ئامېرىكىدا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى چاقىرىلدى
1 - سېنتەبىردىن 4 - سېنتەبىرگىچە، ئامېرىكىنىڭ مىننېسوتا شتاتىدىكى سانت پائۇل شەھىرىدە ئامېرىكىدا ھاكىمىيەت سۈرۈۋاتقان پارتىيە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ قۇرۇلتىيى ئېچىلدى.
قۇرۇلتاي نەتىجىسى شۇ بولدىكى قۇرۇلتاي ئەزالىرى جون مىككېيىننىڭ كېلەركى قېتىملىق ئامېرىكا پرېزىدېنتلىق نامزاتىنى رەسمىي بېكىتى. جون مىككېيىن ئۆزىگە مۇئاۋىن پرېزىدېنتلىققا تاللىغان ئالياسكا شتاتىنىڭ باشلىقى سارا پېيلىن خانىمنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتلىق نامزاتىمۇ قوبۇل قىلىندى.
سارا پېيلىن خانىم ئامېرىكا تارىخىدىكى ئىككىنچى ئايال مۇئاۋىن پرېزىدېنت نامزاتى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. ئۇنىڭ ئالدىدا دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ قۇرۇلتىيى چاقىرىلىپ، باراك ئوبامانىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتلىق نامزاتلىقى بېكىتىلگەن ئىدى.
نۆۋەتتە، دېموكراتلاردىن كېلىپ چىققان باراك ئوباما بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەردىن كېلىپ چىققان جون مىككېيىن كېلەركى قېتىملىق ئامېرىكا پرېزىدېنتلىق ئورنىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن سايلام پائالىيەتلىرى ئېلىپ بارىدۇ ھەمدە 11 - ئايدا رەسمىي ھەل قىلغۇچ سايلامغا چۈشىدۇ.
رامىزان ئېيى باشلاندى
بۇ ھەپتىدىن ئېتىبارەن مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزان ئېيى باشلاندى. 12 ئاينىڭ سۇلتانى ھېسابلانغان رامىزان پائالىيەتلىرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلار ئارىسىدىلا، جۈملىدىن سەككىز مىليون مۇسۇلمان بار ئامېرىكىدىمۇ قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە داۋاملاشماقتا.
ئۇيغۇرلار ئۇزۇن ئەسىرلىك تارىخقا ئىگە مۇسۇلمان خەلقى بولۇش سۈپىتى بىلەن رامازاننى ئالاھىدە قەدىرلەيدۇ. قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ خاقانى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ئىسلامنى قوبۇل قىلىپ، ئىسلام دىنى قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ دۆلەت دىنى قىلىنغاندىن كېيىن، ئىسلام دىنى ئۇيغۇر دىيارىدا تېز سۈرەتتە كېڭەيگەن بولۇپ، كېيىنكى بىر قانچە ئەسىر ئىچىدە پۈتۈن ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان بولدى.
دېمەك مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان ئۇيغۇر خەلقى رامىزان ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە، بىراق ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەن خەۋەرلەردىن قارىغاندا، رامىزان مەزگىلىدە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ روزا تۇتۇش ۋە باشقا دىنىي رەسمىيەتلەرنى بىجا كەلتۈرۈش ئىشلىرى ھەر خىل شەكىلدىكى توسقۇنلۇقلارغا ئۇچرىماقتا . ياۋروپا، ئوتتۇرا ئاسىيا ھەم تۈركىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىگە تارقالغان ئۇيغۇرلارمۇ رامىزان ئۆتكۈزمەكتە.
ئۇيغۇرلار كانادا ۋە ئامېرىكىدا ناھايىتى ئاز ساندا بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ كۆپ قىسىمى ئۆزىنىڭ بۇ دىنىي ئېتىقادىنى قەدىرلەپ، روزا تۇتۇش، ناماز ئوقۇش ھەم باشقا دىنىي پائالىيەتلىرىنى ئەركىن داۋاملاشتۇرماقتا.
ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى چېنىي كاۋكازىيە زىيارىتىنى باشلىدى
ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى دىك چېنىي كۈنسايىن جىددىيلىشىۋاتقان كاۋكازىيىنى چۆرىدىگەن ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، بۇ ھەپتىدە ئىلگىرىكى كېيىن ئەزەربەيجان، گرۇزىيە ۋە ئوكرائىنىيىنى زىيارەت قىلدى.
چېنىي گرۇزىيە پايتەختى تىبلىسقا يېتىپ كېلىپ، ساكاشىۋېلى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى چاقىرىپ، ئامېرىكىنىڭ گرۇزىيە - رۇسىيە توقۇنۇشى ھەققىدىكى مەيدانىنى ئىپادە قىلدى. چېنىي ئەپەندى رۇسىيىنىڭ گرۇزىيىگە قىلغان ھەربىي ھەرىكىتىنى ئىشغالىيەتچىلىك بىلەن تەنقىد قىلدى شۇنىڭدەك ئامېرىكىنىڭ ئۆز ئىتتىپاقچىسى گرۇزىيىگە ياردەم بېرىدىغانلىقى، بۇ قېتىم بېرىلىدىغان بىر مىليارد دوللارنىڭ پەقەت ئومۇمىي ياردەمنىڭ بىر قىسىمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
دىك چېنىينىڭ بۇ زىيارىتى ياۋروپا ئىتتىپاقى گرۇزىيە - رۇسىيە مەسىلىسى ھەققىدە جىددىي يىغىن چاقىرىپ، رۇسىيىگە قانداق چارە قوللىنىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان پەيتكە توغرا كەلگەن ئىدى ھەم ئۇنىڭ زىيارىتى ھەققىدە تۈرلۈك ئىنكاسلار ئوتتۇرىغا چىقتى.
