ھۈسەن ھەسەن: ئىككى ئۇيغۇر قەھرىمان ئۇيغۇرنى دۇنياغا تونۇتتى

4 - ئاۋغۇست سەمەن يولى ۋەقەسىنىڭ تۆت يىللىق خاتىرە كۈنى يىتىپ كەلدى. چەتئەلدىكى بەزى ئۇيغۇرلار 2008 - يىلى 8 - ئاينىڭ 4 - كۈنى يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەنى سادىر قىلغۇچى ئابدۇراخمان ئازاد ۋە قۇربانجان ھېمىتتىن ئىبارەت ئىككى ئۇيغۇر پىدائىينى ھەر يىلى ھەرخىل شەكىللەردە ئەسلەپ كەلمەكتە.

0:00 / 0:00


ئابدۇراخمان ئازاد ۋە قۇربانجان ھېمىتلار 2008 - يىلى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىدىن تۆت كۈن ئىلگىرى، خىتاينىڭ قەشقەردىكى چېگرا مۇداپىئە ساقچى ئەترىتىگە ھۇجۇم قىلىپ، 17 ساقچىنى ئۆلتۈرۈپ، 15 ساقچىنى يارىلاندۇرغان ئىدى. دۇنيانىڭ كۆزى خىتايغا تىكىلگەن بىر چاغدا يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە، ئەينى چاغدا غەرب ئاخبارات ساھەسىدە زور غۇلغۇلا قوزغىغان. بۇ ۋەقەدىن كېيىنلا، 12 - ئاۋغۇست يامانيار ۋەقەسى، 27 - ئاۋغۇست قىزىلبۇيا ۋەقەسى، 29 - ئاۋغۇست مىشا ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ، كۆپ ساندا خىتاي ساقچىلىرى ھەم پۇقرالىرى ئۆلگەن ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىدا بۇ ئىككى پىدائىينىڭ يولىنى ئۈلگە قىلغان قارشىلىق ھەرىكەتلىرى كۆپلەپ يۈز بەردى. چەتئەلدىكى بەزى ئۇيغۇرلار ئەنە شۇندىن بېرى بۇ ئىككى ئۇيغۇر پىدائىينى قەھرىمانلىقنىڭ ئۈلگىسى ساناپ، ھەر يىلى ئۇلارنى ئەسلەپ، خاتىرىلەپ كەلمەكتە.

ئاۋسترالىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ھۈسەن ھەسەن ئەپەندى ئابدۇراخمان ئازاد ۋە قۇربانجان ھېمىتتىن ئىبارەت بۇ ئىككى پىدائىينىڭ ئىش - ئىزلىرىغا يۇقىرى باھا بېرىپ كېلىۋاتقان شەخسلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇ سۆزىدە، بۇ ئىككى پىدائىينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ روھىنى، غۇرۇرىنى ئويغاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

4 - ئاۋغۇست سەمەن يولى ۋەقەسىنىڭ تۆت يىللىق خاتىرە كۈنىدە، بۇ كۈننى ھۆرمەت بىلەن ياد ئېتىۋاتقان ئاۋىسترالىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ھۈسەن ھەسەن ئەپەندىنىڭ قاراشلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.