پرېزىدېنت جورج بۇش نۇتۇق سۆزلەپ، ئۇيغۇرلار قاتارلىق مۇستەبىت تۈزۈم ئاستىدا، دىنىي ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قالغان ئىنسانلارغا ھۆرمەت بىلدۈرگەن
14 - ئىيۇل كۈنى خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك قانۇنى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەش كۈنى پرېزىدېنت جورج بۇش نۇتۇق سۆزلەپ، ھازىر دۇنيانىڭ بىر قىسىم جايلىرىدىكى مۇستەبىت تۈزۈم ئاستىدا، دىنىي ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قالغان ھەم دىنىي ئېتىقاد ھوقۇقلىرى دەخلى - تەرۈزگە ئۇچراۋاتقان ئىنسانلارغا ھۆرمەت بىلدۈرگەن.
جورج بۇش، ئەنە شۇنداق دىنىي ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قالغان مىللەتلەرنى ساناپ، تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئالدى ھەم ئۇيغۇرلار ھەققىدە مۇنداق دېدى: " بىز خىتايدا دىنىي ئەركىنلىك ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتقان ئاشۇ كىشىلەرنى ئۇنۇتمايمىز، بىز يەنە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئوخشاش ئۆز ئازادلىقى ئۈچۈن تىرمىشىۋاتقان ئاشۇ كىشىلەرگە ئېھتىرام بىلدۈرىمىز. مەن رابىيە قادىر بىلەن كۆرۈشۈش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولدۇم."
ئۇيغۇر دىنىي ۋە ئىنسان ھوقۇقى پائالىيەتچىلىرى پرېزىدېنت بۇشنىڭ بۇ سۆزىنى ئۆزلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە جۈملىدىن ئۇيغۇرلارغا بېرىلگەن ئەڭ يۇقىرى باھا دەپ ھېسابلاشتا.
پرېزىدېنت بۇش نۇتقىدا دىنىي ئەركىنلىك ھوقۇقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق قانۇننىڭ بىرىنچى ماددىسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: "ئۇلار بىر ئىنساننىڭ ئەڭ ئەقەللىي ھوقۇقىنىڭ: ئۆزى مۇۋاپىق دەپ تونۇغان ئۆز ئىلاھىغا چوقۇنۇش ھوقۇقى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن" دېدى.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: "يەنە نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەردە ئەركىنلىكنى ئىپادىلەش، مۇستەبىتلىك، سەبرىسىزلىك ۋە زۇلمەت بىلەن جىمىقتۇرۇلۇپ كەلمەكتە. شۇڭا ئون يىل ئىلگىرى دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى، دىنىي رەھبەرلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، دىنىي ئەركىنلىكنى يەر شارىنىڭ ھەر بىر بۇلۇڭ پۇشقاقلىرىغىچە كېڭەيتىش ئۈچۈن بىر يەرگە يىغىلغان ئىدى. خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك قانۇنىي ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقىنىڭ مەھسۇلىدۇر."
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسى بىلەن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ۋە خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق فوندى جەمىيىتى بىرلىكتە 16 - ئىيۇل كۈنى، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىناسىدا 2 - قېتىملىق ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنى پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
بىرىنچى قېتىملىق پائالىيەت ئىككى يىل ئىلگىرى 15 - مارتتا ئۆتكۈزۈلگەن ھەمدە دۆلەت مەجلىس ئەزاسى توم لانتوس ئەپەندى نۇتۇق سۆزلىگەن ئىدى. بۇ قېتىم مەدەنىيەت كۈنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا دۆلەت مەجلىسى كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسىنىڭ دىرېكتورى خانس ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت كۈنىنى تەبرىكلىدى. ئېچىلىش مۇراسىمىدا يەنە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم سۆز قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە رەھمىتىنى ۋە مەزكۇر پائالىيەتنى باشلاپ بېرىپ، ۋاپات بولغان لانتوس ئەپەندىنى ئەسلەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
مەدەنىيەت كۈنى پائالىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىيىملىرى، يېمەك - ئىچمەكلىرى ۋە مىللىي ناخشا - ئۇسۇللىرى نامايەن قىلىنغان بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مەجلىسى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تەشكىلاتلاردىن كەلگەن ئەربابلار، ئامېرىكىلىق ئۇيغۇر مەسىلىسى تەتقىقاتچىلىرى ئۇيغۇر تائاملىرى ھەم ئۇيغۇر ئۇسۇللىرىدىن ھوزۇر ئېلىشتى.
دۆلەت مەجلىسىدىكى بۇ پائالىيەتكە ۋاشىنگتون ئەتراپى ۋە باشقا شىتاتلاردىن كەلگەن خېلى كوپ ساندا ئۇيغۇرلار ھەم ئامېرىكىلىق ئەربابلار ئىشتىراك قىلدى.
