ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جاۋ گومىڭ „2010 - يىلىدىن باشلاپ چېگرا رايوندىكى نامراتلارنى يۆلەش، تەرەققىي قىلدۇرۇش سىناق يىلىنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنى، 2020 - يىلغا بارغاندا، ئۇيغۇر ۋەتىنىدە 10 مىليون مو ئەلا سۈپەتلىك باغ بەرپا قىلىنىدىغانلىقىنى ۋە نامراتلارنىڭ ئوتتۇرىچە يىللىق كېرىمىنى 10 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جاۋ گومىڭنىڭ بۇ پىكرى بىلەن، خىتاي مەركىزى كومىتېتى بىر قانچە ئايدىن بۇيان كەڭ تەشۋىق قىلىۋاتقان „شىنجياڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى" توغرىسىدىكى شۇئارلىرى ئوتتۇرىسىدا يوچۇق كۆرۈلمەكتە. يەنى، خىتاي مەركىزى كومىتېتى ئۇيغۇر ۋەتىنىگە قانچە ئون مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ، نامراتلىقنى تۈگەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىۋاتقان بىر چاغدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش - تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جاۋ گومىڭ، يەنە ئون يىلغىچە نامراتلارنى يۆلەشكە ئاجرىتىلغان مەبلەغنىڭ ئاران 130 مىليون يۈەن ئىكەنلىكىنى جاكارلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ساختىپەزلىكىنى ئاشكارىلىماقتا.
تەڭرىتاغ تورىنىڭ 3 - ئاۋغۇست كۈنى شىنجياڭ گېزىتىدىن كۆچۈرۈپ ئېلان قىلغان بۇ خەۋىرىنى كۆرگەن كىشىدە، „نامراتلارنى يۆلەشكە ئاجرىتىلغان پۇل 130 مىليون يۈەن بولسا، 2020 - يىلىغا بارغاندا 2 مىليون 270 مىڭ نامراتتىن 1 مىليونى قۇتۇلسا، يەنە 1 مىليون 270 مىڭ نامرات قاچان قۇتۇلىدۇ؟. خىتايدىكى 17 ئۆلكىنىڭ ئۇيغۇر ۋەتىنىگە سېلىۋاتقان مىلياردلارچە مەبلىغىنىڭ غايىسى زادى نېمە؟" دېگەن سوئال پەيدا بولىدۇ.
ياۋرۇپادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەركىناي خانىم، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋەتىنىگە سېلىۋاتقان بۇ مەبلەغلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى نامراتلىق قۇتۇلدۇرۇشنى مەقسەت قىلمىغانلىقىنى، بۇنى مۇنداق ئۈچ نۇقتىدىن چۈشىنىشكە بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭ بىرى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋەتىنىگە سېلىۋاتقان مەبلىغى ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ بايلىقلىرىنى تېخىمۇ كۆپ ۋە كەڭ كۆلەمدە تالان - تاراج قىلىشنى تىزلىتىش ئىكەن. ئىككىنچى نۇقتا، قوش تىللىق مائارىپقا تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سېلىپ، ئاسسىمىلىياتسىيىنى تىزلىتىشتىن ئىبارەت ئىكەن. بۇ ھەقتە ئەركىناي خانىم كۆز قاراشلىرىنى مۇنداق بايان قىلدى.
ئەركىناي خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، تېخىمۇ مۇھىم بىر نۇقتا، خىتاينىڭ „شىنجياڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى" شۇئارى ئاستىدا خىتاي ئاققۇنلىرىنى ئۇيغۇر ۋەتىنىگە يەنىمۇ كۆپلەپ كۆچۈرۈپ كېلىپ، ئۇيغۇر - خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى نوپۇس تەڭپۇڭلىقىنى بۇزۇش، خىتاي نوپۇسىنى مۇتلەق ئۈستۈن ھالەتكە ئەكىلىپ، ئۇيغۇرلارنى مەڭگۈ باش كۆتۈرەلمەيدىغان قىلىۋېتىش ئىكەن.
خىتاي ئاخباراتىدىكى مەلۇماتلاردا، قوش تىللىق مائارىپقا سېلىنىۋاتقان مەبلەغلەرنىڭ بارغانسىرى ئارتىپ بېرىۋاتقانلىقى، قوش تىللىق يەسلى، قوش تىللىق مەكتەپلەرنىڭ سانىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ بايلىقلىرىنى قېزىشنى تىزلىتىش، بايلىق مىقدارىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈش شۇئارلىرى كۆرۈلمەكتە. خىتايدىن ئۇيغۇر ۋەتىنىگە خىتاي ئىشچىلار ھەم مەمۇرى خادىملارنى يۆتكەش، جەلىپ قىلىش تەشۋىقاتلىرىنىڭ قانات يېيىۋاتقانلىقى كۆزگە چېلىقماقتا. بۇ خىل ھادىسىلەر، ئۇيغۇر ۋەتىنىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردا ۋەھىمە پەيدا قىلىپلا قالماي، چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ جىددىي دىققەت - ئىتىبارىنى قوزغىماقتا.
5 - ئىيۇل قانلىق قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن يولغا قويۇلۇۋاتقان „شىنجياڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى" توغرىسىدىكى خىتاي سىياسىتىگە قارىتا، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە سىياسىي ئانالىزچىلىرى ھەرخىل گۇمانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلدى. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا بىر تەرەپتىن قاتتىق رىجىم سىياسىتىنى يۈرگۈزسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى ياخشىلاشنى تەكىتلىشىنىڭ مەنتىقىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان بىر ئالدامچىلىق ئىكەنلىكىنى، ئەگەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىنسانىي بىر سىياسەت بىلەن مۇئامىلە قىلغۇسى بولسا، ئالدى بىلەن تۈرمىلەردىكى قانچە مىڭلىغان سىياسىي مەھبۇسلارنى ئازاد قىلىشى ۋە ئۇيغۇرلارغا دېموكراتىيە بېرىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئەمما يالغۇز ئۇيغۇرلار ئەمەس، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نەزىرىدىمۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا سىياسىتى بارغانسىرى مۇستەبىتلىشىپ بارماقتا.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.