دەسلەپ ھەر قانداق جەرىمانىنى تۆلەشكە بەل باغلىدى، ئەمما بۇ دېھقان ئائىلىسىنىڭ 45 مىڭ يۈەن جەرىمانىگە قۇربى يەتمىدى. ھامىلدار ئانا ئارزۇگۈل، يۇرتنى تاشلاپ كېتىپ، كەنت كادىرلىرىنىڭ كۆزىدىن غايىپ بولماقچى، بۇ يول بىلەن ھامىلىنى قۇتۇلدۇرماقچى بولدى. بىراق بۇمۇ ئۈنۈم بەرمىدى.
يېزا ۋە كەنت كادىرلىرى ئارزۇگۈلنىڭ ئاتا - ئانىسىنى، يولدىشىنى ۋە قېيىنئاتىسىنى يېزىلىق ھۆكۈمەتكە يىغىۋېلىپ، سوراق قىلدى، ئارزۇگۈلنى تېپىشقا قىستىدى ۋە تەھدىت سالدى. بۇ نۆۋەت ئارزۇگۈل ئاتا - ئانىسىنىڭ بېشىغا كەلگەنلەرگە چىدىمىدى، ئۇ ئۆز كەنتىگە قايتىپ كەلدى.
دەل شۇ كۈنى يەنى تۈنۈگۈن 11 - نويابىر كۈنى، مەسئۇل كادىر رەشىدە دەرھال ئارزۇگۈلنىڭ ئائىلىسىدە ھازىر بولدى ۋە ۋە كەنت كادىرلىرى بىلەن بىرلىكتە ئارزۇگۈلنىڭ قارنىدىكى 6 ئاي 15 كۈنلۈك بالىسىنى چۈشۈرۈۋېتىش ئۈچۈن دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى . نۆۋەتتە ئارزۇگۈل غۇلجا شەھەرلىك سۇ دەرۋازا دوختۇرخانىسىنىڭ تۇغۇت بۆلۈمىنىڭ 2 - قەۋەت 3 - كارىۋىتىدا قارنىدىكى بوۋىقىنىڭ قاتىلىنى كۈتۈپ ياتماقتا.
بىز بۇ ئەھۋالنىڭ تەپسىلاتلىرىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، ئارزۇگۈلنىڭ يولدىشى نۇرمەمەتنى، سۇ دەرۋازا دوختۇرخانىسى تۇغۇت بۆلۈمىنىڭ خادىملىرىنى ۋە دادامتۇ يېزا بۇلاق كەنت پارتىيە ياچېيكا سېكرىتارى رەشىدەلەرنى تېلېفون ئارقىلىق زىيارەت قىلدۇق.
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، غۇلجا ۋاختى ئەتە سائەت 9 ئەتراپىدا يەنى ئۇشبۇ خەۋىرىمىز تارقىلىپ 1 - 2 سائەتتىن كېيىن ھامىلىنىڭ تەقدىرى ئايدىڭلىشىدۇ. نۆۋەتتە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە بىر قىسىم خەلقئارا جەمئىيەتلەر ئارزۇگۈل ۋە ئۇنىڭ دۇنياغا تېخى كۆز ئاچمىغان بالىسىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى. ئەمما بۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدىكى تىرىشچانلىقنىڭ قانداق ئۈنۈم بېرىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. بىز بۇ ھەقتە داۋاملىق مەلۇمات بېرىشكە تىرىشىمىز.
يۇقىرىدىكى ۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ۋەقەگە ئالاقىدار ئورۇنلاردىن ئىگىلىگەن تەپسىلىي مەلۇماتلىرىمىزنى ۋەقەنىڭ قۇربان ۋە شاھىتلىرىنىڭ ئۆز ئېغىزىدىن ئاڭلايسىلەر.
