ھەربىي مەشقلەردىن كېيىن ئاسيا - تىنچ ئوكيان رايونىدا پەيدا بولغان يېڭى ئۇيۇشۇش

ئۆتكەن ھەپتىدە ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيە شەرقىي دېڭىز ۋە سېرىق دېڭىز رايونىدا بىرلەشمە ھەربىي مەشق ئۆتكۈزگەن ئىدى. خىتايمۇ بۇ رايوندا ئارقا - ئارقىدىن ھەربىي مەشىق ئۆتكۈزۈپ ئۆزىنىڭ كۈچىيىپ باش كۆتۈرگەنلىكىنى دۇنياغا كۆرسىتىشكە باشلىدى. بۇ ھەربىي مەشقلەرنىڭ نەتىجىسىدە، ئاسيا - تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەر ئارا يېڭىدىن ئۇيۇشۇش پەيدا بولدى.

0:00 / 0:00

شەرقىي دېڭىزدا ۋە سېرىق دېڭزىدا ئۆتكۈزۈلگەن ھەرخىل ھەربىي مەشقلەردىن كېيىن، ئاسيا - تىنچ ئوكيان رايونىدا يېڭى ئۇيۇشۇش پەيدا بولدى. سېنگاپوردا چىقىدىغان بىرلەشمە سەھەر گېزىتى نىڭ بايان قىلىشىچە، شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا بىرلىكىدىكى دۆلەتلەر 23 - ئىيول كۈنى بىخەتەرلىك سۆھبىتى ئۆتكۈزگەندە، خىتاينىڭ دېڭىز تەۋەلىكى دېگەن مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى بىردەك خىتاينى ئەيىبلىدى.

شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا بىرلىكىدىكى 12 دۆلەت دېڭىز تەۋەلىك ھوقۇقىنى جاكارلىدى

ئاسىيا - تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرىنىڭ ۋېيتنامدا ئۆتكۈزگەن ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشىدىمۇ، شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا بىرلىكىدىكى 12 دۆلەت يەنە، خىتايغا قارىمۇ - قارىشى ھالدا ئۆزلىرىنىڭ دېڭىز تەۋەلىك ھوقۇقىنى جاكارلىدى. بۇ ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشقا قاتناشقان 27 دۆلەتنىڭ ھەممىسى، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدا پۈتۈنلەي ئامېرىكا بىلەن بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي يەنە شەرقى دېڭىزدا ھەربىي مەشقى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئاسىيا - تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرىنىڭ ئاليى دەرىجىلىك ئۇچرىشىشىغا ئىنكاس قايتۇردى

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي 26 - ئىيول كۈنى يەنە شەرقى دېڭىزدا، كۆپ خىل ئەسكىرى قىسىملارنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مەشقى ئۆتكۈزۈپ، بۇ ئارقىلىق، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشىدا خىتايغا قىلىنغان ھۇجۇمغا بولغان غەزىپىنى ئىپادىلىدى.

ئامېرىكا گېنېرالى ۋالتېر يېگىرمە ئالتىنچى مارت ھەربىي پاراخوت ۋەقەسىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ سىئۇلدىن بايان قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي كورىيىدىكى ھەربىي قىسىملىرىنىڭ كوماندىرى گېنېرال ۋالتېر شارپ 29 - ئىيۇل كۈنىدىكى باياناتىدا ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، ئاۋسترالىيە ۋە شىۋېتسىيە ھەربىى مۇتەخەسسىسلىرى بىرلىكتە 3 - ئاينىڭ 26 - كۈنى جەنۇبىي كورىيىنىڭ ھەربىي پاراخوتى چۆكتۈرىۋېتىلگەن، 46 نەپەر دېڭىزچىسى ئۆلتۈرۈلگەن ۋەقە ھەققىدە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشنىڭ خولاسىسى شىمالىي كورىيە سۇ مىناسى ئاتقان، دېگەندىن ئىبارەت دەپ جاكارلىدى. شۇنداقلا، ئۆتكەن ھەپتىدە ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيە شەرقىي دېڭىز ۋە سېرىق دېڭىز رايونىدا ئۆتكۈزگەن ھەربىي مەشقنىڭ ئۆزى شىمالىي كورىيىگە بېرىلگەن كۈچلۈك سېگنال دەپ كۆرسەتتى.

