شەرم - ھايا ۋە نومۇسچانلىق گۈزەل ئەخلاقتۇر

شەرم - ھايا سەت ئىشلاردىن ساقلىنىشقا، ھەر قانداق ھەق ئىگىسىنىڭ ھەققىنى تولۇق ئادا قىلىشقا تۈرتكە بولىدىغان بىر خىل گۈزەل ئەخلاق. ھايا كىشىدە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە رەسۋا بولۇپ قالارمەنمۇ دېگەن غەم - ئەندىشە قورقۇنچىسىنى پەيدا قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كىشى ناچار ئىشلاردىن ساقلىنىدۇ، ياخشى ئىشلارنى قىلىدۇ. شەرم - ھايا ئىنسان ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم بولغاچقا ئاتا - بوۋىلىرىمىز بىزگە " ھاياسىزدا ئىمان يوق" دېگەن ھېكمەتنى قالدۇرغان.

0:00 / 0:00

شەرم - ھايا ۋە نومۇس ئېسىل گۈزەللىك. ئۇ ئىنسان ئەقلىنىڭ ئۇل تېمى. قىسقىسى ئىماننىڭ پوستى شەرم - ھايا ۋە نومۇستۇر. پوستى سويۇۋېتىلگەن دەرەخ قۇرۇپ كەتكەندەك شەرم - ھايا ۋە نومۇستىن ئايرىلغان ئىنسانمۇ ئىمانىي خىسلەتتىن ئايرىلىپ قالىدۇ. ۋىجدان بولسا ئىچكى نومۇستۇر. بىر ھەدىستە:" ئادەم بالىلىرىنىڭ تېنىدە تۆت جەۋھەر بار. ئۇلار: ئەقىل، دىن ، ھايا ۋە ياخشى ئەمەل. بۇ تۆت جەۋھەرنى يوقىتىدىغان تۆت نەرسە بار: ئەقىلنى غەزەپ يوقىتىدۇ. كۆرەلمەسلىك دىننى يوقىتىدۇ. تەمەخورلۇق ھايانى يوق قىلىدۇ. غەيۋەت ياخشى ئەمەلنى يوق قىلىدۇ"دەپ كەلگەن. شەرم - ھايا بىلەن نومۇسچانلىق ھەر قانداق ئىنساننىڭ ئىنسانىي قەدىر - قىممىتىنى بېيىتىپ ھۆرمىتىنى ئاشۇرىدىغان يوشۇرۇن گۈزەللىكتۇر.

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئابدۇكېرىم ھاجىم بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.

شەرم - ھايا قىممەتلىك جەۋھەردۇر

ئابدۇكېرىم ھاجىم مۇنداق دېدى: "ھەقىقىي ھايا ۋە نومۇس كۆپچىلىك ئۈچۈن مەنپەئەتلىك ئىشقا ھەر قانداق ۋەزىيەتتە جۈرئەت قىلىشنى بىلىشتۇر. نومۇس ، ھايا ئېڭى ئىنساننى جازا ھەققىدىكى ھەر قانداق ۋەز - نەسىھەت كىتابلىرىدىنمۇ بەكرەك توغرا يولغا سالىدۇ. بارچە ساماۋى دىنلار ئىنسانغا شەرم - ھايا ۋە نومۇسنى ئۆگەتتى ۋە ئۇنىڭغا تەشەببۇس قىلدى.

ئىنسانلارنىڭ تەبىئىتىدە ئۆزىنىڭ كەمچىلىكىنى، مۇكەممەلسىزلىكىنى ھېس قىلىش ئىقتىدارى مەۋجۇد. شۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك، ياراتقۇچى ئىنسانلارغا ئۇياتنى يەنى ئۆز كەمچىلىكلىرى، مۇكەممەلسىزلىكى ۋە ئاجىزلىقىدىن ئۇيۇلۇش تۇيغۇسىنى ئاتا قىلغان. شۇڭا قانۇن تەقىپ قىلالمىغان ئىشلارنى ھايا - نومۇس تەقىپ قىلالايدۇ. ئىنسان ئۆزىدىن خۇددى باشقا ئادەملەردىن ھايا قىلغاندەك ھايا قىلىشى ۋە يالغۇز ئۆزىلا بىلىپ تۇرۇپمۇ ، باشقىلارنىڭ بىلىش - بىلمەسلىكىدىن قەتئىينەزەر يامان ئىشتىن قەتئىي قول ئۈزۈشى لازىم. ئەدەب - ئەخلاقنى نومۇستىن، نومۇسنى ئەدەب ئەخلاقتىن ئاجراتقىلى بولمايدۇ. ناۋادا ئۇمۇ، بۇمۇ يېمىرىلىشكە باشلىسا بارلىق كۆركەم بىنا يېقىلغان بولىدۇ، قەدىرسىز بولىدۇ ۋە نەپرەتتىن باشقا ھېچبىر تۇيغۇ ئويغاتمايدۇ. شۇڭا ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر ئەلىشىر ناۋايى:

ھاياسىزدا ۋاپا يوق،

ۋاپاسىزدا ھايا يوق.

دېگەن ئىكەن.

ئەجدادلىرىمىزمۇ : "ھايالىق كىشى باھالىق كىشى"دېگەن ئۇلۇغ ھېكمەتنى قالدۇرغان. ھايا ۋاپادارلىقنىڭ ئاچقۇچىدۇر. ۋاپادارلىقنى پەقەت شەرم - ھايالىق كىشىلەردىنلا كۈتۈش مۇمكىن."

