ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى 'ئۆسمە' ھەشەمەتچىلىك ۋە ئىسراپچىلىق

ھەر ئىشتا ئاشۇرىۋەتمەستىن ياكى كېمەيتىۋەتمەستىن ئوتتۇراھال بولۇش ھەر تەرەپتىن ياخشى بولغىنىدەك، "ئۆسمە" ھەشەمەتچىلىك بىلەن ئىسراپچىلىق ھەر قانداق دىن، ھەر قانداق بىر قانۇن ۋە ھەر قانداق بىر مىللەتتە سۆكۈلىدىغان، ناچار ئەخلاقلاردىن بىرىدۇر.

0:00 / 0:00

قۇرئان كەرىمدە ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان ياخشى بەندىلەرنىڭ تەرىپى مەدھىيىلەنگەن بىر ئايەتتە: " ئۇلار خىراجەت قىلغاندا، ئىسراپچىلىقمۇ قىلمايدۇ، بېخىللىقمۇ قىلمايدۇ، ئوتتۇراھال خىراجەت قىلىدۇ" دېيىلگەن. چۈنكى شۇنداق قىلىش بىر خىل ئېسىل قائىدە يوسۇن ۋە ئەدەپ - ئەخلاقتۇر.

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ياش ئالىم ئابدۇراھمان ھاجىم بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.

ئابدۇراھمان ھاجىم بىلەن سۆھبەت

ئابدۇراھمان ھاجىم ھازىرقى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە يامراپ كەتكەن ھەشەمەتچىلىك ۋە ئىسراپخورلۇقتىن ئىبارەت ناچار ئەخلاق ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: " ھازىرقى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە قىزىق نوختا ۋە قىيىن نوختا بولىۋاتقان ئىشلارنىڭ بىرى يەنىلا " ئۆسمە" ھەشەمەتچىلىك بىلەن ئىسراپخورلۇقتۇر. بۇ ئاش - تاماق ئىسراپچىلىقى،پۇل ئىسراپچىلىقى ۋە ۋاقىت ئىسراپچىلىقىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئىسراپچىلىقتىن مۇرەككەپ بولغان زور بىر ئىسراپچىلىقتۇر. دېھقانلىرىمىزنىڭ قان - تەر بەدىلىگە كەلگەن بۇغداي، گۈرۈچلەردىن ئېتىلگەن تائاملار، دېھقانلىرىمىز ھەپتە - ئايلاپ ئېلىپ يېيەلمەيدىغان سېمىز گۆشلەر شەھەر كوچىلىرىدىكى ئەخلەت ساندۇقلىرىغا پلاستىك خالتا ۋە گېزىتلەرگە ئوراپ تاشلانغانلىقىدەك ئېغىر ئاقىۋەتلەر كۈندە دېگۈدەك ئۇچراپ تۇرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا رېستورانلار، ھەتتا ئاددى ئاشپۇزۇللاردا تۇڭ - تۇڭلاپ تۆكۈلىۋاتقان نېمەتلەرگە قاراپ ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئىچى سىيرىلماي قالمايدۇ. كوممۇنىست رىجىمىدا ئەمدىلا قورسىقى نانغا تويغان بۇ خەلقنىڭ ئۆتمۈشىنى ئۇنتۇغان ھالدا، بۇنداق ئىسراپخورلۇق قىلىشى ۋە بۇنچىلىك چوڭ ھەشەمەتلەرنى قىلىشى پاجىئە ئۈستىگە پاجىئەدۇر. "

ۋاقىت ئىسراپچىلىقى ئورنىنى تولدۇرغىلى بولمايدىغان بىر زىياندۇر

ئابدۇراھمان ھاجىم ۋاقىت ئىسراپچىلىقىنىڭ پاجىئەسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:" دۇنيادا ھەر قانداق بىر زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرغىلى بولىشى مۇمكىن. ئەمما ۋاقىتتىن ئىبارەت بىرلا نەرسىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش قەتئىي مۇمكىن ئەمەس. ۋاقىتنىڭ كەتكىنى ئۆمۈرنىڭ كەتكىنى دېگەنلىكتۇر. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام :" ئىنسانلار قەدرىگە يېتەلمەيدىغان ئىككى نېمەت بار، ئۇلارنىڭ بىرى، ساقلىق، يەنە بىرى ۋاقىت" دەپ كۆرسەتكەن. بىر مۇنچە كىشىلەر "ئۆسمە" ھەشەمەتچىلىكنىڭ ئارقىسىدىن يۈرۈشنى ئۆزىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى بولغان تىرىكچىلىكتىن ئەۋزەل كۆرىدۇ، ئەتىدىن ئاخشامغىچە مېھماندارچىلىقتا يۈرۈشنى ئۆزلىرى ئۈچۈن شەرەپ بىلىپ، قورسىقىنى لەززەتلىك تائاملار بىلەن تويغۇزۇشنى غايە قىلىۋالغان. ساھىبخانلارمۇ ھەشەمەتچىلىككە ۋە خوشامەتكە ئۆگىنىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلار ئاللاھ يولىدا نەزىر چىراق ئۆتكۈزدۇق دېگەن چىرايلىق نام ئاستىدا، ئاللاھنىڭ يوقسۇل، يېتىم - يېسىر ۋە بىر ۋاخلىق تائامغا مۇھتاج بەندىلىرىنى قايرىپ قويۇپ، بايلارنى، مەنسەبلىكلەرنى ۋە ئابرويلۇق كىشىلەرنى چاقىرىپ، ئۇلارغا خوشامەتچىلىكنىڭ ئەڭ يۇقىرى نەمۇنىسىنى كۆرسىتىدۇ. نەزىر - چىراق ۋە چاي دېگەندەك باھانىلەر بىلەن قورساق بېقىشنى كەسىپ قىلىۋالغان بەزى كىشىلەرنىڭ يەپ - ئىچىشتىن باشقا غېمى بولمايدۇ. بۇلار ئۈچۈن ۋاقىتنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق. بۇمۇ ھازىرقى ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە كەلگەن پاجىئەلەرنىڭ بىرىدۇر."

ئابدۇراھمان ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، ھەشەمەتچىلىك بىلەن ئىسراپچىلىق ئاللاھ ياقتۇرمايدىغان رەزىل قىلمىشلاردىن بولۇپ، مۇنداق قىلغۇلارنىڭ كۈنلەرنىڭ بىرىدە نېمەتتىن قۇرۇق قېلىپ پۇشايماندا قالىدىغمانلىقى مۇقەررەر. چۈنكى مۇنداق قىلمىش قائىدە - يوسۇنغا يات بىر قىلمىشلاردىندۇر. بىر ھەدىستە:" ئىقتىسادچانلىق بىلەن ئىش كۆرگەن ئادەم كەمبەغەللىشىپ قالمايدۇ" دەپ كۆرسىتىلگەن.