كانادا بىلەن خىتاي ئوتتۇرسىدىكى «مۈشۈكئېيىق دىپلوماتىيىسى» كانادادا مۇنازىرە پەيدا قىلدى

ئۆتكەن ھەپتە كانادا باش مىنىستىرى ستەۋېن خارپېر خىتايغا قاراتقان 4 كۈنلۈك رەسمى دۆلەت زىيارىتىنى تاماملىدى. بۇ كانادادا، مەن پۇقرالىرىمنىڭ كىشىلىك ھەق - ھوقۇقلىرىنى دوللارغا تېگىشمەيمەن دېگەن باياناتى ئارقىلىق دىكتاتۇرلارغا نىسبەتەن قاتتىق قوللۇقى بىلەن تونۇلغان كانادا باش مىنىستىرى ستەۋېن خارپېرنىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بۇيان، خىتايغا ئېلىپ بارغان 2 - قېتىملىق رەسمىي دۆلەت زىيارىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

0:00 / 0:00

2005 - يىلى ستەۋېن خارپېر ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن، ھازىرغا قەدەر بولغان 8 يىللىق كانادا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە نەزەر سالغاندا بەزى پەرقلەرنى كۆرۈۋالماق تەس ئەمەس.

2005 - يىلىدىن 2009 - يىلىغىچە بولغان 4 يىل كانادا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە قار - مۇزلار قاپلىغان سوغۇق مەزگىل بولۇپ، بۇ مەزگىللەردە كانادانىڭ ئۇيغۇر پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلنى خىتاينىڭ ئۆزبىكىستاندىن تۇتۇپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن، كانادا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى تۇرغۇن ھالەتكە چۈشۈپ قالغان ۋە كانادا باش مىنىستىرى ستەۋېن خارپېر بۇ مۇناسىۋەت بىلەن،خىتايغا قارىتا بايانات بېرىپ: «مەن پۇقرالىرىمنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دوللارغا تېگىشمەيمەن» دېگەن ئىدى.

2009 - يىلى كانادا باش مىنىستىرى ستەۋېن خارپېرنىڭ خىتايغا قاراتقان تۇنجى قېتىملىق رەسمىي دۆلەت زىيارىتى نەتىجىسىدە، كانادا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە قار - مۇزلار ئازراق ئېرىشكە باشلىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي تەرەپ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاممىۋى سورۇنلاردا خارپېرگە قارىتا ئېيتقان: «بۇ تازىمۇ كېچىككەن زىيارەت بولدى» دېگەندەك دارىتما سۆزلىرى كانادا مەتبۇئاتلىرىدىكى مۇنازىرىلەرگە يول ئاچقان ئىدى.

بۇ قېتىم كانادا باش مىنىستىرى خىتاي زىيارىتى جەريانىدا 24 تۈرلۈك رەسمىي كېلىشىم ئىمزالىغاندىن باشقا، خىتاي تەرەپ ستەۋېن خارپېرگە ئەرشۇن ۋە جىلى ئىسىملىك بىر جۈپ ئەكەك - چىشى مۈشۈكئېيىق سوغا قىلغان. بۇ خىتايلارغا نىسبەتەن قىزغىنلىق، دوستلۇق ۋە ھەمكارلىقنىڭ سىمۋولى ئىكەن. ئەمما كانادادىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىموكراتىيە ئەمەلگە ئاشماي تۇرۇپ، كانادا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلىنىدىغانلىقىدىن گۇمانلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

خىتاي تەرەپ كانادا باش مىنىستىرىغا سوغا قىلغان بۇ بىر جۈپ ئاشىق - مەشۇق مۈشۈكئېيىقلار 5 يىل تورونتو ھايۋاناتلار باغچىسىدا، 5 يىل كالگارى ھايۋاناتلار باغچىسىدا بولۇپ جەمى 10 يىل كانادا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە كانادادا تۇرىدىكەن.

خىتاي تەرەپ دۇنيادا نەسلى يوقاپ كېتىش ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان قوغدىلىدىغان ھايۋان مۈشۈكئېيىقنى سىياسىيلاشتۇرۇپ بەخت تەلەي، دوستلۇق ۋە غەلىبىنىڭ نەتىجىسى دەپ قاراپ باشقا دۆلەتلەرگە دوستلۇق ئەلچىسى سۈپىتىدە سوغا قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما پاكىتلار مۈشۈكئېيىقنىڭ ياخشىلىق ۋە ئاسايىشلىق ئەمەس بەلكى قاراڭغۇلۇققا يول ئاچىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. مەسىلەن، تاڭ سۇلالىسىنىڭ 7 - ئەسىردە ياپونىيە ئىمپىراتورىغا مۈشۈكئېيىق سوغا قىلغانلىقى، ئەمما كېيىنكى مەزگىللەردە خىتاي - ياپونىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يىرىكلىشىپ كەتكەنلىكى مەلۇم. 1973 - يىلى خىتاي رەئىسى ماۋ زىدۇڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى نىكسونغا مۈشۈكئېيىق سوغا قىلغان، ئەمما شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە ئىزچىل سۈركىلىش كۆرۈلگەن. كانادا خىتاي مۈشۈكئېيىقى بىلەن 80 - يىللاردا تونۇشۇشقا باشلىغان بولۇپ بۇ مۈشۈكئېيىقلار كانادادا پەقەت 3 ئاي تۇرالىغان.

