خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىقتىسادىي سىياسىتى تۈپەيلى ئۇيغۇر سودىگەر ۋە ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن يارىتىلغان زور پايدىلىق سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي شارائىتقا ئىگە خىتايلار بىلەن ھەقسىز رىقابەتكە مەجبۇرلانماقتا. ئۇيغۇرلارنىڭ پەقەت چەكلىك مالىيىسى ۋە تەۋەككۈلچىلىكىگە تايىنىپلا بۇ كەسكىن رىقابەتتە پۇت تىرەپ تۇرالىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.
ئۇلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن مەبلەغ ھازىرلاش ۋە توغرا يەرگە ئىشلىتىش، ئىقتىسادىي بىلىم ۋە پەن تېخنىكا شۇنداقلا ئۇچۇرغا ئىگە بولۇشتىن باشقا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قاراتقان ئىقتىسادىي سىياسەتلىرىدىن ئۈنۈملۈك قانۇنلۇق پايدىلىنىشىمۇ ئاچقۇچلۇق رول ئوينىشى مۇمكىن.
بۇنىڭغا قىزىقسىڭىز، مۇخبىرىمىزنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سودىگەرلەرنى ۋە ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنى ئۇيغۇر تىلىدا ئىقتىسادقا دائىر كەسپىي بىلىم ۋە ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتقان پارلان مەبلەغ سېلىش مەسلىھەتچىلىك شىركىتى دېركتورى ياش ئىقتىسادشۇناس مۇختەر ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىگە دىققەت بەرگەيسىز.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىز.