ھاجى بەكتاشى ۋەلى ۋە ئۇنىڭ دۇنيا قارىشى

بۈگۈنكى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى زېمىنىنىڭ تۈركلىشىشىدە ئوتتۇرا ئاسىيا، يەنى تۈركىستاندىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭمۇ بەلگىلىك تۆھپىسى بار. تۈركىيىنىڭ ھەممىلا يېرىدە تۈركىستاندىن كەلگەن مۇتەپەككۇر، ئۆلىما ۋە ئۇلۇغ شەخسلەرنىڭ مەقبەرىسى ۋە ئۇلارنىڭ نامىغا سېلىنغان مەسچىتلەرنى ئۇچرىتىش مۇمكىن. بۇلاردىن بىرى بۈگۈنكى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى نەۋشەھىر ۋىلايىتىنىڭ ھاجى بەكتاشى ۋەلى ناھىيىسىدىكى ھاجى بەكتاشى ۋەلىنىڭ مەقبەرىسى ۋە مەدرىسىدۇر.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2012.09.07
haji-bektashi-305.png 13 - ئەسىردە ياشىغان مەشھۇر مۇتەپەككۇر ھاجى بەكتاشى ۋەلى
Public Domain


بىز ئىككىنچى سېنتەبىر كۈنى بۇ مەقبەرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇق. بۇ يەردىكى مۇزېيلاردا ساقلىنىۋاتقان ھاجى بەكتاشى ۋەلى تەرىپىدىن قوللىنىلغان تۇرمۇش ۋە مەدەنىيەت بۇيۇملىرىنىڭ پۈتۈنلەي ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئەڭ قەدىمكى خەلقى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭكىگە ئوپئوخشاشلىقى دىققىتىمىزنى تارتتى.

ئۇنداقتا ھاجى بەكتاشى ۋەلى زادى كىم؟ ئۇنىڭ ئانا يۇرتى زادى قەيەر؟ ئۇنىڭ دۇنيا قارىشى قانداق؟

ھاجى بەكتاشى ۋەلى 13 - ئەسىردە يېتىشكەن مەشھۇر مۇتەپەككۇر ۋە دانىشمەندۇر. ئۇ تۈركىستاننىڭ خۇراسان رايونىنىڭ نىشابۇر شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. ئانىسى خاتەم خاتۇن، دادىسى بولسا سېيىت ئىبراھىم سانى بولۇپ، ھەر ئىككىسىلا تۈرك قېنىدىن. ھاجى بەكتاشى ۋەلىنىڭ تۇغۇلغان ۋە ۋاپات بولغان ۋاقتى ئوخشىمايدىغان شەكىلدە قەيت قىلىنغان. بەزى تارىخىي مەنبەلەردە تۇغۇلغان يىلى 1248 - يىلى دەپ قەيت قىلىنغان بولۇپ، ئاناتولىيىگە كېلىش ۋاقتى 1270 - 1280 - يىللىرى دەپ قەيت قىلىنغان. ۋاپات بولۇش ۋاقتى بولسا 1337 - يىلى دەپ خاتىرىلەنگەن. يەنە بەزى تارىخىي مەنبەلەردە تۇغۇلغان يىلى 1209 - يىلى، ۋاپات بولغان يىلى بولسا 1271 - يىلى ئىكەنلىكى خاتىرىلەنگەن. ئاقىلانىلىكى ۋە ئىلىمسۆيەرلىكى بىلەن تونۇلغان ھاجى بەكتاشى ۋەلى دۇرۇس بولغان كىشىلىككە ساھىب شەخستۇر. باشلانغۇچ مەكتەپنى تۈركىستاننىڭ پىرى خوجا ئەخمەد يەسەۋىنىڭ مەدرىسىدە ئوقۇغان بولۇپ، نۇرغۇن ئالىملار يېتىشىپ چىققان خۇراساندا ئىلىم دائىرىسىنى كېڭەيتكەن. ھاجى بەكتاشى ۋەلى ئاناتولىيە سەلجۇق دۆلىتىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت قۇرۇلمىسى بۇزۇلۇپ، گۇمراھلىققا يۈزلەنگەن بىر دەۋردە ئاناتولىيىگە كېلىپ، ھازىرقى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قىرشەھەر ۋىلايىتىدىكى سۇلوجا ھاجىم كەنتىگە يەرلەشكەن. ئاناتولىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسىملىرىنى بىر مەزگىل كەزگەندىن كېيىن، ئاناتولىيە خەلقىنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرىنى ئۆزى تۈركىستاندىن ئېلىپ كەلگەن مەدەنىيىتى بىلەن يىغىنچاقلاپ بىر ئىلىم - مەرىپەت مەركىزى قۇرغان. بۇ مەركەزدە كۆپ ساندا شاگىرت يېتىشتۈرگەن ۋە ئەسكەرلەرنىڭ مەنىۋى بايراقدارىغا ئايلانغان ھاجى بەكتاشى ۋەلى ئاناتولىيە زېمىنىنىڭ بىرلىككە كېلىشىگە زور تۆھپىلەرنى قوشقان. ھاجى بەكتاشى ۋەلى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە تۈرك تىلى ۋە كۈلتۈرىنى يات تىل ۋە كۈلتۈرلەرنىڭ تەسىرىدىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن پۈتۈن زېھنىنى سەرپ قىلغان. ئۇنىڭ پەلسەپىسى ئەسەبىيلىكتىن خالى، زامانغا ماس كېلىدىغان پىكىرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئىبادەت ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئاياللارنى ئەرلەر بىلەن ئوخشاش قىممەتكە كۆتۈرگەن. گۈزەل سەنئەتكە زوق بىلەن قارايدىغان بولۇپ، ھەتتا مەدرىسىدە گۈزەل سەنئەت دەرسىنىمۇ ئۆتكەن.

