ھاشار تۈگىمەيلا قالماي شەكلىمۇ كۆپەيمەكتە


2007.03.02

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر، خوتەن ھەمدە ئاقسۇ قاتارلىق جايلىرىدىكى دېھقانلاردىن ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ئورگانلاردىن ئىگىلىگىنىمىزدەك، دېھقانلارنى مەجبۇرىي ھاشارغا تۇتۇش يەنىلا ئېغىر دەرىجىدە مەۋجۇت. باھار پەسلى يەنى ئۇيغۇر يېزىلىرىدا دەل ھاشارنىڭ ئەۋجىگە چىققان پەيتى.

خەلق ھاشاردىن قاخشايدۇ

بىز نۆۋەتتە دېھقانلارنىڭ قانداق ھاشارغا تۇتۇلىۋاتقانلىقى ھەققىدە تەپسىلىيرەك مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن قەشقەر يېزىلىرىغا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ پەقەت سۇ ئىنشائاتى ئىشلىرىلا ئەمەس، بەلكى ھەر خىل تۈردىكى ھەم خاراكتېردىكى ئېغىر ھاشارغا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى. بۇ ھەقتە بىر دېھقان كىشى قەشقەرنىڭ ھەر قايسى ناھىيىلىرىدىكى دېھقانلارنىڭ قانداق ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى يەنىلا ھەقىقەتنى يوشۇرماقچى

بىز يەنە بىر قانچە دېھقاندىن ئوخشاش مەلۇماتلارغا ئىگە بولغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ھەقسىز ھالدا خىتاي كۆچمەنلەرنىڭ ئېتىزلىرىنىڭ پارنىك قۇرۇشقا ئوخشاش تۈرلۈك ئەمگەكلىرىگە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبلىرىنى سورىدۇق. لى خاۋ ياۋ ئىسىملىك بىر ياش كادىر، "ئۇنداق ئىش يوق، ھاشار ئەمگىكىنى بۇرۇنلا بىكار قىلدۇق" دەپ ئەمەلىي ئەھۋالنى يوشۇرماقچى بولدى، ھەتتا، سىلەر بەزى بۆلگۈنچى تېررورچىلارنىڭ يالغان ئۇچۇرىغا ئالدىنىپ قاپسىلەر" دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتە ئەڭ توغرا مەلۇمات بىلەن تەمىنلىيەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى:

- بىلىشىمچە، خىتاي ھۆكۈمىتى -2005 يىلىدا ھاشارنى بىكار قىلىمىز دېگەن، ھاشار ھازىرمۇ بارمۇ؟ ‏- بىز ھاشارنى بۇرۇنلا بىكار قىلغان، -2005 يىلىدىن بۇرۇنلا تۈگەتكەن. ‏- بىزنىڭ خەلقتىن ئىگىلىشىمىزچە، مۇشۇ رايوننىڭ ئۆزىدە ھاشار ھازىرمۇ باركەنغۇ، دېھقانلار بىكارغا پارنىكقا ئىشلەۋېتىپتىغۇ؟ ‏-ھە بۇ مۇنداق ئىش، بۇ دېگەن ھۆكۈمەتنىڭ دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا رىغبەتلەندۇرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان پارنىك قۇرۇلۇشى، دېھقانلار ئۆزىنىڭ يەرلىرىدە پارنىك قۇرۇپ كۆكتات تېرىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. ھۆكۈمەت تېخى ئۇلارغا ئىقتىسادى ياردەم ئاجراتتى. يوپۇقى يوقلارنى كېرەكلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ، تېخى باجنىمۇ كەچۈرۈم قىلىۋەتتى. ‏‏- لېكىن بىزنىڭ ئىگىلىشىمىزچە، دېھقانلار ئۆزلىرىنىڭ يېرىگە ئەمەس كۆچمەن خىتايلارنىڭ كۆكتات پارنىكلىرىنى قۇرۇپ بېرىش ئىشىغا ھەقسىز مەجبۇرلىنىۋېتىپتىغۇ؟ بۇ قانداق ئەھۋال؟ ‏‏- ئۇنداق ئىش يوق، ئۇيغۇر دېھقانلار ئۆزلىرى كۆكتات تېرىۋاتىدۇ. ھۆكۈمەت ئۇلارغا ياردەم بېرىۋاتىدۇ. ‏- ئۇنداقتا ھۆكۈمەت قانچە پۇلدىن ياردەم بەردى؟ ‏- بۇ مۇنداق، ھۆكۈمەت دېھقانلارنىڭ ئۆزلىرى ئاز مەبلەغ سېلىپ، كۆپ قىسمىنى بانكىلاردىن قەرز ئامانەت بېرىشكە ئوخشاش ئۇسۇل قوللاندى، باجلارنى 100% كۆتىرىۋەتتى. سىلەر بەزى يالغان گەپلەرنى ئاڭلاپ قالغان ئوخشايسىلەر. بۇ ھەممىسى مەجبۇرلاش ئەمەس، خاتا ئاڭلاپ قاپسىلەر. ‏- ئۇنداقتا ئوپچە ئەمگەككە بارغاندا دېھقانلارغا ھەق بېرەمسىلەر؟ ‏- ھەق بېرىلىدۇ. ھېچقانداق ئەمگەككە مەجبۇرلايدىغان ئىش يوق، سىلەرمۇ بىلىسىلەر، بۇ كۆپ مىللەتلىك رايون، سىلەرنىڭ قەيەردىن بۇ ئۇچۇرغا ئىگە بولغانلىقىڭلارنى بىلمەيمەن. لېكىن مېنىڭ پەرىزىمچە، سىلەرنىڭ ئۇ ئامېركىدىمۇ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قاتارلىق تېررورچى ئورگانلار ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ، بەلكىم سىلەر شۇلارنىڭ تارقاتقان يالغان ئاخباراتلىرىغا ئالدىنىپ قالغان ئوخشايسىلەر. ‏- ياق بىز پەقەت شۇ جايدىكى يەرلىك خەلقنىڭ نارازىلىق ئىنكاسىغا ئاساسەن سىلەردىن مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشىۋاتىمىز.