ئىلى تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلار زىچ جايلاردا تازىلاش ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ
ئىگىلىشىمىزچە، ئىككى ھەپتىدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى تەۋەسىدىكى غۇلجا شەھىرىنى مەركەز قىلغان ھەر قايسى ناھىيىلەردە ئايرىم - ئايرىم ھالدا تازىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلماقتا.
ئىنكاسلارغا تايانغاندا "مەركەزلىك تازىلاش،" دەپ نام بېرىلگەن بۇ ھەرىكەتنىڭ نىشانى ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان ئاتالمىش "تاسادىپىي ۋەقەلەر يۈز بېرىش ئېھتىمالى زور يېزا - كەنت ۋە مەھەللىلەر" گە قارىتىلغان. بۇ ھەرىكەتنىڭ ئوبلاستلىق پارتكوم تەرىپىدىن چىقىرىلغان قارار بويىچە ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ئىنكاس قىلىنماقتا.
ئىلى ئوبلاستى ج خ ئىدارىسىنىڭ " قىسقا خەۋەرلەر گېزىتى" دە ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلاردا غۇلجا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى توغراق ساقچىخانىسىنىڭ قارمىقىدىكى ھاجى مەھەللە ۋە قارىۋاي مەھەللىسىدە "تازىلاش" ئېلىپ بارغانلىقىنى، مەزكۇر مەھەللىدىكى 279 ئائىلىنىڭ تازىلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن قانچىلىك ئادەمنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ھەققىدە ھېچنېمە دېمىگەن.
توغراقتىكى ساقچىخانىنىڭ بىر خادىمى مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، تازىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ھەرىكەتنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالى ئۈستىدە توختىلىشنى رەت قىلدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن خىتاي ياشلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىغا يۆتكىمەكتە
خىتاينىڭ شىنخۇا خەۋەر تورىدىكى ئۇچۇردىن ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ يىل "غەربىي رايونلارنى ئېچىش پىدائىيلىرى" دېگەن نام بىلەن ئۇيغۇر ئېلىگە يەنە 908 نەپەر ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن خىتاي ئوقۇغۇچى ئەۋەتىلىدىغان بولۇپ، خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن بۇ خىتاي ياشلار ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىڭتۇەننىڭ ئورگانلىرىغا تەقسىم قىلىنغان.
ھۆكۈمەت بۇ ياشلارنى ياخشى خىزمەت ۋە مائاش قاتارلىقلاردىن بەھرىمەن قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا ماكانلىشىشىنى تەشەببۇس قىلغان. "پىدائىيلار" نامى ئاستىدا ئىچكىرىدىن ياشلارنى يۆتكەش بىر قانچە يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ياشلارنىڭ خېلى كۆپىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭلېچۇئەننىڭ يۇرتى شەندۇڭ ئۆلكىسىدىن ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.
لوندوندىكى ئۇيغۇر ناخشا - ئۇسۇل ئۆمىكى سەنئەت بايرىمىغا قاتناشتى
لوندون ئۇيغۇر ناخشا - ئۇسۇل ئۆمىكى 7 - ئاينىڭ 12 - كۈنى لوندون شەھىرىدىكى پادىشاھلىق باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئەنگلىيىگە كۆچۈپ كەلگەن مىللەتلەرنىڭ سەنئەت بايرىمىغا قاتناشتى.
ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ سەنئەت بايرىمىغا بۇ يىل ماكېدونىيە، بوسنىيە، كۇبا ۋە تۈركىيە قاتارلىق 20 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن سەنئەت ئۆمىكى قاتناشقان بولۇپ، لوندون ئۇيغۇر سەنئەت ئۆمىكى بىرىنچى بولۇپ سەھنىگە چىقىپ، ئۇيغۇر ناخشا - مۇزىكىلىرىنى ئورۇندىغان شۇنىڭدەك سەھنىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، كىملىكى ۋە ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ ئۆتۈلگەن.
لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى بىر قانچە يىللاردىن بۇيان ھەر قايسى جايلاردا ئۇيغۇرچە ناخشا - مۇزىكىلارنى ئورۇنداپ، ئەنگىلىيىلىكلەرگە ئۇيغۇر سەنئىتىنى نامايەن قىلماقتا.
بىر قىسىم خەلقئارا تەشكىلاتلار، پرېزىدېنت بۇشنى خىتايغا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىدە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى
ئامېرىكا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلار، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇشنىڭ 8 - ئايدا بېيجىڭغا ئولىمپىك يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا بارغاندا خىتايغا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىدە قاتتىقراق بولۇشىنى تەلەپ قىلغان.
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق ئورگانلار ئارقا - ئارقىدىن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، پرېزىدېنت بۇشتىن بېيجىڭدا خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن سۆزلەشكەندە خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە ئائىت بىر قاتار مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى كۆرسىتىپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە ئائىت بىر قاتار مەسىلىلەرنى ئەسلىتىپ ئۆتتى.