ھاجى بەكتاشى ۋەلىنىڭ «ماقالىيەت»، «كىتابۇل فەۋايىد»، «شاتھىييە» قاتارلىق ئۈچ ئەسىرى بۈگۈنگىچە يېتىپ كەلگەن. ھاجى بەكتاشى ۋەلىنىڭ ھاياتى ۋە كارامەتلىرى بايان قىلىنغان «ۋەلايەتنامە» مۇ كۈنىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن.

تۆۋەندىكىلىرى ھاجى بەكتاشى ۋەلىنىڭ ئۈگۈتلىرىدىن تاللانمىلار بولۇپ، ھەممەيلەنگە تەسىر قىلىشى مۇمكىن.

_ ئىزدىسەڭ تاپىسەن

_ ئازار يېسەڭمۇ، ئازار بەرمە

_ ئاياللارنى ئوقۇتۇڭلار

_ ئارمانغا يېتىش سەۋر بىلەندۇر.

_ تەتقىقات ئوچۇق ئىمتىھاندۇر

_ قولۇڭغا، تىلىڭغا، بېلىڭگە ئىگە بول.

_ نېمە ئىزدىسەڭ ئۆزۈڭدىن ئىزدە

_ پاك كىشىلەر ھەم پاكىزدۇر ھەم پاكىزلىغۇچىدۇر

_ بىر بولايلى، كۆپ بولايلى، جانلىق بولايلى

_ ئىلىم ئەھلىنىڭ دەسلەپكى مۇقامى ئەدەپتۇر

_ ئىنسان گۈزەللىكى سۆزىنىڭ گۈزەللىكىدە

_ ھېچقانداق مىللەتنى ۋە ئىنساننى ئەيىبلىمەڭ

_ ئۆزۈڭگە راۋا كۆرمىگەننى ھېچكىمگە راۋا كۆرمە

_ ئىلىمدىن باشقا يولنىڭ ئاخىرى قاراڭغۇلۇقتۇر

_ قەلب قاراڭغۇلۇقىغا چىراغ تۇتقانلارغا نېمە دېگەن بەخت

_ كىتاب چۈشۈرۈلمىگەن پەيغەمبەرلەر ۋە مەسئۇلىيەتچان كىشىلەر تەڭرىنىڭ ئىنسانلارغا قىلغان ھەدىيىسىدۇر.

_ دۈشمىنىڭنىڭمۇ ئىنسان ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇما

بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ھاجى بەكتاشى ۋەلىنىڭ دۇنيا قارىشى دۇرۇس ئىنسان بولۇش، باشقىلارغا ئازار بەرمەسلىك، تەڭ باراۋەرلىك. قىسقىسى ئىنسان سۆيگۈسىدىن ئىبارەت. ھاجى بەكتاشى ۋەلى ۋە ئۇنىڭ دۇنيا قارىشى ئىنسان ھەق - ھوقۇقلىرىنىڭ سەككىز ئەسىر بۇرۇنقى ھەقىقىي خىتابنامىسىدۇر. سەككىز ئەسىر بۇرۇن ھاجى بەكتاشى ۋەلى ئوتتۇرىغا قويغان كۆز قاراشلارنىڭ تا ھازىرغىچە ئۆلمەي پۈتكۈل ئىنسانلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلىقى ئۇنىڭ قانچىلىك ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر ئىكەنلىكىنىڭ نامايەندىسىدۇر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.