يېڭىسار شوپۇرلىرىنىڭ ئەرزدار ھېكىم سىيىتنى ئاپتوبۇسقا ئېلىشى چەكلەنگەن

ئۇيغۇر ئېلىدا ئەرزدارلار مەسىلىسىگە قارىتا چەكلىمىلەر سان ھەم تۈر جەھەتتىن بارغانسىرى كۆپەيمەكتە. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ چەكلىمىلەر يالغۇز ئەرزدارلارنىڭ بىۋاستە ئۆزىگىلا ئەمەس، ئۇلارنىڭ ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش دائىرىسىگە باغلىنىشلىق بەزى ساھەلەرگىمۇ كېڭەيمەكتە.

0:00 / 0:00

يېڭىسار ناھىيىسىدىكى ساقچى ئورگانلىرى يېڭىساردىكى ئاپتوبۇس شوپۇرلىرىغا مەخسۇس يىغىن ئېچىپ، ئەرزدار ھېكىم سىيىتنى سۆگەت يېزىسىدىن باشقا جايلارغا ئاپارماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان ۋە ئەگەر كىمكى بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلسا، ئاپتوبۇسىنىڭ نومۇر تاختىسىنى بىر ئايلىق مۇسادىرە قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. بۇنىڭ بىلەن ئەرزدار ھېكىم سىيىت ، بۇ يىلنىڭ ئىچىدە 20 قېتىمدىن ئارتۇق ئاپتوبۇسدىن چۈشۈرۈۋىتىلگەن.

يېڭىسار دېھقانلىرىنىڭ ئاۋازى دەپ نامى چىققان ئەرزدار ھېكىم سىيىت ئالدىنقى يىلى يېڭىسار ناھىيىسىكى دېھقانلارنىڭ مەجبۇرىي پارنىك تېرىقچىلىقىغا سېلىنىش ئەھۋالى ھەققىدە ئەزر باشلىغان. ئۇ دېھقانلارنىڭ پارنىك ئېتىزلىرى ۋە تارتقان زىيانلىرى ھەققىدە مەخسۇس ئاخبارات فىلىمى ھازىرلاپ، بۇ فىلىمنى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا يوللىغان ئىدى. ئۇ، ھۆكۈمەت ئەرزىگە قۇلاق سالمىغاندىن كېيىن ئەھۋالنى رادىئومىز ئارقىلىق دۇنياغا ئاشكارىلىغان ئىدى. ھېكىم سىيىتنىڭ يېقىندا بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئەرزىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەرنىڭ كۆپ قىسمى ھەل بولغان.

ئەمما، بۇ ھەل بولغان مەسىلىلەر، يېڭىسار ناھىيىسىدىكى مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەس، پەقەت يۈزدەن ياكى مىڭدەن بىر قىسمى. شۇڭا يېڭىسار دائىرىلىرى، ئەرزدارلارنىڭ ناھىيىدىكى باشقا مەسىلىلەرنىمۇ ئەرز قىلىپ كۆتۈرۈپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، يېڭىساردا يەنە بىر قاتار يېڭى چەكلىمىلەرنى يولغا قويغان. مانا بۇلاردىن بىرى، ئاپتوبۇس قاتارلىق قاتناش ۋاستىلىرى شوپۇرلىرىنىڭ ئەرزدار ھېكىم سىيىتنى يېزىدىن سىرتقى جايلارغا ئېلىپ مېڭىشىنى چەكلىشىدۇر.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئەرزدار ھېكىم سىيىتنىڭ ئەرزدىن توختىغاندىن كېيىن، بېشىغا كەلگەن دەرت ۋە ئاۋارىچىلىقلىرى، شۇنداقلا بۇلارنىڭ پەقەت ئۇ تارتقان مۈشكۈللەرنىڭ بىر تۈرى ئىكەنلىكى ھەققىدە بەرگەن مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.