خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۇيغۇر ياش ئۆسمۈر نۇرۇل ئىسلام شېربازنى قۇتقۇزۇش چاقىرىقى چىقاردى

خىتاي ئەدلىيە دائىرىلىرى "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"گە چېتىلىپ قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇر ياش ئۆسمۈرلىرىدىن نۇرۇل ئىسلام شېربازنى "قاتىللىق قىلىش ۋە ۋەقە پەيدا قىلىش" بىلەن ئەيىبلەپ، قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى. مەركىزى لوندوندىكى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى سەيشەنبە كۈنى جىددىي چاقىرىقنامە ئېلان قىلىپ، نۇرۇل ئىسلام شىربازغا ئادالەتسىزلىك قىلىنغانلىقىنى، خەلقئارا جامائەتنىڭ مەزكۇر دېلوغا ئارىلىشىپ، ئۇنىڭ ئادىل سوتلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

0:00 / 0:00

"5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسى" گە بىر يىل بولاي دەپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ۋەقەگە چېتىلىپ قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنى سوتلاش ۋە تۈرلۈك جازالارغا مەھكۇم قىلىش خىزمىتى ئىزچىل داۋام قىلىۋاتىدۇ. 13‏ - ئاپرىل كۈنى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى "5 ‏- ئىيۇل ۋەقەسى"گە چېتىلىپ قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇر ياش ئۆسمۈرلىرىدىن نۇرۇل‏ ئىسلام شېربازنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ، ئۇنىڭ "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دە "قاتىللىق ياكى قاتىللىق قىلىشقا ئۇرۇنۇش"شۇنداقلا "ماجىراغا كۈشكۈرتكۈچىلىك قىلىش جىنايىتى" سادىر قىلغانلىقىنى مۇقىملاشتۇرغان ئىدى.

لېكىن ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا خىتاي ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ 5" - ئىيۇل ۋەقەسى" گە قاتناشقانلارنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى قانۇنى ئېتبارىغا نىسبەتەن جىددىي ئەنسىزلىك ياراتقان. مەركىزى لوندوندىكى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى سەيشەنبە كۈنى مەزكۇر دىلو توغرىسىدا جىددىي چاقىرىقنامە ئېلان قىلىپ، نۇرۇل ئىسلام شېربازنىڭ ئادالەتسىز سوتلانغانلىقىنى، خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ خىتاي دائىرىلىرىگە بېسم ئىشلىتىپ، نۇرۇل‏ ئىسلام شېربازنى خەلقئارا قانۇن ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن ھالدا تەكرار سوتلاشنى تەلەپ قىلىشقا چاقىردى.

چاقىرىقنامىدە، خەلقئارا جامائەتچىلىكنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يۇقىرى سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى روزى ئىسمايىل، تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى مۇھەممەت يۈسۈپ ۋە خىتاي مىللىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ باشلىقى ياڭ جىڭ قاتارلىقلارغا خەت يېزىپ، "نۇرۇل‏ ئىسلام شېربازنىڭ ئادىل سوتلانمىغانلىقىنى، سوتنىڭ ھۆكۈمى تەن جازاسى ئاستىدا ئېلىنغان ئىقرارنى ئاساس قىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەشكە، دائىرىلەرنىڭ خەلقارا ئۆلچەمنى ئاساس قىلىپ، نۇرۇل ئىسلام شېربازنى ئۆلۈم جازاسى بېرىلمەسلىك شەرتى ئاستىدا تەكرار سوتلاشقا، ئۇنىڭ تەن جازاسى ۋە ئادالەتسىز مۇئامىلىگە ئۇچرىماسلىقىغا، ئۆزى تاللىغان ئادۋوكاتنى ياللىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلىش" قا چاقىردى.

مەركىزى ئامېرىكىدىكى خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دىموكراتىيە فوندى جەمئىيىتىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۈبەيرە خانىم، ئاقسۇ ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىنى تەنقىدلەپ، خىتاي ئەدلىيە ئورگانلىرىنى 5" - ئىيۇل ۋەقەسى" گە چېتىشلىك دىلولارنى سىياسىيلاشتۇرۇش بىلەن ئەيىبلىدى.

