ھەدىسلەر توپلىمى ناملىق كىتاب ئىستانبۇلدا نەشر قىلىندى

ھەدىسلەر توپلىمى ناملىق 9 قىسىملىق كىتاب ئىستانبۇلدىكى سۇتۇق بۇغراخان مائارىپ نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. بۇ كىتابنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى دوكتۇر ئالىمجان ئاتاۋۇللانىڭ تەشكىللىشى بىلەن سۇتۇق بۇغراخان مائارىپ نەشرىياتىنىڭ تەرجىمە بۆلۈمى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ نەشرگە تەييارلىغان. بۇ كىتابنى ماراككەشلىق مۇھەممەد ئىبنى سۇلايمان مەغرىبى دېگەن كىشى ئەرەب تىلىدا يازغان بولۇپ، بۇ كىتاب سەھىھۇل بۇخارى ۋە سەھىھ مۇسلىم قاتارلىق ئىسلام دۇنياسىدا مەشھۇر بولغان 15 ھەدىس كىتابىدىن تاللانما ئىكەن.

0:00 / 0:00

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئابلىكىمخان مەخسۇم، ئابدۇلخالىق ئابدۇلباقى ۋە مۇمىنجان قاتارلىق شەخسلەر بۇ كىتابنىڭ تەرجىمە تەھرىرلىكىنى قىلغان. 9 قىسىملىق بۇ كىتابنىڭ ھەر بىر قىسىمىنىڭ مۇقاۋىسى قاتتىق تاشلىق قىلىپ لايىھىلەنگەن.

كىتابنىڭ كىرىش سۆزىدە مۇنداق دېيىلگەن: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەرەب خەلقىدىن چىققان ۋە ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئان كەرىممۇ ئەرەب تىلىدا نازىل بولغان بولغاچقا، ئۇنىڭ ھەدىسلىرىمۇ ئەرەب تىلىدا بارلىققا كەلگەن ۋە ئەرەب تىلىدا رەتلەپ توپلانغانىدى. ئىسلام دىنىنىڭ ئىزچىل كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، ئەرەب بولمىغان نۇرغۇن مىللەتلەر، خەلقلەر ئىسلام دىنىغا قۇچاق ئاچتى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئىچىدىن يېتىشىپ چىققان ئالىم - ئۆلىمالارنىڭ تىلى ياكى قەلىمى ئارقىلىق ئىسلام دىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، شۇنىڭغا ئەمەل قىلىپ كەلدى ۋە كېلىۋاتىدۇ.

ئۇيغۇرلار ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئىسلام دىنىنىڭ بىرىنچى دەستۇرى بولغان قۇرئان كەرىمنىڭ تەرجىمىسى بىلەن يۈزلەشتى. شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئىككىنچى دەستۇرى ھەدىسمۇ ئاز - ئازدىن تەرجىمە قىلىنىپ، كىتاب ۋە رىسالە شەكىلدە تارقىتىلىپ كەلدى. ئەمما بۇ چەكلىك خىزمەتلەر، دىنى ئىلىملەرگە بولغان ئىشتىياقى، تىلەك - ئارزۇلىرى كۈنسايىن ئېشىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئېھتىياجىنى يېتەرلىك دەرىجىدە قامداپ كېتەلمىدى. بىز خەلقىمىزنىڭ ھەدىسكە بولغان تەشنالىقىنى ۋە تىلەك - ئارزۇلىرىنى نىسبىي بولسىمۇ قاندۇرۇش مەقسىتىدە بۇ "ھەدىسلەر توپلىمى" ناملىق قىممەتلىك ئەسەرنى تەرجىمە قىلىپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇق.

بۇ ھەدىسلەر توپلىمى ناملىق كىتاب مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقادى، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ھاياتىغا ئالاقىدار 10 مىڭدىن ئارتۇق ھەدىسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

بىز بۇ كىتاب ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن بۇ كىتابنى تەرجىمە قىلىش ۋە نەشىرگە تەييارلاش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى بولغان دوكتۇر ئالىمجان ئاتاۋۇللا بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.