شىمالىي كورىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۇبىي كورىيىدە تۇرۇشلىق قىسىملىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە كۆندى

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ سىئۇلدىن بايان قىلىشىچە، بۈگۈن شىمالىي كورىيىنىڭ ھەربىي دائىرىلىرى بىلەن ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ كوماندىرى كۆرۈشتى، ئىككى سائەت داۋاملاشقان بۇ سۆھبەتتە، 9 - ئاۋغۇست كۈنى پەنمۇنجون دېگەن جايدا، جەنۇبىي كورىيىنىڭ ھەربىي پاراخوتى چۆكتۈرىۋىتىلگەن ۋەقە توغرىسىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۇبىي كورىيىدە تۇرۇشلىق قىسىملىرىنىڭ كوماندىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە كېلىشتى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ سۆھبەتتە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جەنۇبىي كورىيىدە تۇرۇشلىق قىسىملىرى بىلەن شىمالىي كورىيە ئوتتۇرىسىدا 1950 - يىلىدىن 53 - يىلىغىچە داۋاملاشقان كورىيە ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئىختىلاپ ۋە توقۇنۇشلارنى ھەل قىلىش ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

ھازىر خىتاينىڭ دېڭىز ئارمىيىسى ئەڭ يامان نىيەتلىك كېڭەيمىچىلىككە قەدەم قويدى دېگەن ئۇقۇم ئورتاق كۆز قاراشقا ئايلاندى

خىتايغا نەزەر تور گېزىتىدە بۈگۈن مۇستەقىل تەتقىقاتچى لى تيەنشاۋ مۇنداق مۇلاھىزە ئېلان قىلدى: ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيىنىڭ يېگىرمە ئالتىنچى مارت پاراخوت ۋەقەسى گە قارىتىلغان ھەربىي مەشقى بۇنىڭدىن كېيىن، يىل ئاخىرىغا قەدەر ھەر ئايدا ئۆتكۈزۈپ تۇرۇلىدىغان ھەربىي مەشققە، ۋەقە چىقارغان شىمالىي كورىيە بۇ ھەربىي مەشقلەرنىڭ بىۋاستە نىشانىغا ئايلاندى.

ئامېرىكا بىلەن شىمالىي كورىيىنىڭ ھەربىي كۈچ سېلىشتۇرمىسىدا ناھايىتى چوڭ پەرق بارلىقى ھەممىگە ئايان بولغان ئەھۋال ئاستىدا، ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون بەلگىلىك دۇنيا بۇيىچە ئەڭ قۇدرەتلىك ئاۋىئاماتكىسى ۋە ف 22 بەلگىلىك دۇنيا بۇيىچە ئەڭ ئىلغار ئۇرۇشچى ئايروپىلانلىرى بۇ قىتىمقى ھەربىي مەشققە قاتناشتۇرۇلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، شىمالىي كورىيىگە تەككۈزۈپ خىتاينى ئاغرىتىش تىن ئىبارەت نەتىجە بولۇپ چىقتى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە خىتاي ھازىر دېڭىزلاردا ئارقا - ئارقىدىن ئېتىش مەشقى ئۆتكۈزۈشكە ۋە شىمالىي كورىيە بىلەن سەپ تۈزۈشكە باشلىدى.

بۇنىڭ نەتىجىسىدە يەنە، ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيىنىڭ ھەربىي بىرلىكىگە ياپونىيە قوشۇلدى. شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرىمۇ ئوتتۇرىغا چىقىپ، خىتاينى بۇ رايوندا يېتىم ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى. خىتاينىڭ دېڭىز ئارمىيىسى ئەڭ يامان نىيەتلىك كېڭەيمىچىلىككە قەدەم قويدى دېگەن ئۇقۇم ھازىر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە، ئاقسارايدا ۋە ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرىدا ئورتاق كۆز قاراشقا ئايلاندى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.