ب د ت نىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدىكى دوكلاتى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھاشار
2005.05.16
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا ئەمگەكچىلەر ئۇيۇشمىسى يېقىندا بىر پارچە دوكلات ئېلان قىلىپ، دۇنيادا ھازىر ھەر خىل شەكىلدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان ئەمگەكچىلەر سانىنىڭ ئاز دېگەندە 12 مىليون 3 يۈز مىڭغا يېتىدىغانلىقىنى ھەمدە بۇ ئەھۋالنىڭ ئاسىيادا ئالاھىدە ئېغىر ئىكەنلىكىنى مەلۇم قىلدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەلقئارا ئەمگەكچىلەر ئويۇشمىسىنىڭ "خەلقئارا بىرلىكتە مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى تۇرۇش" دېگەن تېمىدا چىقارغان بۇ دوكلاتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ھازىرغىچە مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدە ئېلان قىلغان تۇنجى قېتىملىق دوكلاتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، دۇنيادىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان 12 مىليون 3 يۈز مىڭ ئەمگەكچىنىڭ 9 يېرىم مىليونى ئاسىيا- تىنچ ئوكيان رايونىدا بولۇپ، بۇ، دۇنيا بويىچە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلارنىڭ 84٪ ئىنى ئىگىلەيدىكەن. بۇلارنىڭ ئارىسىدا 2/3 قىسمى شەخسىي ئىگىدارچىلىقىدىكى ئىقتىسادىي ساھەلەردە ئىشلىتىلگەن بولسا، قالغان 1/5 قىسىمى ھۆكۈمەتنىڭ ئېزىشى ئاستىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان ئىكەن. كېيىنكى بۇ ئەھۋال ئاساسلىقى خىتاي بىلەن بېرمىدا ئالاھىدە ئېغىر ئىكەن.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ھەمدە ئۇلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشىغا قارشى تۇرۇشقا چاقىرىق قىلىۋاتقان مەزگىلدە، ئۇيغۇر دېھقانلىرى داۋاملىق تۈردە "ھاشار" دەپ ئاتىلىپ كەلگەن مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنماقتا.
بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي مەلۇماتلارنى، مۇخبىرىمىز پەرىدەنىڭ بۇ ھەقتىكى پروگراممىسىدىن ئاڭلاڭ.