ئۇيغۇر ھاجىلارنىڭ سەپىرى پاكىستاندا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ توسالغۇسىغا ئۇچرىدى


2006.09.14

CHINa-XINJIANG_MOSQUE_200.jpg
2003-يىلى سېنتەبىردە، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار ھېيتگاھ مەسچىتىدە ئىبادەت قىلماقتا. خەلقئارا تەشكىلاتلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى بوغىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەپ كەلمەكتە.

بۇ يىلقى ئۆمۈر ھەج پائالىيىتى ۋە ھەج ئىبادىتىگە ئۈلگۈرۈش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستانغا ماڭغان ۋە پاكىستاندا ۋىزا ئالالماي سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئامالسىز قالغان ئۇيغۇر ھەجىچىلارنىڭ ئەھۋالىدا ھازىرغىچە ئۆزگىرىش بولمىدى. ئۇلارنىڭ ۋەزىيىتى "يۇرتىغا قايتىپ كېتىشكە ئېتىقادى يول قويمايدىغان، لېكىن سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئامالسىز قالغان" ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى.

خىتاي دائىرىلىرى سەئۇدى ئەلچىخانىسىغا ئۇيغۇرلارغا ۋىزا بەرمەسلىك تەلىپىنى قويغان

پاكىستانغا توپلانغان ھەجىچىلەرنىڭ سانى ئاز دېگەندە 3000 ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىن. لېكىن بۇ يەردىكى بەزى مۇھاجىرلارنىڭ پەرەز قىلىشىچە، ۋىزا ئېلىشنى كۈتۈپ ياتقان ئۇيغۇر ھەجىچىلارنىڭ سانى ئاز دېگەندە 5000 غا يېتىدىكەن. ئۇيغۇر ھەجىچىلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇلارنىڭ "يىغا - زارىسىغا يەر - جاھان ئېرىپ كېتىپ بارغان بولسىمۇ"، لېكىن ئاڭلايدىغان ئادەم چىقمىغان. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ھەجىچى مۇخبىرىمىزغا " خۇدادىن تەلەپ قىلماقتىن باشقا ئامالىمىز قالمىدى " دەيدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئەلچىخانىسى ھازىرغىچە ئۇيغۇر ھەجىچىلەرگە ۋىزا بېرىشنى رەت قىلىش سىياسىتىدە چىڭ تۇرماقتا. ئۇلار خىتاي ئەلچىخانىسى ئۇيغۇر ھەجىچىلەرگە ۋىزا بېرىلسە بولىدۇ دېمىگۈچە، ۋىزا بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. سەئۇدى ئەرەبىستان ئەلچىخانىسىنىڭ باش كونسۇلى ئاۋاد ئەل- ئەسەرى، ھاجىچىلارنىڭ ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلغاندا پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ سەئۇدى دائىرىلىرىدىن ئۇيغۇر ھەجىچىلارغا ۋىزا بەرمەسلىكنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. لېكىن خىتاينىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جاڭ چۈنشياڭ چارشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ھەجىچىلەرنىڭ ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلغاندا سەئۇدى ئەرەبىستان ئەلچىخانىسىغا ۋىزا توغرىسىدا بېسىم ئىشلەتكەنلىكىنى رەت قىلدى.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ "جۇڭگۇ" پۇقرالىرىغا قىلغان مۇئامىلىسى

پاكىستاندىكى ۋەزىيەتتىن خەۋەردار بىر ئۇيغۇر مۇھاجىرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي باش ئەلچىسى ھەجىچىلەرنىڭ ۋەكىللىرىگە سەئۇدى ئەرەبىستان ئەلچىخانىسىنى ۋىزا بېرىشكە مەجبۇرلىيامايدىغانلىقىنى ۋە ھەجىچىلەرنىڭ يۇرتىغا قايتىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلغان. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بۇ زات، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ۋەكىللەرگە تەھدىت سالغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز ئىسلامئابادتىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋالنى ئىگىلەشكە تىرىشقان بولساقمۇ، لېكىن تېلېفونىمىزنى ئالىدىغان ئادەم چىقمىدى.