خىتاينىڭ كاناداغا مۈشۈكئېيىق سوغا قىلغانلىقى سەۋەبىدىن كانادا مەتبۇئاتلىرى، كانادا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى «مۈشۈكئېيىق دىپلوماتىيىسى» دەپ تەرىپلىمەكتە.

كانادا - خىتاي ئوتتۇرسىدىكى بۇ مۈشۈكئېيىق دىپلوماتىيىسى كانادادا زور غۇلغۇلا ۋە مۇنازىرىلەرگە يول ئاچقان بولۇپ، كانادا تەرەپ بۇ ئىككى مۈشۈكئېيىقنىڭ 10 يىل كانادادا تۇرۇشى ئۈچۈن خىتاي تەرەپكە يىلىغا بىر مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن، 10 مىليون ئامېركا دوللىرى ئىجارە ھەققى تۆلەيدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ مۈشۈكئېيىقلار كۈنىگە 38 كىلوگرامدىن بامبۇك يەيدىكەن.

ك ب ك خەۋەرلەر تور بېتى يولغا قويغان خەلق رايىنى سىناش ۋە مۇنازىرە سەھىپىسىدە نۇرغۇنلىغان كىشىلەر، بۇ ئىككى مۈشۈكئېيىقنىڭ كاناداغا كېلىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كىشىلەر مۇنازىرە يۈرگۈزۈپ، ھازىر كانادادا 900 مىڭ كىشىنىڭ يىمەك - ئىچمەك سېتىۋالىدىغانغا پۇلى يوق، ھەقسىز يىمەك - ئىچمەك تارقىتىش ئورۇنلىرىدىن يىمەك - ئىچمەك ئالىدىغانلىقىنى،ھۆكۈمەتنىڭ مۈشۈكئېيىق ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان نەچچە 10 مىليون دوللارنى يوقسۇللار ئۈچۈن سەرپ قىلىشى كېرەكلىكىنى يازغان.

بەزى مۇنازىرىچىلەر، كانادانىڭ ياشانغانلار ۋە دەم ئېلىشقا چىققانلار سۇغۇرتىسىنىڭ بەك تۆۋەن ئىكەنلىكىنى، مۈشۈكئېيىق ئۈچۈن خەجلەيدىغان نەچچە 10 مىليون دوللارنى ياشانغانلار ئىشلىرىغا سەرپ قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

مۇنازىرىلەر ئىچىدە كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىكتاتۇرلارغا قارشى سادالارمۇ بار بولۇپ، ئۇلار خىتايدىن مۈشۈكئېيىق ئەمەس، بەلكى كىشىلىك ھوقۇق سادالىرىنىڭ كېلىشىنى ئارزۇ قىلىمىز دەپ يازغان.

بەزى مۇنازىرچىلەر دۇنيادىكى داڭلىق دىكتاتۇرلاردىن كازافى، بەشىر ئەسەد قاتارلىقلارنىڭ ئىسمىنى يېزىپ، بۇ مۈشۈكئېيىق يۇقىرىقىدەك دىكتاتۇرلارنىڭ مۈشۈكئېيىقى، كانادا ئۆزىنىڭ دىموكراتىك پرىنسىپلىرىدىن چەتنەپ كەتمەسلىكى كېرەك دەپ يازغان.

ئىگىلەشلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ ئىككى مۈشۈكئېيىق 2013 - يىلى كاناداغا يېتىپ كېلىدىكەن.

تورونتو ۋە كالگارى ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملار بايانات ئېلان قىلىپ، كانادالىقلارنىڭ مۈشۈكئېيىققا بولغان ھەۋىسىنىڭ يۇقىرىلىقىنى، باغچا مۈشۈكئېيىقلارغا ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ بارلىق چىقىملىرىنى كۆتۈرۈپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ھايۋانات ھەقلىرىنى قوغدىغۇچىلاردىن جۇلىئې ۋوئوديېر بىلەن باررى ماككاي قاتارلىقلار ۋانكۇۋېر قۇياشى گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بىر مەزگىللىك قىزغىنلىقتىن كېيىن ھايۋاناتلار باغچىسىنىڭ چۆلدەرەپ قالىدىغانلىقىنى، 10 مىليون دوللار ئىجارە ھەققى بىلەن مۈشۈكئېيىقلارنىڭ يىمەك - ئىچمەك تەمىناتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلماق كانادا ھايۋانات باغچىلىرى ئۈچۈن مۈشكۈل ۋەزىپە بولىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە دۇنيادا نەسلى تۈگەپ كېتىش ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان قوغدىلىدىغان ھايۋانلارنى سىياسىي دىپلوماتىيىنىڭ سىمۋولىغا ئايلاندۇرۇپ، ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ ياشاش شارائىتىدىن ئايرىۋېتىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى تەكىتلىمەكتە.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.