يىغىنغا 21 قۇرغۇچى ئەزادىن 11 كىشى قاتناشقان بولۇپ، بەش قۇرغۇچى ئەزا ۋاكالەت خېتى ئەۋەتكەن. يىغىننىڭ كۈنتەرتىپىگە ئاساسەن، يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى ۋەخپە رەئىسى مەمەت ئىسا ئارتىش ئەپەندى قىلدى. كېيىن، ئۇ 2012-يىللىق خىزمەت دوكلاتىنى بېرىپ ئۆتتى. ئۇ خىزمەت دوكلاتىدا نۇقتىلىق ھالدا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ بۇرۇندىن بۇيان قىلىپ كېلىۋاتقان ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمەتلىرى ھەققىدە تەپسىلىي دوكلات بەردى. بۇلاردىن باشقا 2012-يىلىدا تۈركىيىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئېلىپ بارغان كۈلتۈر پائالىيەتلىرى ھەققىدە ھەم ۋەخپىنىڭ 2012-يىللىق مالىيە ئەھۋالى ھەققىدە توختالغاندىن كېيىن يىغىننىڭ كۈنتەرتىپىگە بىنائەن، يېڭى رەھبەرلىك ھەيئىتىنى سايلاشتىن بۇرۇن، بۇرۇنقى رەھبەرلىك ھەيئىتى ۋەزىپىلىرىدىن ئىستېپا بەردى.
ئاخىرىدا يېڭى رەھبەرلىك ھەيئىتى سايلىمى بولۇپ ئۆتتى. شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ نامزاتلىقىغا مەمەت ئىسا ئارتىش بىلەن ئەسەر ساكا كۆرسىتىلدى. يېپىق بېلەت تاشلاش نەتىجىسىدە، 16 ئاۋازنىڭ كۆپىگە ئېرىشكەن ئەسەر ساكا ۋەخپە رەئىسلىكىگە، ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى مۇئاۋىن رەئىسلىككە، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركولوگىيە تەتقىقاتچىسى ئۆمەر قۇل ئەپەندى باش كاتىپلىققا، مۇرات ئاخۇنباي بۇغالتېرلىققا، مەمەت قەشقەرلىك غەزىنىچىلىككە، تىبەت يۈجەتۈرك ئەپەندى بىلەن مۇكەرەم كۇچا خانىم باش تەپتىشلىككە سايلاندى.
شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ قۇرغۇچى ئەزالىرىدىن پەخرىي رەئىس ئەركىن ئالپتېكىننىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىن ئەركىن ئالىپتېكىن ۋە يېڭى رەھبەرلىك ھەيئىتىنىڭ تىلەكلىرى بىلەن ئاياغلاشتى.