلدۈرگەن ھەرقانداق بىر تۈرتكە گۈزەل ئەخلاق پرىنسىپلىرىدىن بىر پرىنسىپتۇر.

بۇ پرىنسىپنىڭ ئەكسى رەزىل ئەخلاق تۈرتكىلىرىدىن سانىلىدۇ. ئىنساننى باشقىلارنىڭ ئىگە بولغانلىرىغا كۆز قىزارتىش، كۆرەلمەسلىك ئارقىلىق ئاللاھ تائالانىڭ تەقسىماتىغا قارشى چىقىشقا ئىتتىرگەن تۇغما ياكى ئۆگىنىپ يېتىلدۈرگەن ھەرقانداق بىر تۈرتكە ناچار ئەخلاق تۈرتكىلىرىدىن بىر تۈرتكىدۇر.