ئەمەت قاسىم سوتچىغا: بىز خاتالاشساق ئاتىسىلەر، سىلەر خاتالاشساڭلار جازا يوقمۇ؟

ئاقسۇدا 20 توننا گۈرۈچ ئېلىپ ماڭغان خىتاي «ھايانكەش» كە 400 يۈەن، 39 خالتا بۇغداي ئېلىپ ماڭغان ئۇيغۇر «ھايانكەش» كە 5 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلدى.

0:00 / 0:00

ئاقسۇنىڭ ئېگەرچى يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق دېھقان ئەمەت قاسىم، 5 مو يېرىدىن ئالغان ھوسۇلى 39 خالتا بۇغداينى شەھەرگە ئېلىپ ماڭغاندا، خىتاينىڭ بازار باشقۇرۇش خادىملىرى ھايانكەشلىك بىلەن ئەيىبلەپ 5000 يۈەن جەرىمانە قويغان.

ئەمەت قاسىم ئومۇمى مەھسۇلاتىنىڭ قىممىتى 2000 يۈەنگە بارمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ جەرىمانىنى رەت قىلغان. خىتاي خادىملىرى ئەمەت قاسىمنىڭ 39 خالتا بۇغدىيىنى مۇسادىرە قىلىش بىلەن بىرلىكتە، كىراغا ئالغان يۈك ئاپتوموبىلىنىمۇ تارتىۋالغان. ئەجەبلىنەرلىكى، شۇ كۈنى شۇ مەيداندا، 20 توننا گۈرۈچ ئېلىپ ماڭغان خىتاي سودىگەرگە، پەقەت 400 يۈەن جەرىمانە قويغان.

خىتاي سودىگەر جەرىمانىنى تۆلەپ يولىغا راۋان بولغان.

خىتاينىڭ يېزا ئىگىلىك قانۇنىدا، دېھقانلار ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى ئۆزى خالىغان باھادا، ئۆزى خالىغان تەرەپكە سېتىش ھوقۇقى بار دەپ بەلگىلەنگەن. ئەمما بۇ قانۇن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بەزى ۋىلايەتلىرىدە پەرقلىق ئىجرا قىلىنماقتا؛ پەرقلىق ئىجرا قىلىنغاندىمۇ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلارغا يەنە باشقىچە تەتبىقلانماقتا. ئۆتكەن يىلى گۇما ناھىيىسىنىڭ قارا تاغىز يېزىسىدىكى دېھقانلارمۇ، بۇ ھەقتە مەسىلە ئىنكاس قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، قاراتاغىزلىق دېھقانلار چىلان ۋە پاختا قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىنى، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى خىتاي شىركىتىگە ئەركىن بازاردىن 50% تۆۋەن باھادا سېتىپ بېرىشكە مەجبۇرلانغان. ئۇلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇلار تەۋە بولغان دېۋىزىيە خىتاي دېھقانلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئەركىن بازاردا سېتىشىغا يول قويغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئەمەت قاسىمنىڭ بۇ ھەقتىكى بايانلىرىنى ئاڭلايسىلەر.