ھەجىگە بەرىش ئۇچۇن پاكىستانغا كەلگەن 2000 ئۇيغۇرنىڭ ۋىزا تەلىپى رەت قىلىنغان


2006-08-25
Share

ھەج سەپىرىگە بېرىش ئۇچۇن ئۇيغۇر دىيارىدىن پاكىستانغا كەلگەن 2000 مىڭ ئەتراپىدا كىشىنىڭ ۋىزا تەلىپى سەئۇدى ئەرەبىستان كونسۇلخانىسى تەرىپىدىن رەت قىلىنغان. بۇ 2000 نەپەر كىشىنىڭ 1900 ى ئۇيغۇر، قالغانلىرى تۇڭگان ئىكەن. بۇلار رادىئومىزغا تېلېفون قىلىپ سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى ئابدۇللانىڭ ئۆزلىرىگە ۋىزا بېرىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇلار ئۆزلىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا بېرىش مەقسىتىنىڭ ھەج تاۋاپ قىلىش ئىكەنلىكىنى، ھېچقانداق بىر سىياسى تەرىپىنىڭ يوقلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۇچۇن، تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم پاكىستاندا ياشاۋاتقان ئابدۇلقەيۇم ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت