ئۇيغۇر ھاجى نامزاتلىرى قاتتىق بېسىمغا دۇچ كەلمەكتە


2006.09.27

hej-arafat.jpg
2006 – يىلى 9 - يانۋار كۈنى مۇسۇلمانلار مەككىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ئارافات تېغىغا ياماشماقتا. گەرچە خىتاي دائىرىلىرى پۇقرالىرىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكتىن بەھرىمان بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، پاكىستاندىكى سەئۇدى ئەلچىخانىسى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ھاجى نامزاتلىرىغا ۋىسا بەرمەسلىك ھەققىدە بېسىم ئىشلەتكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. AFP

ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۈرلۈك ۋاسىتىلار ئارقىلىق قاتتىق كونترول قىلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بولۇپمۇ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەج قىلىش قىيىنچىلىقىغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئىسلام دىنىدىكى مۇھىم بەش پەرىزنىڭ بىرى ھېسابلانغان ھەج قىلىش پائالىيىتى، مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئىنتايىن ئۇلۇغ ۋە شەرەپلىك بىر ۋەزىپە بولۇپ، ھەر قانداق بىر مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ ھەج قىلىش ئارزۇيىغا يېتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەج قىلىشىغا چەكلىمە قويۇپ، يىلىغا چەكلىك سان بېكىتىش ئارقىلىق، ناھايىتى ئاز بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ھەج قىلىشىغا يول قويىدۇ. شۇڭا ھۆكۈمەتنىڭ ھەج قىلىش ئىمتىيازىغا ئېرىشەلمىگەن ئۇيغۇرلار كۆپ ئىقتىساد ۋە جاپالىق يوللار بىلەن، ھەج قىلىش مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، پاكىستان، دۇبەي ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە چىقىپ، ھەج ۋىزىسىنى ئېلىش يولىنى ئىزدەپ كەلمەكتە. بىراق خىتاي، ئۆز خىراجىتى بىلەن ھەج قىلىشنى ئارزۇ قىلغان ھەج نامزاتلىرىنى، كەينىدىن قوغلاپ يۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ھەج پائالىيىتىنى توسماقتا ئىكەن.

ئىنكاسلارغا قارىغاندا، بۇ يىلمۇ خىتاي دائىرىلىرى مەخسۇس ئادەم تەيىنلەپ، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان دۆلەتلەرگە شەخسى خىراجىتى بىلەن چىققان ھاجى نامزاتلىرىنىڭ قايتىپ كېتىشىنى، ئەگەر دەرھال قايتىپ كەتمىسە قاتتىق جازاغا تارتىلدىغانلىقى ھەققىدە بېسىم ئىشلەتكەن.

بىز بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلار توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلەپ بېقىش ئۈچۈن، پاكىستاندىكى قەشقەر راباتقا تېلېفۇن ئۇردۇق. قەشقەر راباتتىن بىزگە مەلۇمات بەرگەن ئىككى كىشى، ھەقىقەتەن ھازىر خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ ھەتتا، ھاجى نامزاتلىرىنىڭ ئائىلىسىگە بېسىم ئىشلىتىش ئارقىلىق، قايتىپ كېتىشكە مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.

ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى رەھبىرى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەج قىلىشقا ئوخشاش دىنىي ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.