ھېنرىي شاجەفىسكى: ئۇيغۇرلار ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار ياردەمگە موھتاج

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ دىرېكتورى ھېنرىي شاجەفىسكى ئۇيغۇرلار ۋە شاڭخەي ھەمكارلىقى تەشكىلاتى ھەققىدە ماقالە يېزىپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئۇيغۇرلارنى قوغداشقا چاقىردى.

0:00 / 0:00

ماقالە ئامېرىكىدىن چىقىدىغان «ئوچۇق دېموكراتىيە» تورىدا نەشر قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە ئاپتور «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن خىتاي ئارىسىدا بارغانچە ئۇلغىيىۋاتقان مۇناسىۋەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق بەدىلىگە توختاۋاتقانلىقى» نى كۆرسەتكەن.

ماقالىدە ئالدى بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا مۇنداق باھا بېرىلگەن: «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆزى جاكارلىغان غايىسى كۆپىنچە ھاللاردا ئاچچىق رېئاللىقنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان بولىدۇ.»

ماقالىدە بۇ ھەقتە تەپسىلىي توختىلىپ مۇنداق يېزىلغان: «بۇ نۇقتىنى جانلىق سۈرەتلەش ئۈچۈن مەزكۇر تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەر پۇقرالىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، تەشكىللىنىش ۋە پىكىر ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم ھالدا ياشاۋاتقانلىقىنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىش كۇپايە قىلسا كېرەك. بۇ، ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستان دەپ ئاتايدىغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.»

مەزكۇر ماقالىنىڭ ئاپتورى ھېنرىي شاجەفىسكى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن بۇ ماقالە ئارقىلىق دۇنيانى ئۇيغۇرلارنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا چاقىرماقچى. ئۇيغۇرلار ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار ياردەمگە موھتاج. ئەرشىدىن ئىسرائىل ۋەقەسى بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر.»

ماقالىنىڭ داۋامىدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى ۋە بۇ ئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ھەققىدىمۇ بەزى ئۇچۇرلار بېرىلگەن. ماقالىدە خىتاينىڭ ئۆز ئىقتىسادىي ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەزكۇر دۆلەتلەردىكى سىياسىي ھەرىكەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ۋە مۇنداق دېيىلگەن: «بۇ خىتاي ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تىنچ يوسۇندىكى سىياسىي پائالىيەتلىرىنى چەكلەشكە ۋە ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى ئۆزى پاناھلانغان دۆلەتلەردىن ھەيدەپ خىتاينىڭ سىياسىيلاشتۇرۇلغان ۋە ئۆچخور ئەدلىيە سىستېمىسىغا تاشلاپ بېرىشتىن دېرەك بېرىدۇ.»

ماقالىدە 1991-يىلىدىن بۇيان ئوتتۇرا ئاسىيادا ئېلىپ بېرىلغان سىياسىي ھەرىكەتلەر ۋە بۇ جەرياندا ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدە ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىنغان بەزى تەدبىرلەر تونۇشتۇرۇلغان.

ماقالىنىڭ بۇ قىسمىدا ئاساسلىقى قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر ئىتتىپاقى تەشكىلاتى، 2003-يىلىدىن كېيىن قىرغىزىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەزكۇر ئىتتىپاقنىڭ ھۆججەتلىرىنى كونترول قىلىشقا باشلىغانلىقى، ھۈسەيىن جېلىل ۋە بۇ يىل 30-مايدا قازاقىستاندىن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن ئەرشىدىن ئىسرائىل مەسىلىسىمۇ تىلغا ئېلىنغان.

ھېنرىي شاجەفىسكى بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:«2001-يىلىدىن بۇيان ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ قويۇقلىشىشى بۇ دۆلەتلەردە پاناھلانغان، ئاشۇ دۆلەتلەرگە بېرىپ قالغان ياكى شۇ دۆلەتلەردە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارغا بېسىمنىڭ ئاشۇرۇلۇشىغا قۇلايلىق يارىتىپ بەرگەنلىكى مېنى چۆچۈتىدۇ.»

ماقالىدە بۇ رايوندىكى سىياسىي رەھبەرلەر ئۆز ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن خىتاينىڭ ئىقتىسادىي كۈچى بىلەن ئارىلىشىپ كەتكەن بىر پارتىيىلىك سىياسىي ئەندىزىسىگە بەكرەك قىزىققانلىقى، بۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم ئېلىپ كەلگەنلىكى كۆرسىتىلىپ مۇنداق يېزىلغان: «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن بۇيان ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا ئالاقىسى كۈچەيدى. بۇ خىل ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە مەسلەكداش ھوقۇق ئىدېئولوگىيىسى؛ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇشىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشى بىلەن ماس قەدەمدە ئىلگىرىلىدى. ئۇيغۇرلار، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدە پاناھلانغان ئۇيغۇرلار خەلقئارا جەمئىيەت ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئوخشاش خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ قارار كۆلەڭگىسىدە قالدى.»

ھېنرىي شاجەفىسكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى، رۇسىيە ۋە جەنۇبىي ئاسىيادا باش كۆتۈرۈۋاتقان يۇقىرىقى خاھىشلارغا تاقابىل تۇرۇش چارىسى ئۈستىدە ئۆز پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە بۇ رايونلاردا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «باشقا دۆلەتلەر بۇ رايونلاردىكى ئەھۋاللارنى كۆزىتىپ تۇرۇشى كېرەك. ئافغانىستاندا ۋەزىيەت مۇقىملاشتى. شۇڭا ئامېرىكا ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا ۋە رۇسىيىلەرنىمۇ ئۆز ئىستراتېگىيىلىك تەسىر دائىرىسىگە ئېلىشى كېرەك. بۇ يەردىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە بولسا، خىتايچە دۆلەت ئەندىزىسىنىڭ بۇ رايونلاردا ئالقىشقا ئېرىشىشىنى توسۇپ، دېموكراتىك تۈزۈلمىنى ئالقىشقا ئېرىشتۈرۈش كېرەك»

ماقالە مۇنداق ئاخىرلاشتۇرۇلغان: «ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قارا قولىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ خىتابنامىلىرىدە كۆرسىتىلگەن قوغدىلىشقا موھتاج.»