دۇنيا ئەللىرى ئاپەت يۈز بەرگەن ھايتىغا جىددىي ياردەم بەرمەكتە

دۇنيا ئەللىرىنىڭ ئاپەت يۈز بەرگەن ھايتى جۇمھۇرىيىتىگە ياردەم بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار، ئىككى كۈندىن بۇيان كۆپىنچە ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ باش خەۋىرى بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. ھايتى جۇمھۇرىيىتى شىمالىي ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ ئارىلىقىدىكى كارابىيان ئاراللىرىدىكى بىر دۆلەت.

0:00 / 0:00

بۇ دۆلەتتە 12 - يانۋار كۈنى يەرلىك ۋاقىت 21 دىن 53 مىنيۇت ئۆتكەندە 7.3 بال يەر تەۋرىدى. يەنە بىر نەچچە قېتىم ساقىندى يەر تەۋرەش يۈز بەردى.

فرانسىيە گىئو -فېزىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ قېتىم ھايتىدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشنى دېڭىز تېگىدىكى يەر قاتلاملىرىنىڭ ئاجرىلىش ھەرىكىتى پەيدا قىلغان. ئەگەر بۇنداق ئاجرىلىش ھادىسىلىرى دېڭىزنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا بولمىسا، يەر يۈزىدىكى بۆلەكلەرنىڭ تەكشىلىكتە پەيدا بولىدىغان تەڭشىلىش ھادىسىلىرى (سېلكىنىش) ئىنتايىن قاتتىق بولىدىكەن.

بۇ دۆلەتتىكى 9 مىليون نوپۇسنىڭ ئاز دېگەندە 3 تەن بىر قىسمى ئاپەتكە ئۇچرىدى

قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ 13‏ - يانۋار كۈنى بايان قىلىشىچە، بۇ قېتىم ھايتىدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە، بۇ دۆلەتتىكى 9 مىليون نوپۇسنىڭ ئاز دېگەندە 3 تەن بىر قىسمى ئاپەتكە ئۇچرىغان. يەر تەۋرەشتە ئۆلگەن ئادەم سانى 100 مىڭ ئەتراپىدا دەپ تەخمىنلەنگەن. ھايتىنىڭ پايتەختى پورت ئاۋ پرىنسى شەھىرىدە ئاساسى قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرى پۈتۈنلەي ئىشتىن چىققان. ئىنتېرنېت، تېلېفون ياكى يانفون، قاتارلىق ئۇچۇر - ئالاقە ۋاستىلىرى پالەچ بولغان.

س ن ن نىڭ بايان قىلىشىچە، ھايتىنىڭ پايتەختى پورت ئاۋ پرىنسى شەھىرىدىكى ئاساسلىق دوختورخانا، مەكتەپ، مېھمانخانا، پرېزىدېنت سارىيى، ب د ت نىڭ ھايتىدىكى ئىش بىناسى، ھەتتا تۈرمىمۇ ساق قالمىغان. ئۆرۈلگەن ھايتى دۆلەت مەجلىسى بىناسى ئىچىدىن قۇتقۇزۇش تەلەپ قىلپ نالە قىلغان ئاۋازلار ئاڭلىنىپ تۇرغان. ب د ت تىچلىقنى ساقلاش قىسىملىرى تەخمىنەن 150 خادىمى بىنا ئۆرۆلگەندە كۆمۈلۈپ قالغانلىقىنى بايقىغان.

ھايتىدا ھايات قالغان كىشىلەر دەرھال ھەرىكەتلىنىپ، يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندىن كېيىنكى ئەڭ قىممەتلىك بولغان 72 سائەت ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆلگەنلەرنى دەپن قىلىش، ئىز - دېرەكسىزلەرنى ئىزدەش، بولۇپمۇ ئادەم ئاۋازى ئاڭلانغان خارابىلىقلارنى كولاپ ئادەم قۇتقۇزۇشقا كىرىشكەن.

13‏ - يانۋار كۈنىدىكى بىرىنچى تۈركۈم ياردەم

13‏ - يانۋار كۈنى ئەتىگەندە، ئامېرىكىنىڭ ھايتىدىكى ئەلچىخانسى يەر تەۋرەش ئەھۋالىنى دۇنياغا ئاڭلاتقاندىن كېيىنلا، ئامېرىكىنىڭ خەتەرگە يۈزلەنگەن خەلقنى قۇتقۇزۇش ئورگىنى دەرھال ھەرىكەتكە كەلگەن. ب د ت باش كاتىبى بانكىمۇن پۈتۈن دۇنيانى ياردەمگە چاقىرغان. ب د ت نىڭ دۇنيا ئاشلىق مەھكىمىسى ۋە قۇتقۇزۇش ئورگانلىرىمۇ ھەرىكەتكە كەلگەن.

