بۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھەربىي خام چوتنى يېقىنقى 22 يىلدىن بۇيان، 2010-يىلى مۇستەسنا، ئىزچىل ئىككى خانىلىق رەقەم بىلەن ئۆستۈرۈشىدۇر. خىتاي ھەربىي سېلىنمىسىنىڭ بۇ يىل يەنە 2 خانىلىق رەقەم بىلەن ئۆستۈرۈلۈشى، ئامېرىكا ۋە خىتاينىڭ ئاسىيادىكى قوشنىلىرىدا ئەنسىزلىك ياراتقان. ئانالىزچىلار خىتاي ھەربىي سېلىنمىسىدىكى ئارتىشنىڭ ئاسىيادا ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسىنى تېزلىتىشىدىن ئەنسىرىمەكتە.
خىتاي 2010-يىللىق ھەربىي خام چوتىنى 5.7 پىرسەنت كۆپەيتىپ، ئالدىنقى يىلغا قارىغاندا ھەربىي سېلىنمىنى بىر ئاز كونترول قىلغانلىقىنى ئىپادىلىگەندەك بولغان ئىدى. لېكىن، خىتاينىڭ بۇ يىل ھەربىي خام چوتنى 2 خانىلىق رەقەم بىلەن ئۆستۈرۈشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، 2011-يىللىق ھەربىي خام چوتنى 7.12 پىرسەنت ئۆستۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلىشى ئامېرىكا ۋە خىتاينىڭ ئاسىيادىكى قوشنىلىرىدا يەنە ئەندىشە قوزغىدى. خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى لى جاۋشىڭ 4-مارت كۈنى چاقىرغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بۇ يىللىق ھەربىي خام چوتنىڭ ئۆتكەن يىلقىدىن 7.12 پىرسەنت ئۆستۈرۈلۈپ، ئاز كەم 92 مىليارد دوللارغا چىقىرىلغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. لى جاۋشىڭ، خىتاينىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسىگە كىرىشىش ۋە تەھدىت سېلىش غەرىزى يوقلۇقىنى ئەسكەرتىپ، بېيجىڭنىڭ مۇداپىئە خاراكتېرلىك سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى، ھەربىي خام چوتنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى ئاساسلىقى ھەربىي ئەسلىھەلەرنى ياخشىلاش، ھەربىلەرنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە تەلىم-تەربىيە ئىشلىرىغا سەرپ قىلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
لېكىن بەزى ئانالىزچىلار، لى جاۋشىڭنىڭ چۈشەندۈرۈشى شەرقىي ئاسىيادا ھەربىي قوشۇن تۇرغۇزۇۋاتقان ئامېرىكا ۋە خىتاي بىلەن زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقى تالاش-تارتىشى بار ھىندىستان، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى خاتىرجەم قىلىشقا يەتمەيدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئاسىيادىكى ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسىنى تېزلىتىدىغانلىقىنى ۋە بۇ دۆلەتلەرنى ئامېرىكىغا يېقىنلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئامېرىكا تولېدو ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مەسىلىلەر پروفېسسورى ران بوگوڭ بۇ قاراشتىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرىدۇر.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ «خىتاينىڭ ھەربىي خام چوتنى زور مىقداردا كۆپەيتىشى شۇنداقلا يەنە كەلگۈسىدە ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىشى ئىككى خىل ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بىرىنچىسى، ئاسىيادا ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسىنى پەيدا قىلىدۇ. خىتاينىڭ ھەربىي ئىشلار تەرەققىياتى قوشنا دۆلەتلەرنى ئەندىشىگە سېلىپ، ئۇلاردىكى دۆلەت بىخەتەرلىك تەھدىت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىدۇ. بۇ ئەھۋالدا ئۇلارمۇ ھەربىي خام چوتنى كۆپەيتىش يولىغا قاراپ مېڭىشقا مەجبۇر بولىدۇ. نەتىجىدە بۇ، ئاسىيادا ھەربىي ھازىرلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ، دېگەنلىكتۇر. ئىككىنچىسى، ياپونىيە، ھىندىستان، جەنۇبىي كورىيە قاتارلىق ئاسىيادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەردىن سىرت، باشقا ئۇششاق دۆلەتلەر خىتاي بىلەن رىقابەتلىشەلمەيدۇ. بۇ ئەھۋالدا ھىندىستان، ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاسىيادىكى دۆلەتلەر ئامېرىكىغا تايىنىشى، ئامېرىكىنىڭ ئۇلارنى قوغدىشىنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن بۇ يۇقىرىقى دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكا بىلەن يېقىنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتاينىڭ يېتىم قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.»
