ھەج ئىبادىتى ھەققىدە چۈشەنچە

ھەج ئىبادىتى خۇددى ناماز، روزا، زاكاتقا ئوخشاش بۇرۇنقى ساماۋىي دىنلاردىمۇ بۇيرۇلۇپ كەلگەن قەدىمىي ئىبادەتتۇر. ھەج پائالىيەتلىرى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدىن باشلاپ ھازىرقى تەرتىپى بويىچە داۋام قىلغان بولسىمۇ، زامانلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىغا خۇراپات ۋە بۇتپەرەسلىك ئادەتلىرى ئارىلىشىپ بۇزۇلۇشى تۈپەيلى بۇددىست ئەرەبلەر ھەج پائالىيەتلىرىنىڭ شەكلىنىمۇ ئۆزگەرتىۋەتكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﻣﻪﺭﺟﺎﻥ ﺗﻮﺧﺘﻰ
2010.11.15
Hej-paaliyiti-2009-305.jpg سۈرەت، مەككىدىكى ھەج پائالىيىتىدىن بىر كۆرۈنۈش.
www.english.globalarabnetwork.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

ھەتتا كەبىنىڭ ئىچىگە ھەر قەبىلە ئۆزلىرىنىڭ بۇتلىرىنى تىزىۋالغان. ئىسلام دىنى دۇنياغا كېلىپ، ھىجرىيەنىڭ 8 - يىلى (مىلادىيە 630 - يىلى) مەككە پەتھى قىلىنىپ مۇسۇلمانلارنىڭ قولىغا ئۆتكەندىن كېيىن، كەبىنىڭ ئىچىدىكى بۇتلار چېقىپ تاشلىنىپ كەبە تازىلىنىدۇ. شۇنىڭدىن بىر يىل كېيىن، ھىجرىيەنىڭ 9 - يىلى ھەج ئىسلام دىنىنىڭ 5 - پەرزى بولۇپ بەلگىلىنىدۇ ۋە ھەج پائالىيەتلىرىنىڭ قائىدە - تەرتىبلىرى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنى بولغان ھەنىفى (ھەق) دىندىكى ئەسلى شەكلىگە قايتۇرىلىدۇ. شۇندىن بىرى ھەج پائالىيەتلىرى شۇ بويىچە داۋام قىلىپ كەلمەكتە.

تۆۋەندە سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدىكى ئىسلام ئۇنىۋېرستېتىنىڭ تالىبى مۇھەممەد نىياز ھاجىم بىلەن  بۇ ھەقتە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

مۇھەممەد نىياز ھاجىم بىلەن سۆھبەت

مۇھەممەد نىياز ھاجىم مۇنداق دېدى: "ئاللاھ تائالا ئۆمۈر ئىچىدە بىر قېتىم ھەج پەرزىنى ئادا قىلىشنى ئىقتىسادى يېتەرلىك بولۇپ، ھەج سەپىرىگە قادىر بولالىغان مۇسۇلمان كىشىلەرگە پەرز قىلىپ بەلگىلىدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:﴿ قادىر بولالىغان كىشىلەرنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن كەبىنى زىيارەت قىلىشى ئۇلارغا پەرز قىلىندى﴾. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسلىق ئىبادەتلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: "ئىسلام دىنى بەش نەرسىنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان، ئۇلار: ئاللاھ تائالادىن باشقا ئىلاھىي مەبۇد يوقلۇقىغا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ھەق پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىش، ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش، زاكات بېرىش ۋە بەيتۇللاھنى ھەج قىلىش". بۇ ھەدىستىن مەلۇمكى، قادىر بولالىغان كىشىلەرنىڭ ئۆمرى ئىچىدە بىر قېتىم ھەج قىلىشى پەرزدۇر."

ھەج ۋە ئۆمرە قىلىشىنىڭ پەزىلەتلىرى

مۇھەممەد نىياز ھاجىم ھەج بىلەن ئۆرە قىلىشنىڭ ساۋابى ۋە پەزىلەتلىرى ھەققىدە مۇنداق دېدى: "ھەج بىلەن ئۆمرە ئىبادەتلەرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلىدۇر. چۈنكى ھەج ياكى ئۆمرە قىلغان ئادەم ئىقتىسادىي ھەم جىسمانىي ھەر ئىككى تەرەپتىن ئىبادەت قىلغان بولىدۇ. ئۇ پۇل - مال سەرپ قىلىش، سەپەر ئۈستىدە رىيازەت چېكىش، جاپا - مۇشەققەت تارتىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە ئىبادەتنىڭ ساۋابىنى تاپىدۇ. ھەج بىلەن ئۆمرە گۇناھلارنىڭ، خاتالىقلارنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشى، ئاللاھ تائالانىڭ يېقىنلىقىغا، رازىلىقىغا ۋە جەننىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى پۇرسەت ھەم ئۇلۇغ ئىبادەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە: " كىمكى گۇناھ ئىشلىمەستىن ۋە يامان سۆز قىلماستىن ھەج قىلىدىكەن، ئۇ خۇددى ئانىسىدىن تۇغۇلغان كۈنىدىكىگە ئوخشاش بولۇپ قايتىدۇ" . يەنە بىر ھەدىسىدە: " بىر ئۆمرەدىن يەنە بىر ئۆمرەگىچە بولغان ۋاقىت بۇ ئىككىسى ئارىسىدا ئىشلەنگەن گۇناھلارنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشى ئۈچۈن يېتەرلىكتۇر. قوبۇل قىلىنغان ھەجنىڭ مۇكاپاتى جەننەتتۇر" دەپ كۆرسەتكەن."

