ھەج ئىبادىتى خۇددى ناماز، روزا، زاكاتقا ئوخشاش بۇرۇنقى ساماۋىي دىنلاردىمۇ بۇيرۇلۇپ كەلگەن قەدىمىي ئىبادەتتۇر. ھەج پائالىيەتلىرى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدىن باشلاپ ھازىرقى تەرتىپى بويىچە داۋام قىلغان بولسىمۇ، زامانلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىغا خۇراپات ۋە بۇتپەرەسلىك ئادەتلىرى ئارىلىشىپ بۇزۇلۇشى تۈپەيلى، بۇددىست ئەرەبلەر ھەج پائالىيەتلىرىنىڭ شەكلىنىمۇ ئۆزگەرتىۋەتكەن. ھەتتا كەبىنىڭ ئىچىگە ھەر قەبىلە ئۆزلىرىنىڭ بۇتلىرىنى تىزىۋالغان. ئىسلام دىنى دۇنياغا كېلىپ، مىلادىيە 630 - يىلى مەككە پەتھى قىلىنىپ مۇسۇلمانلارنىڭ قولىغا ئۆتكەندىن كېيىن، كەبىنىڭ ئىچىدىكى بۇتلار چېقىپ تاشلىنىپ كەبە تازىلىنىدۇ. شۇنىڭدىن بىر يىل كېيىن، 631 - يىلى ھەج ئىسلام دىنىنىڭ 5 - پەرزى بولۇپ بەلگىلىنىدۇ ۋە ھەج پائالىيەتلىرىنىڭ قائىدە - تەرتىبلىرى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنى بولغان ھەنىفى (ھەق) دىنىدىكى ئەسلى شەكلىگە قايتۇرىلىدۇ. شۇندىن بىرى ھەج پائالىيەتلىرى شۇ بويىچە داۋام قىلىپ كەلمەكتە.
پاكىستاندىكى خەلقئارا ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدىكى دارۇلھەدىس بىلىمگاھىدا ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئابدۇلكېرىم ھاجىمغا بۇ ھەقتە بىرقانچە سوئال بىلەن مۇراجىئەت قىلغان ئىدۇق.
ئابدۇلكېرىم ھاجىم بىلەن سۆھبەت
سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ياش ئالىم ئابدۇلكېرىم ھاجىم ھەج ئىبادىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "ئاللاھ تائالا ئۆمۈر ئىچىدە بىر قېتىم ھەج پەرزىنى ئادا قىلىشنى ئىقتىسادى يېتەرلىك بولۇپ، ھەج سەپىرىگە قادىر بولالىغان مۇسۇلمان كىشىلەرگە پەرز قىلىپ بەلگىلىدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: " قادىر بولالىغان كىشىلەرنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن كەبىنى زىيارەت قىلىشى ئۇلارغا پەرز قىلىندى". پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسلىق ئىبادەتلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن: " ئىسلام دىنى بەش نەرسىنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان، ئۇلار: ئاللاھ تائالادىن باشقا ئىلاھىي مەبۇد يوقلۇقىغا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ ھەق پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىش، ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش، زاكات بېرىش ۋە بەيتۇللاھنى ھەج قىلىش". بۇ ھەدىستىن مەلۇمكى، قادىر بولالىغان كىشىلەرنىڭ ئۆمرى ئىچىدە بىر قېتىم ھەج قىلىشى پەرزدۇر."
ھەج كىملەرگە پەرز بولىدۇ؟
ھەج كىملەرگە پەرز بولىدۇ دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىپ ئابدۇلكېرىم ھاجىم يەنە مۇنداق دېدى: "ھەج قىلىش ئاقىل، بالىغ ۋە ھەج قىلىش چىقىملىرىغا ۋە سەپەرگە كۈچى يېتىدىغان ھەر قانداق مۇسۇلمان كىشىگە ئۆمۈر ئىچىدە بىرلا قېتىم پەرزدۇر. بىر قېتىمدىن ئارتۇق قىلىنغان ھەج نەپلى يەنى ئىختىيارىي ئىبادەت بولۇپ سانىلىدۇ. بۇنىڭغا بىنائەن، بىر قېتىم ھەج پەرزىنى ئادا قىلىپ بولغان كىشىلەرنىڭ ئىككىنچى ياكى ئۈچىنچى قېتىم قايتا ھەج قىلىمىز دەپ ھەج ئۈچۈن پۇل سەرپ قىلغىنىدىن كۆرە، ۋەتەندىكى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە ياردەم قىلغىنى، ئوقۇشقا چۈشەلمىگەن بالىلارنىڭ ئوقۇشىغا ماددىي ياردەمدە بولغىنى ئەۋزەلدۇر."