ئامېرىكا ۋە ئاسىيادىكى مۇناسىۋەتلىك ئەللەرنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان مەسىلە خىتاي ھەربىي تەرەققىياتى ۋە مۇداپىئە خام چوتىدىكى ئېنىقسىزلىقتۇر. ئانالىزچىلارنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ھەربىي خام چوتى يېڭى قورال-ياراقلار سىستېمىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە چەتئەلدىن سېتىۋېلىنىدىغان قورال-ياراقلارنىڭ چىقىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. شۇڭا خىتاينىڭ2014-يىلى پۈتىدىغان ئاۋىئاماتكا قۇرۇلۇشى ۋە شۇنداقلا كېيىنكى ئەۋلاد كۆلەڭگە ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشىغا كېتىدىغان مەبلەغ مەزكۇر مۇداپىئە خام چوتىنىڭ ئىچىدە ئەمەس.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ قىياس قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئەمەلىيەتتىكى مۇداپىئە خام چوتى ئۇ ئاشكارا ئېلان قىلغاندىن بىر ھەسسە كۆپ بولۇشى مۇمكىن. ستوكھولىمدىكى خەلقئارا تىنچلىق تەتقىقات ئىنستىتۇتى، خىتاي 2009-يىلى دۆلەت مۇداپىئە خام چوتىنى 480 مىليارد يۈەن دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئەمەلىيەتتىكى ھەربىي خام چوتىنىڭ 686 مىليارد يۈەن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن، خىتاي ھەربىي خام چوتى ئامېرىكىنىڭ نۆۋەتتىكى 661 مىليارد دوللارلىق مۇداپىئە خام چوتىدىن كۆپ ئاز بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا ھەربىيگە ئەڭ كۆپ پۇل خەجلەۋاتقان دۇنيادىكى2-چوڭ دۆلەت بولۇپ، ھەربىي خام چوتى 63 مىليارد دوللار ئەتراپىدىكى فرانسىيە 3-ئورۇننى، ئەنگلىيە 4-ئورۇننى، رۇسىيە بىلەن ياپونىيە 4-ۋە 5-ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ھەربىي كۆچى ئىچكى ئىسياننى باستۇرۇپ، تەيۋەننى ئىشغال قىلىش كۈچىدىن ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ھەربىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى غەرىزى ئامېرىكا ھەم ياپونىيە قاتارلىق قوشنا دۆلەتلەر چۈشىنىشكە تىرىشىۋاتقان مەسىلە. ياپونىيە ئىچكى كابېنت سېكرېتارى يۇكىئو ئېدانو، خىتاينىڭ يېڭى ئېلان قىلغان ھەربىي خام چوتى ھەققىدە توختىلىپ، ھەربىي خام چوتنىڭ سوممىسىلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ مۇددىئاسىنىڭ مۈجمەللىكىنى، خىتاينىڭ بۇ مەسىلىدە ئاشكارا بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
پروفېسسور ران بوگوڭ، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىكى رولى ھەققىدە توختىلىپ، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ ئىنتايىن تۇراقسىزلىقىنى، ئۇلار ئارىسىدا ئۆز-ئارا ئىشەنچ مەسىلىسىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى، ئۇلار ئارىسىدىكى گېئوئىستراتېگىيىلىك ئىخلاپنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى بىلدۈردى. ئۇ «خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋىتى ناھايىتى تۇراقسىز بىر مۇناسىۋەت. چۈنكى خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئىقتىسادى ساھەدە بىر گەۋدىلەشكەن شېرىكلەردىن بولسىمۇ، لېكىن ئىككى تەرەپنىڭ دىپلوماتىيە، ئىستراتېگىيە جەھەتتىكى توقۇنۇشى ناھايىتى كۆپ. ئەڭ ئاساسلىقى ئامېرىكىنىڭ غەربىي تىنچ ئوكيان رايونىدىكى مەۋجۇتلۇقىدۇر. ئۇ غەربىي تىنچ ئوكيان ۋە ئاسىيا رايونىدىن ھەرگىز چېكىنىپ چىقمايدۇ. خىتاي بولسا ئامېرىكىنىڭ غەربىي تىنچ ئوكيان ۋە ئاسىيادا ئىتتىپاق قۇرۇشىغا قارشى. گەرچە ئامېرىكا ئېتىراپ قىلمىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئاسىيادىكى ئىتتىپاقداشلىرىنى ئۆزىگە تارتىپ، خىتاينى قورشاۋغا ئالغانلىقى بىر ئەمەلىيەت. چۈنكى، ئامېرىكا ئەمەلىيەتتە خىتاينى ئۆزى ئۈچۈن كەلگۈسىدىكى زور تەھدىت دەپ قارايدۇ. شۇڭا ئامېرىكا بىلەن خىتاي بىر-بىرىگە ئىشەنمەيدۇ» دەپ كۆرسەتتى.
