گەرچە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچراش مەسىلىسى يىللاردىن بېرى ھەرقايسى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى تەرىپىدىن دوكلات قىلىنىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭدىن دۇنيادىكى مۇسۇلمان ئەللەر ۋە خەلقلىرىنىڭ ئانچە خەۋىرى يوق ئىدى. يېقىندا مەركىزى مىسىردىكى «ئان ئىسلام» تور گېزىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەج-تاۋاپ قىلىش ئەركىنلىكىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چەكلىنىش ئەھۋالى ھەققىدە بىر پارچە خەۋەر ئېلان قىلىنغان بولۇپ، خەۋەردە ئۇيغۇرلاردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەج تاۋاپ قىلىشتا قانداق چەكلىمىلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقى ھەققىدە بەزى مەلۇماتلار بېرىلگەن.
«ئان ئىسلام» تور گېزىتى خەلقئارا ۋەزىيەت، مۇسۇلمان ئەللىرىگە ئالاقىدار تېز ئۇچۇرلار، ئانالىزلار ۋە تۈرلۈك ئۇنىۋېرسال خەۋەرلەر ئېلان قىلىنىدىغان ۋە دۇنيا مىقياسىدا ئون مىڭدىن ئارتۇق مۇشتەرى بولغان بىر تور گېزىتى. يېقىندا بۇ تور گېزىتىدە «ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەلگە ئاشمايدىغان ھەج چۈشى» ناملىق خەۋەر ماقالىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، خەۋەر ماقالىسىدە دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ھەج-تاۋاپ بۇرچىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن سەپەرگە ئاتلانغان بىر مەزگىلدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ھەج قىلىشتىن چەكلەۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنغان. بۇ خەۋەر ماقالىسى مۇنداق دەپ باشلانغان:
-مىليونلىغان مۇسۇلمان كېلەر ھەپتىنىڭ بېشىدا باشلىنىدىغان ھەج پائالىيىتىگە تەييارلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتايدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۆمۈرلۈك ھەج سەپىرىگە چىقىش چۈشىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولماقتا. ئېلى، ئۇنىڭ دادىسى ۋە ئۇنىڭ ئىككى قېرىندىشى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى مەككىگە بېرىپ ھەج قىلىشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ھەجىگە بارىدىغان رۇخسەتنى ئېلىش پاسپورت ئېلىشتىنمۇ بەك تەس بولۇپ كەتكەن.
خەۋەردە، ئىسمى ئېلى دەپ تونۇشتۇرۇلغان بىر ئۇيغۇرنىڭ سۆزىگە يەر بېرىلگەن بولۇپ، ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت بېجىرىشتە ئۇچرايدىغان قىيىنچىلىقلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېگەن: ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھەج پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن 70 مىڭ يۈەن ھەق تۆلەش كېرەك. نۇرغۇن ئۇيغۇر بۇنىڭغا چىقىش قىلالمايدۇ. چىقىش قىلغان تەقدىردىمۇ، ھۆكۈمەتنىڭ تىزىملىكىگە كىرىش ئىنتايىن قېيىن.» ئاپتور ئېلىنىڭ سۆزلىرىدىن كېيىن مۇنداق دەپ بايان قىلغان:
-ئېلىنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساقچى ئورگانلىرى يېقىنقى ئايلاردىن بېرى پاسپورت بېجىرىش خىزمەتلىرىنى توختاتقان، خىتاي دائىرىلىرى 2008-يىلى بېيجىڭ ئولىمپىكى مەزگىلىدىن تارتىپ، بۇنداق بىر بەلگىلىمىنى يولغا قويۇشقا باشلىغان ئىكەن. ئەمما ئەجەبلىنەرلىكى، چەكلىمە ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىكەن. خىتايلارغا پاسپورت ئىشلىنىۋېرىدىكەن. ھەجىگە چىقماقچى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەگەر ھۆكۈمەتتە ئىشلەيدىغان تونۇشى بولمىسا ئۇلارنىڭ پاسپورت ئىشلىشى مۇمكىن ئەمەس دېيەرلىك ئىكەن.
خەۋەردىن قارىغاندا، بۇ يىل خىتايدىن جەمئىي 13800 ئەتراپىدا كىشى ھەجىگە بارىدىغان بولۇپ، بۇ ھاجى نامزاتلىرى41 ئايروپىلان ئارقىلىق مەككىگە ئېلىپ بېرىلىدىكەن. ھاجى نامزاتلىرى نىڭشيا، گەنسۇ، چىڭخەي ۋە ئۇيغۇر ئېلى قاتارلىق رايونلاردىن بولۇپ، نىڭشيا رايونىدا بۇ يىل ھەجىگە بارىدىغانلارنىڭ سانىدا كۆرۈنەرلىك ئارتىش بولغان. ئەمما مۇخبىر ماقالىسىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمەت ئورۇنلاشتۇرغان سانغا كىرىشىنىڭ تەسلىكىدىن سىرت، ئۆز ئالدىغا ھەجىگە بېرىشتىنمۇ چەكلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن:
-بۇنىڭدىنمۇ يامىنى، ھۆكۈمەت ئۆز ئالدىغا ھەجىگە بېرىشنى چەكلەيدىكەن. ئېلىنىڭ دادىسى ماڭا: «ھۆكۈمەت ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ھەجىگە بېرىشىغا قارشى. ئۇلار ئۇيغۇرلارنى ئامال بار ھەجىگە بارغۇزمىساق دەيدۇ» دەپ شىكايەت قىلدى. بەلگىلىمە بويىچە، خىتايدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەر ھەممىسى دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدا بولغان خىتاي مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ھەجىگە چىقىشى كېرەك ئىكەن.
خەۋەرنىڭ داۋامىدا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچى ۋە قەشقەر قاتارلىق شەھەرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان رايونلىرىدىكى تاملاردا «ئۆز ئالدىغا ھەجگە بارماسلىق» ئاگاھلاندۇرۇلغان خەتلەرنىڭ قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرىدىغانلىقى ئەسكەرتىلىش بىلەن بىرلىكتە، ۋىكىلىكىستە ئېلان قىلىنغان مۇنداق بىر ھۆججەتمۇ قوشۇمچە قىلىنغان. بۇ ھەقتە خەۋەردە مۇنداق دەپ بايان قىلىنغان:
-ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا ئائىت ۋىكىلىكىستە ئاشكارىلانغان دىپلوماتىك ئالاقىلەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 2007-يىلىدىن ئېتىبارەن ئۆز ئالدىغا ھەجگە بېرىشنى توسۇش ئۈچۈن تەدبىر ئېلىشقا باشلىغان. سەئۇدى ئەرەبىستانلىق دىپلوماتلارنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى سەئۇدى ئەرەبىستاندىن چەتئەللەردە تۇرۇپ ھەجگە بېرىش ئۈچۈن ۋىزىغا ئىلتىماس قىلغان خىتاي پۇقرالىرىغا ۋىزا بەرمەسلىكىنى تەلەپ قىلغان. بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق سەئۇدى دىپلومات ئامېرىكىلىق دىپلوماتقا «خىتاي ئۆز ئالدىغا ھەجگە ماڭغانلارنى ئايروپىلانغىمۇ چىققىلى قويمايدۇ» دەپ بەرگەن.
خەۋەرنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىلگەن، ئۇنىڭدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 1955-يىلىدىن بېرى خىتاينىڭ بىر ئاپتونوم رايونى قىلىپ بېكىتىلگەنلىكى، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈش بىلەن ئەيىبلەپ كەلگەنلىكىگە ئوخشاش مەلۇماتلار تىلغا ئېلىنغان.