ھەج ئىبادىتىنىڭ باشقا ئىبادەتلەردىن قانداق پەرقى بار؟
ھەج ئىبادىتىنىڭ باشقا ئىبادەتلەردىن قانداق پەرقى بار ؟ دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىپ ئابدۇلكېرىم ھاجىم يەنە مۇنداق دېدى: "ھەجىسى قوبۇل بولغان كىشى گۇناھلىرى يۇيۇلۇپ، خۇددى ئانىسىدىن ئەمدى تۇغۇلغان بۇۋاقتەك پاك بولىدۇ. چۈنكى ھەج پائالىيەتلىرى توغرىلىق ئىزدەنگەن كىشى ھەجنىڭ پەقەت ئىنسانلارنى گۈزەل ئەخلاقلار بىلەن تەربىيىلەپ يېتىشتۈرىدىغان، تەقۋادارلىقنى ئاشۇرىدىغان ۋە ياخشىلىق سۈيەرلەردىن قىلىپ چىقىدىغان تەربىيە خاراكتېرلىك ئىبادەت ئىكەنلىكىنى چوقۇم تونۇپ يېتىدۇ. ھەج ئىبادىتى مۇسۇلمانلارنىڭ يىللىق چوڭ قۇرۇلتىيىدۇر. مۇسۇلمانلار ھەجدىن ئىبارەت بۇ چوڭ قۇرۇلتايدا، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن مۇسۇلمان قېرىنداشلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئارقىلىق بىر بىرى بىلەن تونۇشىدۇ، ئىسلامىي قائىدە يوسۇنلارنى، گۈزەل ئەخلاقلارنى بىر بىرىدىن ئۆگىنىدۇ. ئىسلامىي قېرىنداشلىقنىڭ كۈچلۈك رىشتىنى ھېس قىلىدۇ. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ھاجىلارنىڭ ئەقىدىسى بىر، ئىلاھى بىر، ئىبادەتلىرى بىر، "ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم - سىزگە ئاللاھنىڭ ئامانلىقى بولسۇن " دىن ئىبارەت تىلى بىر ۋە ئاپئاق ئېھرامدىن ئىبارەت كىيىنىشى بىر خىل بولۇپ، ئۇلار ئىسلام دىنىدىكى بىرلىك ۋە باراۋەرلىكنىڭ ئەمەلى ئۈلگىسىنى بۇ جايدا كۆرىدۇ. بۇ جايدا بايدىن گاداينى، پادىشاھتىن پۇقرانى ئايرىۋالغىلى بولمايدۇ. ھەممىسى بىرخىل قىياپەتتە بولۇپ، ئاللاھنىڭ ئالدىدا شۇنداق ھەممە ئوخشاشلا بەندە ئىكەنلىكىنى ئىزھار قىلىدۇ."
ھەجىسى قوبۇل بولغان ئادەم پۈتۈن گۇناھلىرىدىن پاك بولىدۇ
ئابدۇلكېرىم ھاجىم نېمە ئۈچۈن قىلغان ھەجىسى قوبۇل بولغان ئادەم پۈتۈن گۇناھلىرىدىن پاكلىنىپ، خۇددى مەسۇم بۇۋاقتەك پاك بولىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن باشقا ئىبادەتلەرنى قىلغانلارمۇ بىر كۈندىلا شۇنداق پاك بولمايدۇ؟ دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: "ھەج ئىبادىتى مەنىۋىي جەھەتتىن تەربىيىلىنىش پۇرسىتى بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ھاجىلار بۇ ئىبادەت جەريانىدا ئۆزلىرىنىڭ روھىي مەنىۋىيىتىنى يۈكسەلتىش، تەقۋادارلىقىنى ئاشۇرۇش ۋە ئەخلاقىنى ئىسلاھ قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ. ھەجىسى قوبۇل بولغان كىشىنىڭ ئېتىقادىدا، ئەخلاقىدا ۋە باشقا تەرەپلىرىدە جىددىي ئۆزگىرىشلەر پەيدا بولىدۇ. چۈنكى ھەج شۇنى تەقەززا قىلىدۇ. مۇنداق كىشىنىڭ ئىمانى يېڭىدىن جانلىنىدۇ، ئەخلاقى يېڭىدىن گۈزەللىشىدۇ، ئىخلاسى يېڭىدىن كۈچلىنىدۇ، مۇندىن باشقا ئۇنىڭ يۈرۈش تۇرۇشلىرى، ھەرىكەتلىرى، كىشىلەرگە قىلىدىغان مۇئامىلىلىرى، گەپ سۆزلىرى ياخشىلىققا، تاكامۇللۇققا قاراپ ئۆزگىرىدۇ، خۇددى ئۇ ئانىسىدىن ئەمدى توغۇلغان مەسۇم بۇۋاققا ئوخشاش يېڭىدىن دۇنياغا كەلگەندەك بولۇپ ئۆزگىرىدۇ. شۇڭا مۇنداق كىشىنىڭ پۈتۈن گۇناھلىرىدىن پاك بولۇپ، مەسۇم بۇۋاقتەك بولۇشى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس. چۈنكى بۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى ئارقىلىق ئىسپاتلانغان مەسىلىدۇر."
ئابدۇلكېرىم ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئەگەر ھاجىنىڭ قىلغان ھەجىسىنىڭ تەسىرى ئۇنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى دۇنياسىدا پەۋقۇلئاددە بىر ئۆزگىرىش پەيدا قىلالمىغان، ئۇنىڭ ئىمانىنى كۈچلەندۈرەلمىگەن، ئەخلاقىنى ياخشىلىيالمىغان ۋە باشقا تەرەپلىرىنى بۇرۇنقىسىدىن ياخشىلىققا ئۆزگەرتەلمىگەن بولسا، بۇنداق ھەجنىڭ ساياھەتتىن پەرقى بولماي قالىدۇ. ھەرەمگە كەلگەن ئادەم كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە ھاجى بولىۋېرىدۇ. ئەمما كېرەك بولغىنى ئاللاھ تائالانىڭ نەزەرىدە ھاجى بولۇشتۇر. ھەقىقىي ھاجى خۇشپۇراق گۈلگە ئوخشاش بولۇپ، ئۆزىنىڭ يېقىملىق مەنىۋى ھىدى بىلەن خەلقىگە گۈزەل ئەخلاق ۋە ئېسىل پەزىلەتلەرنىڭ پۇراقلىرىنى چاچىدۇ. خەلقى ئۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنىدۇ. ھەقىقىي ھاجى مۇسۇلمانلىقتا، ۋەتەنپەرۋەرلىكتە، گۈزەل ئەخلاقتا ۋە باشقىمۇ بارلىق ياخشىلىقلاردا خەلقىگە ئۈلگە بولىدۇ.