ھەقىقەت كۆمۈلمەس

بىزنىڭ دېھقانلاردىن ئىگىلىگەن ھاشار ئەمگىكىنىڭ يەنىلا داۋاملىشىۋاتقانلىقى شۇنداقلا ھاشارغا تۇتۇلغان ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ ھەتتا خىتاي كۆچمەنلىرىگە ئىشلەۋاتقانلىقىدەك ئەھۋاللار، بۇ خىتاي كادىر تەرىپىدىن پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىنغاندىن كېيىن، بىز يەنە باشقا دېھقانلاردىن بۇ خىتاي كادىرنىڭ ئېيتقانلىرىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشتۇق.

خىتاي كادىرنىڭ ئېڭىدىكى كىشىلىك ھوقۇق

بىز قايتا يوپۇرغا ناھىيىسىنىڭ خىتاي كادىرىغا تېلېفون قىلىپ نېمە ئۈچۈن خەلقنىڭ ئىنكاسى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ جاۋابلىرىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ ھودۇقۇپ ئۆزىنىڭ دېگەنلىرىنى ئۆزى ئىنكار قىلىپ، ئاخىرىدا " سىلەر بىزنىڭ دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىغا ئارىلاشماڭلار " دېگەندەك سۆزلەر بىلەن زىيارىتىمىزنىڭ مەقسىدىنى بۇرمىلاپ كۆرسىتىشكە تىرىشتى:

