ھەپتىلىك خەۋەرلەر ( 19 - ئىيۇلدىن 25 - ئىيۇلغىچە)

0:00 / 0:00

د ئۇ ق ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى ميۇنخېندا ئۆتكۈزۈلدى

" ئۇيغۇر ئاياللىرىنى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق بۇيىچە تەربىيىلەش كۇرسى" نىڭ 2 ‏ - نۆۋەتلىك يىغىنى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ كۇرسقا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 10 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن كەلگەن ئۇيغۇر ئايال ۋەكىللىرى قاتناشقان.

كۇرستا ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن پروفېسسورلار، مۇتەخەسسىسلەر، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، پارلامېنت ئەزالىرى كۇرسانتلارغا دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق، خەلقئارا قانۇن شۇنىڭدەك ئاياللارنىڭ سىياسىي داۋادىكى رولىنى كۈچلەندۈرۈش ساھەلىرى بۇيىچە لېكسىيە سۆزلىگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى ھەمدە ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ تەشكىللىشى ۋە ماددىي ياردىمى بىلەن تەشكىللەنگەن بۇ نۆۋەتلىك كۇرسقا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باشلىقى رابىيە قادىر خانىم يېتەكچىلىك قىلدى.

كۇرس گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ‏21 - ئىيۇل باشلىنىپ 23 ‏ - ئىيۇل ئاياغلاشتى.

پرېزىدېنت بۇش: ئامېرىكا تەنھەرىكەتچىلىرى ئەركىنلىك ئەلچىلىرى

21 ‏ - ئىيۇل ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش ئاقسارايدىكى ئەتىرگۈل باغچىسىدا بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا مېڭىش ئالدىدا تۇرغان ئامېرىكا تەنھەرىكەتچىلىرىگە سۆز قىلدى ۋە ئۇلارنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئەركىنلىك ئەلچىلىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

بۇش سۆزىدە، چېمپىيون بولۇشنىڭ ئالاھىدە خاراكتېر تەلەپ قىلغاندىن باشقا يەنە، مەسئۇلىيەت تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە مۇنداق دېدى: " بېيجىڭدا سىلەر دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ سۆيۈلگەن قىممەت قارىشىنى يەتكۈزىسىلەر. ئەركىنلىك ئەلچىسى بولۇش سۈپىتىڭلار بىلەن، سىلەر ئامېرىكىنىڭ ئەركىنلىككە بولغان مۇھەببىتىنى ھەمدە بىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانىي قەدىر ‏ - قىممەتكە بولغان ھۆرمىتىمىزنى نامايان قىلىسىلەر. بېيجىڭدا سىلەر يەنە، دۆلىتىمىزنىڭ خاراكتېرىنى نامايان قىلىسىلەر. بۇلارنى سىلەر خىتاي خەلقى ۋە باشقا تەنھەرىكەتچىلەرگە يەتكۈزىسىلەر".

پرېزىدېنت بۇش سۆز ئاخىرىدا، ئامېرىكا تەنھەرىكەتچىلىرىنى ئۆز رىقابەتچىلىرىگە ھۆرمەت كۆرسىتىش ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ دۇنياغا بولغان ھۆرمىتىنى نامايان قىلىشقا چاقىردى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئولىمپىك ۋە خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى ۋەزىيىتى ھەققىدە ئىسپات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسى سەيشەنبە كۈنى " ۋاپا قىلىنمىغان ۋەدىلەر: ئولىمپىك ۋە خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ ئەھۋالى"، دېگەن تېمىدا ئىسپات بېرىش يىغىنى چاقىرىپ، خىتاينىڭ ئولىمپىك ۋەدىسى ۋە كىشىلىك ھوقۇقى ۋەزىيىتىگە دائىر مەسىلىلەردە مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ پىكىرىنى ئالدى.

جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى Frank Wolf ۋە دېموكراتىك ئاۋام پالاتا ئەزاسى Jamis Mcgovern لارنىڭ رىياسەتچىلىگىدىكى يىغىندا، دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي ئىشلار كومىتېتى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى، تىبەت جەمئىيىتى ۋە دىنىي ساھەدىكى زاتلار ئىسپات بەردى.

