ھايالىق بولۇش ئىنسان تەبىئىتىنىڭ ساپلىقىدۇر

ھايالىق بولۇش ئىنسان تەبىئىتىنىڭ ماھىيىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان توغرا مىزان. ئۇ بىزگە شۇ كىشىنىڭ ئىمانىنىڭ ۋە ئەدەپ - ئەخلاقىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ.

0:00 / 0:00

سىز بىر ئادەمنىڭ تېگىشلىك بولمىغان ھەرىكەتتىن ئۆزىنى تارتىۋاتقانلىقى ياكى تېگىشلىك بولمىغان ئىشنى قىلىپ قويغان ۋاقىتتا چىرايىنىڭ قىزىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ قەلبىنىڭ ئويغاق، ئەسلىنىڭ پاك، تەبىئىتىنىڭ ساپ ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايسىز. شۇنداقلا بىرەرسىنىڭ پەس، گۇناھ ئىشلارنى ھايا قىلماستىن قىلىپ يۈرگەنلىكىنى، ئالغان - قويغىنىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىگە پەرۋا قىلمايۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ۋاقتىڭىزدا، ئۇنىڭ قولىدىن ياخشى ئىش كەلمەيدىغان كۆڭلى قارا، يۈزى قېلىن ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايسىز.

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئابدۇلكەرىم ھاجىم بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.

ئابدۇلكەرىم ھاجىم بىلەن سۆھبەت

ئابدۇلكەرىم ھاجىم ھايا ۋە ئەدەپ - ئەخلاقنىڭ ئەھمىيىتى توغرۇلۇق مۇنداق دېدى:" پۈتۈن ئىنسانلار، خۇسۇسەن مۇسۇلمانلار پەرزەنتلىرىنى ھايالىق ۋە ئەدەپ - ئەخلاقلىق بولۇشقا ئۈندەپ كەلمەكتە. ھايالىق ۋە ئەدەپ - ئەخلاقلىق بولۇش مۇسۇلمانلاردا ئىبادەت سانىلىدۇ. ئىسلام پەيغەمبىرى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام " بىراۋ ئۆزىنىڭ گۈزەل ئەخلاقى بىلەن ناماز ئوقۇغان ۋە روزا تۇتقاننىڭ ساۋابىنى تاپالايدۇ"دېگەن. ئۇ يەنە ھەر قانداق دىننىڭ بىر ئەخلاقى بار، ئىسلام دىنىنىڭ ئەخلاقى ھايادۇر"دەيتتى. مەرھۇم ئۇستاز مۇھەممەد غازالى "مۇسۇلماننىڭ ئەخلاقى"ناملىق مەشھۇر ئەسىرىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: "ئىمان بەندە بىلەن پەرۋەردىگارى ئوتتۇرىسىدىكى بۈيۈك ئالاقە بولۇپ، قەلبنى پاكلاش، ئەخلاقنى توغرىلاش، ھەرىكەتنى دۇرۇسلاش قاتارلىقلار بۇ بۈيۈك ئالاقىنىڭ تەلىبى، بەلكى ئۇنىڭ تۇنجى ئىزناسىدۇر. قەلبنىڭ سەزگۈرلىكىنى ئاشۇرۇپ، خاتالىقلار ۋە پەس ئىشلاردىن ئۆزىنى تارتمىغىچە بۇ تەلەپنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدۇ. يامان ئىشلارنى قىلىشتىن تەپتارتماسلىق تەدرىجى ھالدا گۇناھلارنى قىلىشقا قاراپ تەرەققى قىلىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئىماننىمۇ يوقىتىدۇ. ئاخىرىدا ئۆزىنى ئەڭ پەس ۋە تۆۋەن ئورۇندا كۆرىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام:" ھايا بىلەن ئىمان ئىككىسى بىر پۈتۈن نەرسە. ئۇلارنىڭ بىرى يوقالسا، ئىككىنچىسىمۇ يوقىلىدۇ" دېگەن. بۇنىڭ سەۋەبى ئىنسان پەس ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق ھايانى يوقىتىپ قويغاندىن كېيىن، ئۇ يامانلىققا تېخىمۇ چوڭقۇر پېتىپ رەزىللىكلەر ئازگاللىرىغا چۈشۈپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ ئىنسانلىق قەدىر - قىممىتىنىمۇ يوققا چىقىرىدۇ" "