- مېنىڭ سىلەردىن سوراپ باققۇم بار، نېمە ئۈچۈن ئامېرىكا بىزنىڭ دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە ئارىلىشىدۇ ؟ ئەمەلىيەتتە بۇ جايدا خەلق بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋىتى ئىنتايىن ئىتتىپاق، خەلقنىڭ سىياسىتىمىزگە ھېچقانداق نارازىلىقى يوق. ‏- مەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ۋەكىللىك قىلمايمەن، مەن پەقەت بىر خەلقئارالىق ئاخبارات ئورگىنىنىڭ مۇخبىرى، بىز پەقەت خەلقنىڭ ئىنكاسى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ مەلۇماتلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن پەرقلىق بولۇۋاتقانلىقىغا جاۋاب ئالماقچى خالاس. ‏- مېنىڭچە سىلەرنىڭ ئاڭلىتىشىڭلارنىڭ ئىشەنچلىكلىكى يېتەرلىك ئەمەس. ‏- شۇنداقمۇ ؟ ئۇنداقتا سىز بىزنىڭ ئاڭلىتىشىمىزنى ئاڭلايدىكەنسىز‏-دە. ‏-ھە، ھە ‏- ياق، مەن ئاڭلىمايمەن. ‏- ئۇنداقتا بىزنىڭ قانداق ئاڭلىتىش بېرىۋاتقىنىمىزنى نېمىگە ئاساسەن باھالاۋاتىسىز؟ ‏- مەن توردىن كۆرگەن. سىلەر بىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىمىزغا ئارىلىشىپ، بىزگە كۆپ ھۇجۇم قىلىۋېتىپسىلەر. تۆھمەت چاپلاش دېيىشكىمۇ بولىدۇ. ‏- ئۇنداقتا سىزنىڭچە ئۇ جايدا كىشىلىك ھوقۇق مەۋجۇتمۇ؟ ‏- سىزنىڭچە ئاتالمىش كىشىلىك ھوقۇق نېمىنى كۆرسىتىدۇ ؟ ‏- مەسىلەن، ئەركىن پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقى بۇنىڭ بىر كىچىك تارمىقى؟ ‏- ئەلۋەتتە بار، سىزمۇ دېموكراتىك دۆلەتتە، ئەلۋەتتە سىلەرمۇ كۆپ سانلىقنىڭ پىكرىنى ئېلىشىڭلار كېرەك. ‏-شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن مەن پەقەت خەلقنىڭلا ئەمەس، سىزنىڭمۇ پىكرىڭىزنى ئېلىۋاتىمەنغۇ ؟ ‏- بىزنى ئەيىبلەيدىغان ھېچقانداق ھەققىڭلار يوق، بىر قانچە ئادەملەرنىڭ پىكرى بىلەنلا يالغان ئۇچۇر ئېلان قىلساڭلار بولمايدۇ؟ ‏- ئۇنداقتا سىزنىڭ بەرگەن ئۇچۇرىڭىزمۇ يالغانمۇ؟ ‏- ھەر قانداق جايدا ئوخشىمىغان پىكىر مەۋجۇت، سىزنىڭ مەقسىدىڭىز نېمە؟ ‏‏-پەقەت ھەقىقىي ئاخبارات بېرىش. مەن سىلەرنىڭ بۇ رادىئونى ئاڭلاپ باقمىغان. سىلەرنىڭ راس ئاخبارات بېرىشىڭلارغىمۇ ئانچە ئىشەنمەيمەن. ‏- ئۇنداقتا سىزنىڭ بىزگە بەرگەن ئاخباراتىڭىزمۇ يالغانمۇ ؟ ‏- لېكىن سىلەر باشقىلارنىڭمۇ پىكرىنى ئاڭلاتقان تۇرساڭلار. ‏- شۇنداق بىز باشقىلارنىڭمۇ پىكرىگە ھۆرمەت قىلىمىز، يالغۇز سىزنىڭلا دېگىنىڭىزنى ئاڭلاتمايمىز، مانا بۇ دەل سۆز ئەركىنلىكى. سىز ئېيتقان ئاتالمىش كىشىلىك ھوقۇق. ‏‏- توختاپ تۇرۇڭ تېلېفون كېلىپ قالدى.

بۇ كادىرغا مەلۇم ئورگاندىن چەتئەل ئاخبارات ئورگىنىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماسلىق ھەققىدە بۇيرۇق كەلگەندىن كېيىن تېلېفوننى قويىۋەتتى.

كىشىلەرنى ھەقسىز ئىشلىتىش، ياكى ھەرقانداق تۈردىكى ئەمگەككە مەجبۇرلاش، كىشىلىك ھوقۇققا زىت مەسىلىدۇر. پەقەت ۋە پەقەت ئۇيغۇر دىيارىدىلا ئېغىر ھالدا مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان ھاشار ئەمگىكى، ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭلا نارازىلىقىنى قوزغاپ كېلىۋاتقان مەسىلە بولۇپلا قالماي، دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۈرلۈك ھاشار ئەمگەكلىرىگە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلماقتا شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ ھەقتە ئاگاھلاندۇرماقتا. شۇ بېسىملار ۋەجىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى ھاشارنى -2005 يىلنىڭ ئاخىرغىچە پۈتۈنلەي بىكار قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، ئۇيغۇر ئېلىدە ھاشار ھېلىھەم ئېغىر دەرىجىدە مەۋجۇت.

نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ھاشارغا مەجبۇرلىنىشى شۇنداقلا بۇنىڭ خىتاينىڭ ئىقتىسادى، سىياسىي مەقسەتلىرى يوشۇرۇنغان ئۇيغۇرلارنى بېسىش سىياسىتىنىڭ بىر ۋاسىتىسى ئىكەنلىكىدەك بىر مەسىلە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى ھەمدە ئاخبارات ۋاستىلىرى ئارقىلىق دۇنياغا ئاڭلىتىلىۋاتقان بىر مۇھىم كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە ئايلانماقتا. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.