0:00 / 0:00
رادىئومىز مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى دېھقانلاردىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا ، گەرچە يېقىنقى بىر ئىككى يىلدىن بۇيان بەزى ناھىيە يېزىلاردا ھاشار ، مەلۇم دەرىجىدە يېنىكلىتىلگەن بولسىمۇ، بىراق خوتەن ۋە قەشقەرنىڭ بەزى يىراق يېزىلىرىدا مەجبۇرى ھاشار يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا ئىكەن .
مۇخبىرىمىز يېقىندا قار ئاپىتىدە قالغان گۇما ناھىيىسىگە قاراشلىق كېلىيەڭ يېزىسىغا تېلىفون قىلغىنىدا، بۇ يېزىدىكى دېھقانلارنىڭ ئېغىر ھاشار ئەمگىكىدىن ھازىرغا قەدەر ئازات بولمىغانلىقى ئاشكارىلاندى .
بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن ئاڭلاڭ.