11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى ئاخشام مەرىنوس ئاتاتۈرك مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئېچىلىش مۇراسىمىغا تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى ئەرتۇغرۇل گۈناي ئەپەندى، قىرغىزىستان مەدەنىيەت ۋە ئۇچۇر مىنىستىرى سۇلتان رايېۋ، مېكسىكىلىق داڭلىق كىنو ئەرتىسى گائەل گاركىئا بەرنال، `ئەلۋېدا گۈلسارى` ناملىق فىلىمنىڭ رېجىسسورى ئارداق ئامىرقۇلوۋ، دۇنياغا مەشھۇر قىرغىز يازغۇچىسى چىڭگىز ئايتماتوۋنىڭ سىڭلىسى يازغۇچى روزا ئايتماتوۋ خانىم، تۈركلەرنىڭ داڭلىق كىنو ئارتىسلىرىدىن ھۈليا قوچيىگىت، مەلتەم جۇمبۇل ۋە مۈسلۈم گۇرسەس قاتارلىقلار بولۇپ كۆپ ساندا تۈرك كىنو سەنئەتچىلىرى قاتناشتى.
يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى گۆركەملى زالغا داڭلىق كىنو سەنئەتچىلىرىنىڭ قىزىل گىلەمدە مېڭىپ كىرىشى بىلەن باشلاندى. بۇ مۇراسىم كۆپ ساندا تېلېۋىزىيە قانىلى تەرىپىدىن نەق مەيداندىن تارقىتىلدى. بۇ فىلىم فېستىۋالىغا 50 دۆلەتتىن 116 كىنو قاتناشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ كىنولار 4 تۈردە مۇسابىقىغا قاتنىشىدىكەن. ئاخىرىدا بىرىنچى، ئىككىنجى ۋە ئۈچىنچى بولغانلار مۇكاپاتلىنىدىكەن.
بۇ كىنو مۇسابىقىسى داڭلىق يازغۇچى چىڭگىز ئايتماتوۋنىڭ كىنوسىنىڭ كۆرسىتىلىشى بىلەن باشلاندى. ئېچىلىش مۇراسىمىدا تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى ئەرتۇغرۇل گۈنەي، قىرغىزىستان مەدەنىيەتتە ۋە ئۇچۇر مىنىستىرى سۇلتان رايېۋ ئەپەندىلەر بۇ فېستىۋالنىڭ ۋە يىپەك يولىنىڭ ئەھمىيىتى ئۈستىدە توختالدى.
بۇرسا شەھەر باشلىقى ھىكمەت شاھىن ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، يىپەك يولى كارۋانىنىڭ بۈگۈن تارىخىي يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنى بولغان بۇرسا شەھرىدە ئىكەنلىكىنى، يىپەك يولىنىڭ پەقەتلا يىپەكنىڭ ئەمەس مەدەنىي بايلىقنىڭ يولى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە سۆزىدە ئەجداتلىرىدىن قالغان يىپەك يولىدىن ئىبارەت بۇ تارىخى مىراسنى فېستىۋاللار بىلەن ياشىتىشقا داۋام قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ كىنو مۇسابىقىسى ھەققىدە مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ ئىشلىگەن پروگراممىسىغا قۇلاق سالغايسىز.