ب ب س نىڭ ۋاشىنگتوندىن بايان قىلىشىچە، خىتاي ئازادلىق ئارمىيە باش شتاب كوماندىرى چېن بىڭدى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى ئامېرىكا زىيارىتىنى باشلىدى. بۇ پائالىيەت 8 كۈن داۋام قىلىدۇ. بۇ، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي مۇناسىۋەتلەردە، خىتاينىڭ باش شتاب كوماندىرى دەرىجىلىك ئوفىتسېرىنىڭ يەتتە يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە، ئامېرىكا تەرەپ، خىتاي ھەربىي دائىرىلىرى بىلەن مەخسۇس تېمىلار بويىچە مۇھىم سۆھبەت ئۆتكۈزگەننىڭ سىرتىدا، ئامېرىكىنىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇن خىتايغا كۆرسىتىپ باقمىغان ھەربىي ئەسلىھەلىرىدىنمۇ بىر نەچچىنى كۆرسەتمەكچى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇنىڭدىن بۇرۇن خىتاي دائىرىلىرى، قۇرۇقلۇقتىن دېڭىزدىكى نىشانلارغا ئاتىدىغان دۇڭفېڭ 21-D بەلگىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى، ئامېرىكىنىڭ ئاۋىئاماتكىلىرىنى پاچاقلىيالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.
شىنخۇا تورىنىڭ بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، خىتاي ئازادلىق ئارمىيە باش شتاب كوماندىرى چېن بىڭدې ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرىگە، ئاسىيا -تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، شۇنداقلا دېڭىز قاتنىشىنى قوغداش، ب د ت ئۈچۈن تىنچلىقنى ساقلاش، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم قاتارلىق جەھەتلەردە، ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە تۇرۇپ ھەرىكەت قىلىدىغان يېڭىچە ھەربىي مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. خىتاي تەرەپتىن يەنە، بۇ قېتىمقى زىيارەتكە خىتاي دېڭىز قىسىملىرى، ھاۋا قىسىملىرى، 2-توپچى قىسىم، گۇاڭجۇ، نەنجىن، جىنەن ھەربىي رايونلىرى ئوفىتسېر ئەۋەتكەن.
خەۋەردە ئەسكەرتىلىشىچە، بۇ قېتىم خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئورنىتىلىدىغان يېڭىچە ھەربىي مۇناسىۋەت،ئاساسەن ئۇشتۇمتۇت كۆرۈلگۈسى ۋەقەلەردىن ساقلىنىشنى، يەنى ئىككى تەرەپنىڭ قوراللىرىدىن ئۇشتۇمتۇت ئوق چىقىپ كېتىش ھادىسىلىرى يۈز بېرىشتىن ساقلىنىشنى مەقسەت قىلىدىكەن.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ياپونىيىنىڭ يوكوسۇكا شەھىرىدىن بۈگۈن بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا 7-دېڭىز فىلوتىنىڭ كوماندىرى ئادمېرال سكوت بۇسكىرك بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھازىر، خىتاينىڭ ھەربىي جەھەتتە كۈچىيىپ كېتىشىنى چەكلەش نىشانىدا، 635 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىپ، خىتاينىڭ مەخسۇس ئامېرىكا ئاۋىئاماتكىلىرىنى چۆكتۈرۈش ئۈچۈن تەييارلىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى پاچاقلىيالايدىغان X-47B بەلگىلىك دېڭىزدا قوللىنىدىغان ئەڭ يېڭى تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ياساۋاتىدۇ، دەپ جاكارلىدى.
ئادمېرال سكوت بۇسكىركنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا خىتاي ھەربىي ئۆمىكىگە، خىتاينىڭ ئامېرىكىغا قاراتقان ئەڭ چوڭ كوزۇرى بولغان دۇڭفېڭ 21-D بەلگىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى پاچاقلىيالايدىغان X-47B بەلگىلىك ئەڭ ئىلغار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى، كالىفورنىيادىكى ئەدۋورد ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىن ئۇچۇرتۇپ سىناق قىلىپ كۆرسەتتى.
ئادمېرال سكوت بۇسكىركنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا ھازىر تەييارلاۋاتقان X-47B بەلگىلىك دېڭىزدا قوللىنىدىغان ئەڭ ئىلغار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنى، مەخسۇس خىتايغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئاسىيادا تىنچ ئوكياندىن ھىندى ئوكيانغىچە بولغان كەڭ دائىرە ئىچىدە، زۆرۈر تېپىلغان نىشانغا، ھەر قانداق جايدا ۋە ھەر قانداق ۋاقىتتا قوللىنىش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇشقا باشلىدى.
