ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 28 - ئىيۇندىن 4 - ئىيۇلغىچە)

0:00 / 0:00

ئىستانبۇلدا ئولىمپىككە قارشى نامايىش بولدى

29 ‏ - ئىيۇن , يەكشەنبە كۈنى ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ خىتايدا ئۆتكۈزۈلىشىگە قارشى شۇنداقلا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئاقسۇنىڭ كەلپىن ناھىيىسى يورچى يېزىسىدا بىر مەسچىتنىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكىگە نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.

نامايىشنى تۈركىيىدە پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتى، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتى، شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمىيىتى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئۇيۇشتۇرغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك سۆز قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى ئېغىر دەرىجىدە دەخلى - تەرۈزگە ئۇچرىتىۋاتقانلىقىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

كانادا پارلامېنت ئەزاسى پېگگي ناش ھۇسەيىن جېلىل مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى

پارلامېنت ئەزاسى پېگگي ناش ئۆتكەن ھەپتىدە كانادا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلار تەشكىللىگەن نامايىشقا قاتنىشىپ سۆز قىلغاندا، ھۈسەيىن جېلىلنىڭ خىتاي تۈرمىسىدە تۇرۇشىنىڭ كانادا ئۈچۈن قورقۇنچلۇق ئىكەنلىگىنى تەكىتلىگەن.

پېگگي ناش سۆزىدە، ئولىمپىك ھارپىسىدا، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ھۈسەيىن جېلىل مەسىلىسىدە، خىتاي دائىرلىرىغا قاراتقان بېسىمنى قايتىدىن كۈچەيتىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ: " كانادا پۇقراسىنىڭ چەت بىر دۆلەتتە قولغا ئېلىنىشى، ئۇنىڭ كونسۇل ھوقۇقىنىڭ رەت قىلىشى، ئاشكارا ۋە ئادىل سوتلانماسلىقى، يەنە كېلىپ، ئۇنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ئەھۋال. شۇڭا كانادا ھۆكۈمىتى ھۈسەيىن جېلىل ئەپەندىنىڭ ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشى كېرەك،" دېگەن.

پېگگي ناش يەنە، ھۈسەيىن جېلىلنىڭ ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ ئەمەلىيەتتە ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ يۈزىگە داغ چۈشىرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

خىتاي مەتبۇئاتلىرى فرانسىيە پرېزىدېنتىنى ئولىمپىككە قارشى ئېلىنمايدىغان كىشى دەپ بېكىتى

فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزىي 8 - ئاۋغۇست بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ياكى قاتناشماسلىق مەسىلىسىدە بۇ نۆۋەت بېيجىڭدا ئېلىپ بېرىلغان تىبەت - خىتاي سۆھبىتىنىڭ نەتىجىسىگە قاراپ بىرنەرسە دەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، خىتايدا چىقىدىغان سىنا ئىنتېرنېت شىركىتى ساركوزىينىڭ بۇ خىل مەيدانىغا قارشى ئىنتېرنېتتە راي سىناش ئېلىپ باردى.

راي سىناشتا ساركوزىينىڭ ئولىمپىك مۇراسىمىدا قارشى ئېلىنمايدىغان كىشى ئىكەنلىكى بېكىتىلگەن. لېكىن، كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەبنىڭ ساركوزىينىڭ تىبەت مەسىلىسىدىكى قەتئىي پوزىتسىيىسىنىڭ خىتاينى بىئارام قىلغانلىقى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا.

ئولىمپىك مەشئىلىنىڭ پارىژدا توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى ھەمدە ساركوزىينىڭ خىتاينى تىبەت مەسىلىسىدە سۆزلىشىشكە چاقىرىشىدىن كېيىن خىتاي - فرانسىيە مۇناسىۋەتلىرى يىرىكلىشىپ قالغان.

گۇيجودا نارازىلىق نامايىشى بولدى

29 - ئىيۇن كۈنى گۇيجونىڭ ۋېڭئان ناھىيىسىدە ئون مىڭلىغان ئادەمنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ساقچى ئورگىنى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، 20 تىن ئارتۇق ئاپتوموبىل كۆيدۈرۈۋېتىلگەن،150 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان ئىدى.

نامايىشچىلار جامائەتخەۋپسىزلىك ئىدارىسى بىناسىنى كۆيدۈرگەن. گەرچە بۇ ۋەقە بىر تەرەپ قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ھەقتىكى تۈرلۈك ئىنكاسلار داۋاملاشماقتا. ۋەقە ئەسلىدە بىر 16 ياشلىق قىز ئوقۇغۇچىنىڭ باسقۇنچىلىققا ئۇچراپ ئۆلتۈرۈلۈشى ھەمدە ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ تۇغقانلىرى دەپ قارالغان جىنايەت گۇماندارىنىڭ جازالانماسلىقىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ھۆكۈمەت تەرەپ بۇنى " ئۇرۇپ - چېقىش ۋەقەسى " دەپ ئاتىدى.ئەمما خىتاي دېموكراتلىرى بولسا خەلقنىڭ كومپارتىيىنىڭ چىرىكلىكىگە قارشى نارازىلىق ھەرىكىتى دەپ تەرىپلەشمەكتە.

خىتاي - تىبەت سۆھبىتى ئاخىرلاشتى

دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى بىلەن خىتاي ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى ئارىسىدىكى 7 ‏ - نۆۋەتلىك خىتاي - تىبەت سۆھبىتى ئاخىرلاشتى. مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر 2 كۈن داۋاملاشقان بۇ نۆۋەتلىك سۆھبەتنىڭ ئەمىلى مەسىلىلەردە ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلماقتا.

بىراق، خىتاي تەرەپتىن خىتاي كومپارتىيىسى بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بىلەن تىبەت تەرەپتىن دالاينىڭ ۋەكىلى لودى گەررى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر سۆھبەتتە كۆرۈنەرلىك نەتىجىدە كۆرۈلمىگەن بولۇپ، خىتاي تەرەپنىڭ مۇئامىلىسى يۇمشاق بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا دالاي لامانىڭ بۆلگۈنچىلىك پائالىيىتىنى توختىتىش، تىبەتلەرنى قۇترىتىشنى توختىتىش قاتارلىق ئۈچ جەھەتتىكى پائالىيىتىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان.

ئەمما، تىبەت تەرەپ بولسا، تىبەتتىكى ھەربىي ھالەتنى ئاخىرلاشتۇرۇش، بىگۇناھ ئادەملەرنى جازالىماسلىق قاتارلىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. دالاي لاما ئىزچىل ھالدا تىبەتكە ئالىي ئاپتونومىيە بېرىشنى تەلەپ قىلماقتا. ئەمما، ھازىرچە خىتاي تەرەپ بۇ قەدەمنى باسمىدى.