چۈنكى، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىزچىل ھالدا رۇسىيىنى گرۇزىيىگە ھەربىي تاجاۋۇز قىلغانلىق ھەمدە جەنۇبىي ئاسسېتىيە ۋە ئابخازىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىش بىلەن ئەيىبلىمەكتە. ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ مەيدانىدىن يانماي، رۇسىيىنى قوشۇن چېكىندۈرۈشكە دەۋەت قىلغان.
تۈركىيە دۆلەت مىنىستىرى ئۈرۈمچى ۋە قەشقەر قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلدى
ئۆتكەن ھەپتىدىن بۇيان تۈركىيە دۆلەت مىنىستىرى كۈرشات تۈزمەن بېيجىڭ، ئۈرۈمچى ۋە قەشقەر قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلدى . كۈرشات تۈزمەن بۇ قېتىمقى زىيارىتى جەريانىدا ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقاندىن باشقا، خىتاي دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە شىركەت مەسئۇللىرى بىلەنمۇ بىر يۈرۈش ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بارغان.
تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تەرەپ تۈركىيە ۋەكىللىرىگە ئالاھىدە ئىلتىپات كۆرسەتكەن بولۇپ، تۈركىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سودا مىقدارىنى ئاشۇرۇش ھەمدە ھەمكارلىقلارنى كۈچەيتىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ھەتتا خىتاي تەرەپ ئەگەردە تۈركىيىنىڭ ئاتوم ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇش قۇرۇلۇشىنى خىتايغا بەرسە، خىتاينىڭ تۈركىيىگە ئاتوم تېخنولوگىيىسىنى ئۆگىتىدىغانلىقىنى تەشەببۇس قىلغان. خىتاي بىلەن تۈركىيىنىڭ بۇ يىللىق سودىسى 17 مىليارد دوللارغا يەتكەن.
كۇرشات تۈزمەن بۇ قېتىم مەھمۇت قەشقىرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپ مەقبەرىلىرىنى زىيارەت قىلغان ھەمدە بۇ قەبرىلەرنى تۈركىيە تەرەپنىڭ قايتىدىن ياسىشى ھەققىدە خىتاي تەرەپ بىلەن كېلىشكەن.
ئۇيغۇر ئېلىغا 300 مىڭ گەنسۇ پۇقرالىرى يۆتكەپ كېلىنىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلماقچى
ئۇيغۇر ئېلىغا گەنسۇ قاتارلىق ئىچكىرى خىتايدىكى پۇقرالارنى يۆتكەپ كېلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ يەنە بىر دولقۇنى باشلاندى.
3 - سېنتەبىر كۈنى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا گەنسۇ ئاپەت رايونىنىڭ ئەمگەك كۈچلىرىگە ياردەم بېرىش مەسىلىسى ئۈستىدە مەخسۇس يىغىن چاقىرىلىپ، ئۈرۈمچى، شىخەنزە، قاراماي قاتارلىق شەھەرلەردىكى خىزمەت شىتاتلىرىغا گەنسۇلۇق خىتايلاردىن 120 مىڭ نەپىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش قارار قىلىنغان.
خىتاي ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاستىلىرى 12 - ماي يەر تەۋرەشتە ئاپەتكە ئۇچرىغان گەنسۇ دېھقانلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى، بۇلاردىن باشقا يەنە، ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى مەخسۇس گەنسۇ دېھقانلىرى ئۈچۈن 200 مىڭ كىشىلىك پاختا تېرىش ئىش ئورنى ھازىرلىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئالىي يىغىنى ئېچىلدى
28 - ئاۋغۇست كۈنى تاجىكىستان پايتەختى دۈشەنبىدە خىتاي، رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان قاتارلىق شاڭخەي ھەمكارلىقىغا ئەزا 6 دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ يىللىق يىغىنى ئېچىلدى.
بۇ يىغىندا بىر قاتار يېڭى كېلىشىملەر ئىمزالانغاندىن سىرت يەنە گرۇزىيە - رۇسىيە توقۇنۇشىمۇ مۇزاكىرە قىلىندى. شاڭخەي گۇرۇھىدىكى دۆلەتلەر جەنۇبى ئاسسېتىيە ۋە ئابخازىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشتىن ئۆزلىرىنى چەتكە ئالسىمۇ، بىراق، يەنىلا رۇسىيىنىڭ كاۋكازىيىدىكى ھەرىكەتلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
رۇسىيە رەھبىرى مېدۋېدېۋ خىتاي رەھبىرى خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشۈپ سۆھبەتلەشكەن، خۇ جىنتاۋ رۇسىيىنىڭ كاۋكازىيىدىكى ھەرىكەتلىرىنى ھەمدە سوچىدا قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئېچىشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خۇ جىنتاۋ تاجىكىستاندىن كېيىن، تۈركمەنىستاننى زىيارەت قىلىپ، تۈركمەنىستان بىلەن تەبىي گاز كېلىشىمىنى كۈچكە ئىگە قىلىدىغان ھەمكارلىقنى ئاشۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى شۇنىڭدەك ئىككى تەرەپ تەبىئىي گاز كېلىشىمى ئىمزالىدى.