خىتاينىڭ شاڭخەي، داليەن قاتارلىق شەھەرلەردە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاۋىئاماتكا قۇرۇلۇشى 2014-يىلى پۈتۈشى مۇمكىن. ئانالىزچىلار، سۇ ئاستى ۋە سۇ ئۈستى ئۇرۇش پاراخوتلىرىدىن قۇرۇلغان خىتاي ئاۋىئاماتكا ئۇرۇش پلوتىنىڭ 2020-يىلى رەسمىي ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلايدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا. خىتاي بۇ يىل 1-ئايدا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى روبېرت گەيتىس خىتاينى زىيارەت قىلماقچى بولۇپ تۇرغاندا ج-20 بەلگىلىك كۆلەڭگە ئۇرۇش ئايروپىلانى سىنىقى ئېلىپ بارغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاي يەنە، دېڭىز بويىدىكى رايونلارغا شەرق شامىلى-21د بەلگىلىك ئاۋىئاماتكىغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا باشلىغان ئىدى. يېقىندا ئىككى خىتاي ھەربىي ئايروپىلانى ياپونىيە سېنكاكو ئارىلىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىغا 50 كىلومېتىر ئىچكىرىلەپ كىرگەن بولۇپ، بۇ خىتاي ھەربىي ئايروپىلانىنىڭ تالاش-تارتىشتىكى سېنكاكو ئارىلى ھاۋا بوشلۇقىغا تۇنجى قېتىم بۇنچىلىك ئىچكىرىلەپ كىرىشىدۇر.
پروفېسسور ران بوگوڭ، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ھەربىي كۈچى تەيۋەننى ئىشغال قىلىشقا يېتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، لېكىن ئۇنىڭ ھەربىي تەرەققىياتىنى تېزلىتىشىدىكى نىشانى ئاساسلىقى ئامېرىكىغا قارىتىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ«خىتاينىڭ ھەربىي زامانىۋىلاشتۇرۇشىنىڭ ئاساسلىق نىشانى ئاسىيا ئەللىرى ۋە ياكى تەيۋەنگە قارىتىلغان ئەمەس. چۈنكى، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ھەربىي كۈچى تەيۋەننى بىر تەرەپ قىلىشقا تامامەن يېتىدۇ. ئەگەر تەيۋەن ھەقىقەتەن مۇستەقىللىق ئېلان قىلسا، ئۇنىڭ تەيۋەننى كونترول قىلىشى چوڭ مەسىلە ئەمەس. لېكىن، خىتاينىڭ ھازىرقى ئاساسلىق نىشانى ئامېرىكا. ئامېرىكا خىتاينىڭ كەلگۈسىدىكى ئەڭ ئاساسلىق دۈشمىنى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ھازىردىن باشلاپ پەرەز قىلىشقا بولىدۇ. چۈنكى، ئامېرىكا خىتاينىڭ تەيۋەننى بىرلىككە كەلتۈرۈشىدىكى چوڭ توسالغۇ. ئەلۋەتتە خىتاي ھەربىي ئىشلاردا ئامېرىكىدىن ئۆتۈپ كېتەلمەيدۇ. كەلگۈسى 2020-يىلدا بۇ خىل ئېھتىماللىقنىڭ يۈز بېرىشى مۇمكىن ئەمەس. لېكىن، خىتاينىڭ مۇددىئاسى زامانىۋى قوراللار بىلەن قوراللىنىپ، بولمىدى دېگەندە ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قورال كۈچى ئىشلىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتۇر.»
0:00 / 0:00