ئىنساندا ھايانىڭ يوقىلىشى پۈتۈن پالاكەتلەرنىڭ باشلىنىشىدۇر

ئابدۇلكەرىم ھاجىم ھايادىن ئايرىلىپ قېلىشنىڭ پالاكەتلىرى ھەققىدە توختۇلۇپ يەنە مۇنداق دېدى:" بىر ھەدىستە كېلىشىچە، ئاللاھ ئەگەر بىرەر بەندىنى ھالاك قىلماقچى بولسا، ئاۋۋال ئۇنىڭدىن ھايانى تارتىۋالىدۇ. ھاياسى تارتىۋېلىنغان ئادەم غەزەپ قىلغۇچى ۋە غەزەپ قىلىنغۇچى بولۇپ قالىدۇ. غەزەپ قىلغۇچى ۋە غەزەپ قىلىنغۇچى بولۇپ قالغان ئادەمدىن ئامانەت تارتىۋېلىنىدۇ. ئامانەت تارتىۋېلىنغان ئادەم خىيانەتچى بولۇپ قالىدۇ. خىيانەتچى ئادەمدىن رەھىمدىللىق تارتىۋېلىنىدۇ. رەھىمدىللىق تارتىۋېلىنغان ئادەم لەنەتكەردى بولۇپ قالىدۇ. لەنەتكەردى ئادەمدە ئىماننى تاپقىلى بولمايدۇ". بۇ ھەدىس قەلىبتىكى كېسەللىكلەر ۋە ئۇنىڭ تەرەققىيات باسقۇچلىرىنى، باسقۇچلارنى بارغانسېرى يۇقىرىلاپ ماڭىدىغانلىقىنى بىزگە ئىنچىكىلەپ بايان قىلىپ بېرىدۇ. كىشىنىڭ ھايا چۈمبىلى يىرتىلسا، ئۇ قىلغان ئىشلىرىدا ئەيىبلىنىشلەردىن تەپتارتىپ قالمايدۇ. مۇنداقلار كىشىلەرگە ئازار قىلىدۇ. قول ئاستىدىكىلەرنى ئېزىدۇ. پەرزەنتلىرىگە ۋە خوشنىلىرىغا يىرىكلىك قىلىدۇ. بۇنداق ئادەمنى ھېچكىم ياقتۇرمايدۇ. ئەكسىچە كىشىلەرنىڭ قەلبلىرىگە ئۆچمەنلىك ئۇرۇغىنى سالىدۇ. بۇ دەرىجىگە يېتىپ قالغان ئادەمگە ھېچكىم ئىشەنچ قىلالمايدۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن مۇئامىلە قىلىشتىن خاتىرجەم بولالمايدۇ. چۈنكى كىشىلەرنىڭ پۇل - مېلىنى يەۋېلىش ياكى ئابرويىنى تۆكۈشتىن خىجىل بولۇپ قالمايدىغان، ۋەدىگە خىلاپلىق قىلىشنى كۆڭلىگە ئېلىپ كەتمەيدىغان ياكى مەجبۇرىيەتكە سەل قارايدىغان ياكى سودىدا ھىيلە ئىشلىتىدىغان ئادەمگە قانداقمۇ ئىشەنچ قىلغىلى بولسۇن؟!"

ھايانى يوقاتقان ئادەم ئامانەتنىمۇ يوقىتىدۇ

ئابدۇلكەرىم ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، ھايانىڭ يوقىلىشى ئىشەنچ - ئامانەتنىڭ يوقىلىشىدۇر. كىمكى ھايانى يوقىتىدىكەن، ئۇ ئامانىتىنى يەنى كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچىسىنى يوقاتقان بولىدۇ. كىشىلەرنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلمىگەن ئادەم جەمئىيەتتە قىممەتسىز ئادەم بولۇپ قالىدۇ. مۇنداقلار ئۆزلىرىنىڭ نەپسىي ھەۋىسىنى قاندۇرۇش يولىدا يۈگۈرىدىغان ياۋايىلارغا ئوخشاپ قالىدۇ.

مۇنداقلار ئۆزلىرىدىكى ئۇچىغا چىققان شەخسىيەتچىلىك، مەنمەنچىلىك ئىللەتلىرى سەۋەبلىك ئۇلارنى كۆزلىرى ۋە ئەقلى قېلىن پەردىلەر بىلەن پەردىلەنگەن بولۇپ، ئۆزىنى تېخىمۇ ئازدۇرۇدىغان، تېخىمۇ قىزىقتۇرىدىغان نەپسىي ھەۋەسلەردىن باشقىسىنى كۆرمەيدۇ. ئەكسىچە، ئۆزىنىڭ قىلغان خاتالىقلىرى ۋە بەزى يامانلىقلىرىنى باشقىلارنىڭ بىلىپ قېلىشىدىن خىجىل بولۇش ھايانىڭ ئۆزىدۇر.