شەرم - ھايا بىلەن مېھرى - مۇھەببەت ئىككىسى قوش كېزەكتۇر

ئابدۇكېرىم ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، شەرم ھايا بىلەن مېھرى - مۇھەببەت بىر ۋاراق قەغەزنىڭ ئىككى يۈزىگە ئوخشايدۇ. پەقەت بىرلا يۈزى بار قەغەزنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمىغىنىدەك، شەرم - ھاياسىز مېھرى - مۇھەببەتنى، مېھرى - مۇھەببەتسىز شەرم - ھايانىمۇ تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. مېھرى - مۇھەببەت شەرم - ھايا دەرىخىنىڭ رەڭدار چاقناپ تۇرىدىغان خۇشبۇي، كىشىنىڭ ئەقلىنى لال قىلىدىغان مېۋىسىدۇ.

ئادەملەرنىڭ ئەڭ پەسكىشى نومۇس، ھايا ئېڭى يوق كىشىلەردۇر. مۇنداق كىشىلەرگە ھەممىلا يەردە نەپرەتلەر يېغىپ تۇرىدۇ. شەرم - ھايا بىلەن نومۇسنى يوقاتقان كىشىنى ئۆلۈك دەپ سانىسا بولىدۇ. ئىنساننىڭ بىر كەتكەن ئۇيات نومۇسى قايتىپ كەلمەيدۇ. شۇڭا ھەركىم ئۆزىنىڭ ئۇيات، نومۇسىنى جېنىدىنمۇ ئەزىز بىلىپ قوغدىشى لازىم. شائىر تاگور:" گۈزەل نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى رەڭدار"دېگەن ئىكەن. دۇنيادا قايسى رەڭ ئەڭ گۈزەل ۋە ئەڭ رەڭدار دېسە نومۇسچانلىقنى بىلدۈرىدىغان رەڭ ئەڭ گۈزەل دەپ جاۋاب بېرىلىدۇ. ئادەم خىجىل بولغاندا، ھايا قىلغاندا، نومۇس قىلغاندا تەنلىرى تىترەپ يۈزى قىزىرىدۇ. مانا مۇشۇ چاغدىكى قىزارغان ۋە ئوت ئالغان يۈزنىڭ رەڭگى ئەڭ گۈزەلدۇر.

ھايا ۋە نومۇسچانلىق چوڭ نېمەت

ئابدۇكېرىم ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، ھايا ۋە نومۇسچانلىق ئاللاھ ئاتا قىلغان چوڭ نېمەت، شۇنداقلا ئاڭنىڭ، تەربىيىنىڭ، مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ مەھسۇلىدۇر. دېمەك، شەرم - ھايا بىلەن نومۇس پۈتكۈل گۈزەل ئەخلاقلارنىڭ يۈرىكى ۋە تۈپ يىلتىزىدۇر. شەرم - ھايا بىلەن نومۇس تۇيغۇسى ئىنسانلاردىكى ئەڭ ساپ، ئەڭ تەبىئىي بولغان ھېسسىي ھادىسە، ئۇ ئەڭ ئالىي ماقامدىكى ئەخلاق ئۇستازى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، قۇلاقنىڭ قىزىرىشى، كۆزنىڭ ھەرىكىتى كىشىنىڭ چېھرىدە گەۋدىلەنگەن نومۇس تۇيغۇسىنى چەكسىز سېھرىي كۈچكە ئىگە قىلىدۇ. نومۇس تۇيغۇسى بولماي تۇرۇپ نومۇسچان يۈز بولمايدۇ. نومۇس تۇيغۇسى ئىنسانلارغا خاس ئالاھىدىلىك. شۇڭا ھايۋانلاردا مۇنداق تۇيغۇ بولمايدۇ.

ئىنسانىيەتنىڭ ئىپتىخارلىق ئۈلگىسى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەڭ ھايالىق ئىدى. ئۇ كىشىلەرنىڭ ئەيىبلىرىنى كۆرمەسكە سالاتتى. ئەبۇ سەئىد خۇدەرى ئىسىملىك ساھابە:" رەسۇلۇللاھ يۈزى ئېچىلمىغان قىزدىنمۇ بەك ھايالىق ئىدى. ئۇنىڭ بېرەر ئىشنى ياقتۇرمىغانلىقىنى چىرايىدىن بىلگىلى بولاتتى. ئۇنىڭ ئۆڭى سۈزۈك ۋە نېپىز ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئالىيجاناپ، ھايالىق بولغانلىقتىن كىشىلەر ياقتۇرمايدىغان ئىشنى ئۇلارغا يۈزمۇ ‏- يۈز تۇرۇپ ئېيتمايتتى"دېگەن.

دېمەك، قىز - ئاياللار ئۈچۈنمۇ شەرم - ھايا ۋە نومۇس تۇيغۇسى ھاياتلىق دېمەكتۇر. ھەتتا ھاياتتىنمۇ قىممەتلىكتۇر. نومۇسنى قوغداش يولىدا جاننى پىدا قىلىش ئەڭ ئاددىي تەلەبتۇر. خۇددى ئۇيغۇر دىيارىدىكى نوزۇگۈم ۋە يەتتە قىزلىرىمدەك نومۇس ئابىدىلىرى تارىختىن بۇيان ئىنسانلارنىڭ قەلبىدە سۆيگۈ بىلەن يادلىنىپ كەلمەكتە.