ئۇيغۇرلارنىڭ ھەج پەرزىنى ئادا قىلىشىدىكى توسالغۇ ھەم قايمۇقۇشلار

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۇقرالارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى كۈچلۈك رەۋىشتە باستۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقى دۇنيا ئەھلىگە مەلۇم بىر مەسىلە، جۈملىدىن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي ئىبادەتلىرىنىڭ ھەتتا ھەج پائالىيىتىنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىشى بۇنىڭ جانلىق بىر مىسالىدۇر.

0:00 / 0:00

نۆۋەتتە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن كوللېكتىپ ھەج قىلىشقا تىزىملاش ئىشلىرى باشلانغان بولۇپ، دائىرىلەرنىڭ ھەجگە تىزىملاش ھەمدە ھەج راسخوتى ئۈچۈن ئېلىنىدىغان ھەققىنى قالايمىقان ئۆستۈرۈپ، پارا ئېلىپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادىدىنمۇ پايدىلىنىپ قاقتى- سوقتى قىلىۋاتقانلىقى ئۇيغۇرلاردا كۈچلۈك شىكايەت قوزغىماقتا شۇنداقلا ئۇيغۇرلاردا زادى خىتاي دائىرىلىرىگە پارا بېرىپ ھەج پەرزىنى ئادا قىلىش توغرىمۇ ‏- خاتامۇ ؟ دېگەندەك قايمۇقۇش سوئاللىرى ئۈستىدە تالاش ‏- تارتىشلار داۋام قىلماقتا ئىكەن.

بۇ مەسىلىلەرگە ئىسلام دىنىي بىلىملىرىدە تاكامۇللاشقان كىشىلەر نېمىلەرنى ئېيتىدۇ ؟ تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر جامائەت ئەربابى، كۆپ قېتىم ھەج قىلغان سەلەي ھاجىم، يۇرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ داۋاملىق تۈردە خىتاي تەرىپىدىن چەكلىنىپ ھەج پائالىيەتلىرىنىڭمۇ توسقۇنلۇققا ئۇچراۋاتقانلىقىدىن خەۋەردار بولۇپ، ئۇ بۇ يىلمۇ ھەج پەرزىنى ئادا قىلىش ئۈمىدىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرلۈك قىسىلچېلىقلارغا قېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، رادىئومىزدا ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىغا بولغان ھېسداشلىقى ھەم خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى.

پاكىستاندىكى خەلقئارا ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتى دىنشۇناسلىق كەسپى باكلاۋېرى، تۆت توملۇق ئىبنى كەسىر تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىگە قاتناشقان مۆمىنجان ئەپەندى بىلەنمۇ، نۆۋەتتە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھەج پەرزىنى ئادا قىلىش يولىدا ئۇچراۋاتقان توسالغۇ ھەم قايمۇقۇشلىرى ھەققىدە سۆھبەتتە بولدۇق.

يۇقىرىدا چەتئەللەردىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر دىنىي زاتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەج پەرزىنى ئادا قىلىش يولىدا ئۇچراۋاتقان مەسىلىلىرى ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى تونۇشتۇردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.