بۇ زاتنىڭ ئەسكەرتىشىچە، نۆۋەتتە ئۆزلىرىنى ئاپتونوم رايونلۇق دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ خادىملىرى، دەپ ئاتىۋالغان كىشىلەر راۋالپىندىكى ئۇيغۇر جامائەت ئەرباپلىرىغا ھەجىچىلەرنى قايتىپ كېتىشكە ئۈندەش توغرىسىدا خىزمەت ئىشلىمەكتىكەن. يۇقىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىغان ھەجىچىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ئەلچىخانىسى ھەجىچىلەرگە ۋەكىل بولۇپ ئەلچىخانا بىلەن سۆزلەشكىلى بارغان كىشىلەرنى "گەپ قىلماس" قىلىۋەتكەن.

ئۇيغۇر ھەجىچىلەرنىڭ كۆپچىلىكى ياشانغان كىشىلەرنى ئاساس قىلغان بولۇپ، بۇ ئەھۋال سەپەر ئۈستىدىكى ھەجىچىلەر ئىچىدە ئۆلۈم - يىتىم ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىش ئىھتىمالىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.

بۇنىڭدىن بىر قانچە كۈن ئىلگىرى ھەج ۋىزىسى ئالالمىغان بىر ئۇيغۇر ھەجىچى راۋالپىندىدا ۋاپات بولدى. 45 ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان بۇ كىشى يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ كېتىپ ۋاپات بولغان. گەرچە سەئۇدى ئەرەبىستان ئەلچىخانىسى ئۇيغۇر ھەجىچىلەرگە ۋىزا بېرىشنى رەت قىلغان ۋە خىتاي ئەلچىخانىسى ھەجىچىلەرنىڭ يۇرتىغا قايتىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ھەجىچىلەر دىنىي پەرھىزنى ئادا قىلمىغىچە يۇرتىغا قايتىپ كېتىشكە رازى ئەمەس.

يۇقىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ھەجىچى زات، گەرچە قولىدا خىتاي پاسپورتى بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ئەلچىخانىسىغا قورقۇپ بارالمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ھەجىچى زات، گەرچە قولىدا خىتاي پاسپورتى بولسىمۇ، لېكىن خىتاي ئەلچىخانىسىغا قورقۇپ بارالمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

UAA خىتاي ۋە سەئۇدىنىڭ سىياسىتىگە ئېتىراز بىلدۈردى

پاكىستاندىكى ھەجىچىلەرنىڭ ۋەزىيىتى چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغىماقتا. مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئۇيغۇر ھەجىچىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيىسىنى ئەيىبلىدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى باياناتتا "خىتاي ھۆكۈمىتى سەئۇدى ئەرەبىستان ۋىزىسىغا خىتايدا ئىلتىماس قىلىشنى تەلەپ قىلىشتا بۇنى ئۇيغۇر ھەجىچىلەرنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا بېرىشىنى كونترول قىلىشنىڭ بىر يولى، دەپ قارىغان بولۇشى مۇمكىن، " دەيدۇ.

ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ئەلچىخانىسى ئۇيغۇر ھەجىچىلەرگە ھازىرچە خىتايغا قايتىپ كېتىپ، كېلەر يىلى ھەج ئۆمىكى بىلەن چىقىشنى ياكى ھەج ۋىزىسىگە خىتايدا ئىلتىماس قىلىشنى تەلەپ قىلغان. باش ئەلچى جاڭ چۈنشياڭ، خىتاينىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى بىلەن 3 - دۆلەتكە چىقىپ ھەجگە بارماقچى بولغان خىتاي پۇقرالىرىغا ۋىزا بەرمەسلىك توغرىسىدا كېلىشىمى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى يىتەكچىسى رابىيە قادىر، "خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىسلامدىكى بەش پەرھىزنىڭ بىرى ھەج ئىبادىتىنى ئادا قىلىشىغا يول قويۇشى كېرەك، " دەپ كۆرسەتتى. رابىيە قادىرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇ سەئۇدى ئەرەبىستان ئەلچىخانىسى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، رابۇتۇل ئىسلام ۋە ئامېرىكىدىكى ئىسلامى تەشكىلاتلارغا خەت يېزىپ، ئۇيغۇر ھەجىچىلەرنىڭ ئەھۋالنى مەلۇم قىلغان ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ھەجىچىلەرگە ۋىزا بېرىش توغرىسىدا سەئۇدى ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلغان. رابىيە قادىر، "بىز پاكىستاندىكى سەئۇدى ئەرەبىستان ئەلچىخانىسىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ھاياتىدىكى بۇ ئارزۇسىنى بىجا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ۋىزا بېرىشنى تەلەپ قىلىمىز، " دەيدۇ. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.