مۇراسىم ناھايىتى تەنتەنىلىك ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمغا ئەرەب ۋە ئىسلام مەملىكەتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن رادىئو-تېلېۋىزىيە مۇخبىرلىرى ئىشتىراك قىلدى. بۇ قۇرۇلۇش تولۇق 6 يىلدا پۈتۈپ چىقىدىكەن ۋە نۆۋەتتىكى مەسچىتى ھەرەمنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى تارىختىكى ئەڭ چوڭ كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى ھېسابلىنىدىكەن.
سەئۇدى ئەرەبىستانىدا چىقىدىغان «ئەل ۋەتەن»، «ئەل بىلاد» ۋە «ئەل مەدىنە» گېزىتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھەج ياكى ئۆمرە قىلىش مەقسىتى بىلەن ھەرەمگە كېلىدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ سانى يىلدىن يىلغا ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، مەسچىتى ھەرەمدە جىددىي قىستىلاڭغۇلۇق پەيدا بولغان بولۇپ، ھاجىلار مەسچىتى ھەرەمگە سىغمايدىغان بولغان ئىدى. بۇ ئەھۋال سەئۇدى ئەرەبىستانى ھۆكۈمىتىنى جىددىي ھەرىكەتكە كەلتۈرگەن بولۇپ، مەسچىتى ھەرەمنىڭ شامىيە تەرىپىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى باشلاتقان ئىدى. 19-ئاۋغۇست كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى ئابدۇللانىڭ مەزكۇر قۇرۇلۇشقا ئۇل سېلىشى بىلەن بۇ قۇرۇلۇش رەسمىي باشلىنىپ كەتتى.

مەسچىتى ھەرەمدە بىر ۋاقىتتا 1 مىليوندىن كۆپ ئادەم ناماز ئوقۇيدىغان بولىدۇ
بۇ قېتىمقى كېڭەيتىشكە مەسچىتى ھەرەمگە قوشۇلىدىغان قۇرۇلۇش ئەڭ مۇكەممەل ۋە ئەڭ زامانىي شەكىلدە سېلىنىدىكەن. بۇ كېڭەيتىش تارىختىكى ھەر قانداق بىر چوڭ كېڭەيتىشتىنمۇ ئالاھىدە كاتتا كېڭەيتىش ھېسابلىنىدىكەن. نۆۋەتتىكى كېڭەيتىشتە مەسچىتى ھەرەمگە قوشۇلىدىغان يېڭى قۇرۇلۇشنىڭ كۆلىمى 400 مىڭ كۋادرات مېتىر ئىكەن. ھازىرغىچە مەسچىتى ھەرەمدە 900 مىڭ ئادەم بىرلا ۋاقىتتا ناماز ئوقۇيالايدۇ. ئەمما بۇ قۇرۇلۇش پۈتۈپ چىققاندىن كېيىن مەسچىتى ھەرەمدە بىر مىليون 200 مىڭ ئادەم بىرلا ۋاقىتتا ئازادە ناماز ئوقۇيالايدىكەن. نۆۋەتتىكى يېڭى قۇرۇلۇشقا ھەر بىرىنىڭ ئېگىزلىكى 92 مېتىر كېلىدىغان 2 چوڭ مۇنارە چىقىرىلىدىكەن.
سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمەت مەنبەلىرىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، مەسچىتى ھەرەمنى كېڭەيتىش يولىدا مەسچىتى ھەرەم ئەتراپىدىكى ئۆي-ماكان ۋە قۇرۇ-جايلارنى سېتىپ ئېلىش ئۈچۈن ھۆكۈمەت 40 مىليارد رىيال( 10 مىليارد 666 مىليون دوللار) سەرپ قىلغان. چۈنكى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ قانۇنىدا شەخسلەرنىڭ يەر-زېمىنلىرى ھۆكۈمەتكە كېرەك بولۇپ قالغاندا، بۇ يەر-زېمىنلەرنىڭ ئىگىلىرىنى يەرنىڭ نورمالدىكى باھاسىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق پۇل بېرىش بىلەن رازى قىلىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى بۇ ئېسىل قانۇننىڭ سايىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەسچىتى ھەرەمگە يېقىن بولغان ۋەقىپ بىنالىرى مەسچىتى ھەرەمنى كېڭەيتىش زۆرۈرىيىتى تۈپەيلى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن سېتىپ ئېلىنىپ، نورمال باھاسىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ پۇل بەرگەن. نەتىجىدە ئۇيغۇر ۋەقىپلىرىنىڭ ئىقتىسادىي مىليونلاپ ئېشىپ بارغان. بۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بايلىقى دېگەنلىك.