دۆلەت مەجلىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسى ئىسپات بېرىش يىغىنى ھەققىدىكى باياناتىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىر قاتار ۋەدىلەرنى بەرگىنىگە قارىماي، "سىياسىي ۋە دىنىي پائالىيەتلەرنى مۇقىملىققا تەھدىت سالماقتا، دېگەن قاراش بىلەن باستۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز" دەپ تەكىتلىگەن.

يىغىندا ئىسپات بەرگەن گۇۋاھچىلارنىڭ بىرى، ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئالىم سېيىتوف، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئولىمپىك بىخەتەرلىكى، تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش دېگەن باھانىلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇرۇش جىنايەتچىسى، سېربلارنىڭ رەھبىرى رادۇۋان كارادىچ قولغا ئېلىندى

سېربىيە ھۆكۈمىتى 13 يىلدىن بۇيان قېچىپ يۈرگەن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئۇرۇش جىنايەتچىسىنىڭ بىرى بولغان، سابىق بوسىنىيەدىكى سېربلارنىڭ رەھبىرى رادوۋان كارادىچنى قولغا ئالدى

رادۇۋان كارادىچ 1990 - يىللارنىڭ بېشىدا باشلىنىپ، ئۈچ يېرىم يىل داۋام قىلغان، نەتىجىدە سېربىيە مۇسۇلمانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئون نەچچە مىليون بىگۇناھ خەلقنىڭ قىرىلىشىغا سەۋەب بولغان بوسنىيە ئۇرۇشىنىڭ جىنايەتچىسى.

كارادىچ21 - ئىيۇل سېربىيىدە بىر ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا قولغا ئېلىنغان بولۇپ، شۇ كۈنى مىڭلىغان بوسنىيە خەلقى كوچىلارغا چىقىپ رادۇۋان كارادىچنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى تەبرىكلىگەن.

خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى خاتىرىسى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە يەنە تەنقىدكە ئۇچرىدى

23 - ئىيۇل ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتى "ئولىمپىك ھارپىسىدىكى خىتاي" نامىدا گۇۋاھلىق يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىندا، خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى خاتىرىسى يەنە بىر قېتىم تەنقىدكە ئۇچرىدى.

يىغىندا سۆز قىلغان ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزالىرىدىن Rus Lehtinen خانىم، خىتاينىڭ ئولىمپىك ھارپىسىدا ئۆكتىچى سىياسىي ھەرىكەتلەرگە قارىتا باستۇرۇشنى كۈچەيتكەنلىكىنى تەنقىد قىلدى.

ئۇ سۆزىدە خىتاينىڭ، يېقىنقى كۈنلەردە، ئولىمپىك ۋەدىسىگە تامامەن خىلاپ ھالدا، باستۇرۇشنى كۈچەيتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، خىتايدا ئولىمپىك يېقىنلاشقان مۇشۇ كۈنلەردىمۇ ئۆلۈم جازالىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى، تۇتقۇن قىلىشنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى.

ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، خىتاينى ئولىمپىكنىڭ ئوبرازىغا ئىزچىل تۈردە داغ چۈشۈرۈۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلىدى.

ئاۋام پالاتا ئەزالىرى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئاياغلاشتۇرۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلىدىغان بىر قارار لايىھىسىنى تونۇشتۇردى

چارشەنبە كۈنى، بىر قىسىم ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزالىرى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئاياغلاشتۇرۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلىدىغان بىر قارار لايىھىسىنى تونۇشتۇرغان بولۇپ، مەزكۇر قارار لايىھىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى دەرھال توختىتىشى كېرەكلىكى تەلەپ قىلىنغان.

قاراردا مۇنداق دېيىلگەن: "بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئۆز پۇقرالىرىغا قاراتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى دەرھال توختىتىشى، تىبەت ۋە ئۇيغۇر خەلقىگە قاراتقان بېسىمنى پەسەيتىشى ۋە سۇدان ۋە بېرما ھۆكۈمەتلىرىگە قاراتقان قوللاشنى دەرھال توختىتىشى كېرەك" دەپ كۆرسىتىلگەن.

12تۈرلۈك نۇقتىلىق مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇلغان قارار لايىھىسىدە يەنە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇشنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىكى ئېچىلىش مۇراسىمى ئۇچۇن خىتايغا بارغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئېغىر باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى يۈرگۈزۈۋاتقان ئۇيغۇر ئىلى ۋە تىبەتلەردە زىيارەتتە بولۇشى تەلەپ قىلىنغان.