نۇرۇل‏ ئىسلام شېربازنىڭ 13‏ - ئاپرىلدىكى سوتى ئاران يېرىم سائەت داۋاملاشقان. بۇ ھەرقتىكى خەۋەرلەردە ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ سوتنى ئاڭلىشىغا رۇخسەت قىلىنغانلىقىنى، لېكىن سوتنىڭ ۋاقتى سوت ئېچىلىشنىڭ بىر كۈن ئالدىدا ئۇقتۇرۇش قىلىنغانلىقىنى، سوتتا ھۆكۈمەت تەيىنلىگەن ئادۋوكاتنىڭ شېربازغا ۋەكىللىك قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى دائىرىلەرنىڭ 13‏ - ئاپرىلدىكى سوتتا ئىككى سىنئالغۇ كۆرۈنۈشىنىڭ "جىنايى پاكىت" ئورنىدا قوبۇل قىلىنغانلىقىنى تەنقىدلىدى. سىنئالغۇلارنىڭ بىرسى بىر توپ ئۇيغۇرنىڭ بىر كىشىنى ئۇرۇۋاتقانلىقىغا ئائىت بولۇپ، ئۇنىڭدا نۇرۇلنىڭ بۇ توپنىڭ ئادىمى ئىكەنلىكى ياكى ئۇنىڭ قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغانلىقىغا دائىر ھىچقانداق كۆرۈنۈش يوقلۇقىنى، سىنالغۇدا ئۇنىڭ پەقەت ۋەقە سادىر بولغان كوچىدا تۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. يەنە بىر سىنئالغۇ بولسا، ساقچىلارنىڭ ئۇنى ۋەقە سادىر قىلغان يەرگە ياللاپ ئاپىرىپ، ئۇنىڭ شۇ يەردە ئۆزىنىڭ ئادەم "ئۆلتۈرگەنلىكى"نى ئىقرار قىلغانلىقىغا ئائىت ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى5" ‏- ئىيۇل ۋەقەسى" گە ئارىلاشقانلارنىڭ قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ھەر دەرىجىلىك تەپتىش ۋە سوت خادىملىرىغا "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"گە ئائىت دىلولارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا كۆرسەتمە بەرگەن شۇنداقلا تۇتقۇنلارنىڭ ئۆزى خالىغان ئادۋوكات تەكلىپ قىلىشىنى چەكلىگەن ئىدى.

بېيجىڭدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر كىشىلىك ھوقۇقى ئادۋوكاتى، "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" گە مۇناسىۋەتلىك دىلولارنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىش ئۇسۇلىنى تەنقىدلەپ، ئەدلىيە تەرتىپىنىڭ قانداق ئىشلىنىۋاتقانلىقى ئېنىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ" :رايوندىكى سوتلارنىڭ ئەدلىيە تەرتىپى چېكىدىن ئاشقان دەرىجىدە بېكىنمە. بىز ئۇلارنىڭ كونكرېت ئەدلىيە تەرتىپى قانداق ئىشلىنىۋاتقانلىقىنى، ئادۋوكاتلارنىڭ ئۇلارنى قانداق ئاقلاۋاتقانلىقىنى بىلمەيمىز. جۇڭگو قانۇنىغا ئاساسلانغاندا سوت ئوچۇق - ئاشكارا بولۇشى كېرەك. ئەيىبلەنگۈچىنىڭ خالىغان ئادۋوكاتنى تەكلىپ قىلىش ھوقۇقى بولۇشى لازىم. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، بىز ئۇ يەردىكى ئەدلىيە تەرتىپىنىڭ ئىشلەش ئۇسۇلىدىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز. ئەيىبلەنگۈچىلەر پەقەت قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن سوتلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئەرزىيەت ھوقۇقى ئومۇميۈزلۈك قوغدالغاندىلا سوتنىڭ ئېتىبارى بولىدۇ."

خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر ئۈرۈمچىنىڭ ئۆزىدە "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" گە باغلاپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى تەخمىنەن 40 ئەتراپىدا. لېكىن دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مىقياسىدا قانچىلىك ئۇيغۇرنى بۇ ۋەقەگە چېتىپ ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇغانلىقى ياكى تۈرلۈك قاماق جازالىرىغا مەھكۇم قىلغانلىقى مەلۇم ئەمەس. زۈبەيرە خانىم رايوندىكى ئادالەتسىز سوتلاشنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى داۋراڭ سېلىۋاتقان "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى"نى ئىلگىرى سۈرۈش ئەمەس، بەلكى ئۆچمەنلىكنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش رولى ئوينايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

نۇرۇل‏ ئىسلام شىېرباز 2009‏ - يىلى 5" ‏- ئىيۇل ۋەقەسى"دە قولغا ئېلىنغاندا 17 ياشلاردىكى ئۆسمۈر ئىدى. ئۇ، قولغا ئېلىنغان دەسكەپكى 8 ئاينى ئۈرۈمچى شىسەن تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدە ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بۇ يىل 2 ‏ - ئايدا ئاقسۇدىكى بىر تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىگە يۆتكەلگەن. ئۇ، بۇ يىل 1 ‏ - ئاينىڭ 16 ‏ - كۈنى 18 گە كىرگەن ئىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.