ھىندىستانلىق گېنېرال خىتاينىڭ ھەربىي تەھدىتىدىن ئاگاھلاندۇرۇش بەردى

ھىندىستان گېنېرالى ك.ت. پارنايك، كەشمىردە خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە كەشمىر رايونلىرىغا خىتاي كۆپ ساندا ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرۇۋاتقانلىقىدىن ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.

0:00 / 0:00

ھىندىستان «ئېكىسپرىس» ئاخباراتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستان گېنېرالى پارنايك بىر يىغىندا سۆز قىلىپ، ئازاد كەشمىردە خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقى، خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش سىزىقىدا مەۋجۇت ئىكەنلىكى شۇنىڭدەك ھىندىستاننىڭ چېگرا ئەتراپىدا خىتاينىڭ بۇ خىل ھەربىي ھەرىكەتلىرى بارلىقى قاتارلىق مەسىلىلەردە ھىندىستان ئارمىيىسىگە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.

ھىندىستاننىڭ «تېلېگراف» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ پاكىستاننىڭ گىلگىت ۋە بالتىستان رايونلىرىغا ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرغانلىقى، بۇنىڭدىن ھىندىستاننىڭ ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈلگەن.

ھىندىستاننىڭ «ھازىرقى ۋاقىت» ناملىق تېلېۋىزىيىسىنىڭ سەيشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستاننىڭ شىمالىي رايون ھەربىي ئەمەلدارى گېنېرال پېرنايىك بىر يىغىندا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: خىتاينىڭ ئەسكەرلىرى يالغۇز ئازاد كەشمىردە ئەمەس، بەلكى پاكىستاننىڭ گىلگىت ۋە بالتىستان رايونلىرىدا كۈندىن كۈنگە كۆپىيىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە خىتاي ئەسكەرلىرى ھىندىستان چېگراسىدىكى ئۇرۇش توختىتىش سىزىقلىرىغىمۇ يېقىنلاپ كەلدى. بۇ ھەقتە دەلىل-ئىسپات بار. خىتاي ھىندىستان چېگرالىرىغا يېقىن ئەتراپتا جىددىي يول ياسىماقتا. كۆپلىگەن ھىندىستان خەلقى، ئەگەر پاكىستان بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا بىرەر توقۇنۇش يۈز بېرىپ قالسا خىتايمۇ ھىندىستانغا قارشى تۇرۇپ پاكىستان تەرەپكە ئۆتىدىغانلىقىدىن ئەندىشە قىلماقتا. ئازاد كەشمىرنىڭ تاغلىق رايونلىرىدا خىتاي پاكىستان بىلەن ھەربىي ئالاقە-مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتمەكتە. بۇ ئەھۋال ھىندىستاننىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن جىددىي بىر تەھدىت پەيدا قىلىدۇ.

بىز بۇ ھەقتىكى پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن، تۈركىيە ئىستراتېگىيە ۋە چۈشەنچە ئىدارىسىنىڭ ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ۋە پاكىستاندا ئۇزۇن زامان ئىلىم تەھسىل قىلغان شۇنداقلا پاكىستان-ھىندىستان ۋە خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشى بىلىدىغان ئۇيغۇر زىيالىي ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.