
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بىر قىسىم رايونلىرى ھازىر "ھاشار" نامى بىلەن دېھقانلارنى ئەمگەككە ئېلىپ چىقسا، يەنە بىر قىسىم رايونلار بۇنى "مەجبۇرىي ئەمگەك" ياكى "خالىسانە ئەمگەك" دېگەنگە ئوخشاش ئاتالغۇلار بىلەن ئېلىپ بارماقتا. مەيلى نېمىلا نام بىلەن قوللانسۇن بۇ، دېھقانلار باش تارتىپ بولمايدىغان، ئۇلارنىڭ مەيلىگە باقمايدىغان ۋە ھېچقانداق ھەق بېرىلمەيدىغان بىر خىل مەجبۇرىي ئەمگەك.
دېھقانلارنىڭ پەريادى
بىز ھاشار بىر قەدەر ئېغىر بولىۋاتقان جايلارغا تېلېفون قىلىپ مەلۇمات ئىگىلىگىنىمىزدە دېھقانلاردىن ئەڭ كۆپ ئاڭلايدىغىنىمىز "ئۇيغۇر ئېلىدە ھاشارمۇ تۈگەمدىغاندۇ؟"، " بىز ئەقلىمىزنى بىلسەك ھاشار باركەنتۇق" "ھاشار قاچانمۇ بىكار قىلىنار" دېگەندەك پەريادلار بولدى. ئۇلار يەنە بىزدىن، ئۆزلىرىنىڭ بۇ قىيىنچىلىقىنى رادىئو ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا ئاڭلتىشىمىزنى كۈچلۈك تەلەپ قىلىشتى. شۇ سەۋەبتىن بىز دېھقانلارنىڭ ئاۋازىنى داۋاملىق ئاڭلىتىش ئۈچۈن ھاشار ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىر بولغان پەيزىۋات ناھىيىسىنىڭ مەلۇم بىر يېزىسىغا تېلېفون قىلدۇق. بۇ يەردىكى بىر دېھقان ئۆزلىرىنىڭ 10 كۈنلۈك ھاشاردىن قايتىپ كېلىپ، "گۈيخۇئا" يەنى ھۆكۈمەتنىڭ پىلان بەلگىلىمىسى بويىچە يەنە مەجبۇرىي ئەمگەككە ئېلىپ چىقىلغانلىقىنى ئېيتتى. ھازىر قىش كېلىپ يەرلەر توڭلاپ كەتكەچكە، بۇ مەجبۇرىي ئەمگەك ۋاقىتلىق توختاپ قالغان.
ئۇ دېھقاننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ يىللىق پاختا تېرىشكە مەجبۇرىي ئېلىپ چىقىلغانلىقىنى ھەمدە يېشى 55 ياشلارغا كىرىپ قالغاچقا، كۈندىلىك پاختا تېرىش ۋەزىپىسىنى ناھايىتى تەستە ئورۇنلاپ بولغانلىقىنى ئېيتتى.
ئىگىلىشىمىزچە، مەجبۇرىي ئەمگەك قەشقەر ۋىلايىتى بىلەنلا چەكلەنمىگەن. ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ باي ناھىيىسىدىكى ئىسمىنى ئېيتىشنى خالىمىغان بىر نەپەر ھۆكۈمەت خادىمى ئۇلارنىڭ بۇ يەردىمۇ مەجبۇرىي ئەمگەك يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئىلگىرى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەكىت ناھىيىسىنىڭ بىر يېزىسىدىكى ھۆكۈمەت خادىمى، ئۇلارنىڭ "خالىسانە ئەمگەك" نامىدا دېھقانلارنى ئەمگەككە ئېلىپ چىقىدىغانلىقىنى، لېكىن بۇ "خالىسانە ئەمگەك" نىڭ خالىسانە بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.
كىمنىڭ راس؟
خىتايدا ئاللىقاچان بىكار قىلىنغان بۇ "مەجبۇرىي ئەمگەك" يەنە نېمىشقا ئۇيغۇر ئېلىدە داۋام قىلىدۇ؟ بىز بۇنىڭغا جاۋاب ئىزدەش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتكە تېلېفون قىلدۇق. ئىسمىنى ئېيتىشنى خالىمىغان ھۆكۈمەت ئىشخانىسىدىكى بىر خادىم، بۇ خەۋەرنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىپ ئۇيغۇر ئېلىدە " مەجبۇرىي ئەمگەك" نىڭ قەتئىي يوقلىغىنى بىلدۈردى.
- ياخشىمۇ سىز، مەن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرى. ئىگىلىشىمىزچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدىكى بىر قىسىم رايونلاردا ھازىرغىچە " مەجبۇرىي ئەمگەك" يولغا قويىلىۋېتىپتۇ. بۇنىڭدىن خەۋەردارمۇ سىلەر؟ -بۇنداق ئىش يوق دېگەندىن كېيىن يوق. ئىنكاس قىلغانلار بولسا، بۇنى شۇ ئىنكاس قىلغانلارغا بېرىپ دەپ بېرىڭ. -قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ پەيزىۋات ناھىيىسىدە ھازىرغىچە "ھاشار" باركەنغۇ؟ - مەن يوق دېگەندىن كېيىن يوق. -ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھېچقانداق يېرىدە مەجبۇرىي ئەمگەك يوقمۇ؟ -يوق. -يۈزدە يۈز يوقمۇ؟ -يوق. -سىلەر بۇ جەھەتتە تەكشۈرۈشمۇ ئېلىپ بارمامسىلەر؟ -بىز قانداقسىغا تەكشۈرمەيمىز. بىزنىڭ ئورگاننىڭ تەكشۈرۈش خىزمىتى بار. سىلەر بار دېسەڭلەرلا بار بولىدىغان ئىش يوق.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى نۇرغۇن دېھقانلار "مەجبۇرىي ئەمگەك" تىن زارلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئىشخانىسىنىڭ بۇ خادىمى قوپاللىق بىلەن " مەجبۇرىي ئەمگەك يوق" دەپ تۇرىۋېلىپلا زىيارىتىمىزنى ئاخىرلاشتۇردى.
ھاشار ھەقىقەتەن يوقمۇ؟
"مەجبۇرىي ئەمگەك" ھەقىقەتەن يوقمۇ؟ بىز قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يەنە بىر ناھىيىسىگە تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىز ئۇلانغان بىر ئۇيغۇر دېھقان، كۈزدىن بۇيان ئۇلارنىڭ ھاشاردىن باش كۆتۈرۈپ بولالمىغانلىقىنى ھەمدە ئۆزى ھازىر ياشىنىپ قالغاچقا، ئۇنىڭ ئورنىغا ئوغلىنىڭ ھاشارغا چىقىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
بۇ دېھقاننىڭ ئېيتىشىچە، ھۆكۈمەت ھەتتا ئۇنىڭ ئوغلىنى بۇ يىللىق مەجبۇرىي پاختا تېرىشكە ئەۋەتمەكچى بولغان. لېكىن ئۇلار ئاخىرى ھۆكۈمەتكە پۇل بېرىپ، ئاندىن پاختا تېرىشكە چىقمىغان. بۇ دېھقان سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، ھاشار ئەمگىكىنىڭ تېزراق بىكار قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دېھقانلارنىڭ كۆپچىلىكى، ھۆكۈمەتنىڭ قەغەز يۈزىدىكى سىياسىتىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى، ئەمما ئەمەلىيەتتە تۆۋەنگە چۈشكەندە بۇ سىياسەتنىڭ سۇنىقىمۇ قالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. (پەرىدە)