ئامېرىكىنىڭ قۇتقۇزۇش خادىملىرى يېمەك ۋە باشقا قۇتقۇزۇش ئەشيالىرى قاچىلانغان چوڭ تىپلىق يۈكچى ئايروپىلان بىلەن تۇنجى بولۇپ ھايتىغا يېىتپ كېلىپ، خارابىلىقلاردا كۆمۈلۈپ قالغان ھايات كىشىلەرنى قۇتقۇزۇشقا باشلىغان. كۇبانىڭ 300 كىشىلىك قۇتقۇزۇش ئەترىتىمۇ 13 ‏ - يانۋار كۈنى ھايتىغا يېتىپ كەلگەن. پېرۇنىڭ 54 توننا يېمەك قاچىلىغان قۇتقۇزۇش ئايروپىلانىمۇ شۇ كۈنى يېتىپ كەلگەن.

13‏ - يانۋار كۈنىدىكى ئىككىنچى تۈركۈم ياردەم

ب د ت 13 ‏ - يانۋار كۈنى ھايتىغا 10 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ياردەم بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. دۇنيا بانكىسى 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ياردەم بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئامېرىكىدا خەلق توپلىغان ئىئانە پۇل سانى 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.

گېرمانىيە، ئىتالىيە، فرانسىيە قاتارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەر بىرى بىر مىليون 500 مىڭ يۇرو پۇل ياردەم قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. بۇ دۆلەتلەرنىڭ قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى ئايروپىلانلىرىغا سۈزۈك سۇ، يېمەك، چېدىر، دورا قاتارلىق جىددىي ياردەم بۇيۇملىرىنى قاچىلاپ، شۇ كۈنى كەچتە ھايتىغا يېتىپ كەلگەن. ياردەم ئەشيالىرىنى بىۋاستە ھايتىغا ئايروپىلان بىلەن يەتكۈزەلمىگەن دۆلەتلەرنىڭ ياردەم ئەشيالىرىنى، ئامېرىكا پىدائىلىرى فلورىدا شىتاتىدىن دېڭىز ئارقىلىق ھايتىغا توشۇشقا باشلىغان.

پورت ئاۋ پرىنسى شەھىرىنىڭ كۇچىلىرىدا دەپن قىلىنماي تۇرۇپ قالغان جەسەتلەر كۆپ

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ مۇخبىرى ھايتىنىڭ پايتەختى پورت ئاۋ پرىنسى شەھىرىنىڭ كۇچىلىرىدا، دەپن قىلىنماي تۇرۇپ قالغان جەسەتلەر كۆپ ئىكەنلىكىنى، دوختورلارنىڭ كۆپىنچىسى سرتتا ئۆزىنىڭ قېرىنداشلىرىنى ئىزدەپ يۈرگەنلىكىنى، گەرچە شەخسى ئاپتوموبىللار كىشىلەرگە ئۆي بولالىغانلا ئەمەس، بەلكى جەسەتلەرنى توشۇشتىمۇ مۇھىم رول ئوينىغان بولسىمۇ، ئەمما بېنىزىن قاچىلايدىغان ئەسلىھەلەر ئىشتىن چىققانلىقى ئۈچۈن، ئۇمۇ ئىشقا كىرىشەلمەيدىغانلىقىنى كۆرگەن.

خىتايمۇ ھايتىغا ياردەم ئەۋەتتى، ئەمما مەزمۇنى باشقا ئەللەرنىڭ ياردىمىگە ئوخشىمايدۇ

13‏ - يانۋار كۈنى خىتاينىڭ 'جۇڭگو گېزىتى' ھايتىدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە خىتاينىڭ ھايتىدىكى تېنچلىق ساقلاش قىسىمىدىن 4 ساقچى ۋە خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىن 4 خادىم بىنادا كۆمۈلۈپ قالغانلىقىنى خەۋەر قىلغاندىن كېيىن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاڭ يۈ 'دۆلەت رەھبەرلىرىمىز ھازىر ھايتىدىكى يەر تەۋرەشتە كۆمۈلۈپ قالغان ۋە ئىز - دېرەكسىز تۇرۇۋاتقان جۇڭگو خادىملىرىدىن ئەنسىرەۋاتىدۇ' دەپ جاكارلىغان ئىدى.

14 - يانۋاركۈنى خۇ جىنتاۋ ھايتىغا 1 مىليۇن ئامېرىكا دوللىرى ياردەم بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ 60 كىشىلىك قۇتقۇزۇش ئەترىتى 20 توننا يېمەك ۋە 3 دانە ئاپشاركا ئېلىپ ھايتىغا يېتىپ كەلگەن. خىتاينىڭ 'ئەلچىلەرنى قوغداش مەركىزى' دېگەن ئورگىنى ھايتىدىكى خىتاي مۇھاجىرلىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشقا باشلىغان.