ھەج كىملەرگە پەرز بولىدۇ؟

مۇھەممەد نىياز  ھاجىم ھەج كىملەرگە پەرز بولىدۇ دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: " ھەج قىلىش مەجبۇرىيىتىنىڭ يۈكلىنىشى ۋە ھەج قىلىشقا لاياقەتلىك بولۇشنىڭ شەرتلىرى تۆۋەندىكىچە بولۇپ، مۇسۇلمان بولۇش، ئەقىل - ھۇشى جايىدا بولۇش، بالىغ يەنى 15 ياشتىن يۇقىرى بولۇش ۋە ھەج قىلىشقا قادىر بولۇش قاتارلىقلاردۇر.  بىراۋنىڭ ھەج قىلىشقا قادىر بولۇپ، ئۇنىڭغا ھەجنىڭ پەرز بولۇپ بۇيرۇلۇشى ئۈچۈن ئۇنىڭ ھەج چىقىملىرىغا، ئۇ ھەجگە بېرىپ كەلگۈچە ئۆيىدە قالغان بالا - چاقىلىرىنىڭ پۈتۈن چىقىملىرىغا يەتكۈدەك ئىقتىسادقا ئىگە بولۇشى، تېنىنىڭ ساق بولۇشى، ھەج يولىنىڭ خاتىرجەم ۋە ئوچۇق بولۇشى، پاسپورت ئېلىش ياكى سانغا ئېلىنىش ئۈچۈن پارا بەرمەسلىكى، ئۆزى ھەم مال - مۈلكى زىيانغا ئۇچرىمايدىغان بولۇشى ۋە قەرزدار بولماسلىقى شەرتتۇر.

يۇقىرىقى شەرتلەر ئەر ـ ئايال ھەر قانداق مۇسۇلمان كىشىگە قارىتىلغان ئومۇمىي شەرتلەردۇر. ئەمما، ئايال كىشى ئۈچۈن يەنە بىر شەرت بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ، ھەج سەپىرىگە ئاتلىنىپ تا ئۆيىگە قايتىپ كەلگەنگە قەدەر ئۇنىڭ يېنىدا مەھرىمى(ئېرى ياكى ئاتىسى، ياكى بېرەر ئەر قېرىندىشى ياكى نىكاھى باغلانمايدىغان يېقىن توغقانلىرىدىن بىرى)نىڭ بىرگە بولۇشىدۇر. ھەجدە بىرگە ھەمراھ بولۇش ئۈچۈن يۇقىرىقى مەھرەملىرىدىن بىرەرسى بولمىغان ئايال كىشىگە ھەج پەرز ئەمەس. ھەج ئۆمۈر ئىچىدە پەقەت بىر قېتىملا قىلىش بىلەن ئادا تاپىدىغان پەرزدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: "ھەج بىر قېتىملا قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن ئارتۇق قىلىنغىنى نەپلىدۇر" دېگەن."

ھەج قاچان پەرز بولىدۇ؟

مۇھەممەد نىياز  ھاجىم ھەج قاچان قىلىنىدۇ دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: " ھەج قىلىش شەرتلىرىگە توشقان كىشىنىڭ ھەجنى كېچىكتۈرمەستىن، دەرھال ئادا قىلىشى پەرزدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەج قىلىش شەرتىگە توشقان كىشىنىڭ پەرز ھەجنى كېچىكتۈرۈشىنىڭ جائىز ئەمەسلىكى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: 'ھەج پەرزىنى ئادا قىلىشقا ئالدىراڭلار. چۈنكى سىلەر بېشىڭلارغا كېلىدىغانلارنى بىلمەيسىلەر.' ئەمما، بىر قېتىم ھەج قىلىپ بولغان كىشى ئۈچۈن قايتا ھەج قىلىش پەرز ئەمەس، بەلكى نەپلە( ئىختىيارىي ئىبادەت)دۇر. قۇرئان كەرىمدىكى: ﴿ قادىر بولالىغان كىشىلەرنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن كەبىنى زىيارەت قىلىشى ئۇلارغا پەرز قىلىندى﴾دېگەن ئايەتنىڭ مەنىسىمۇ، ھەج قىلىش شەرتلىرىگە توشقان كىشىلەرنىڭ بۇ پەرزنى كېچىكتۈرمەستىن دەرھال ئورۇنلىشىنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى، ئىنسان بېشىغا كېلىدىغانلارنى ۋە ئەتە نېمىلەر بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. شارائىت بىلەن ئىمكانىيەت ھەمىشە شۇنداق ھازىر بولۇپ تۇرماسلىقى مۇمكىن. شۇڭا ھەج پەرزىنى ئادا قىلىشقا ئىمكانىيىتى تولۇقلىنىپ، شەرتلىرى ھازىر بولغان ئادەمنىڭ بۇ پەرزنى شۇ يىلى ھامان ئادا قىلىشى زۆرۈردۇر."

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.