بۇنىڭدىن بۇرۇن دائىرىلەر مەزكۇر پارتىيىنىڭ قەشقەر، خوتەن، كۇچار قاتارلىق جايلاردا پائالىيىتىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى، بۇ يىلنىڭ مارت ئېيىدىكى خوتەندە يۈز بەرگەن ئاياللار نامايىشىنى بولسا ھىزبۇ تەھرىر پارتىيىسى ئۇيۇشتۇرغانلىقىغا دائىر بايانلاردا بولغان ئىدى. لېكىن ئانالىزچىلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھىزبۇ تەھرىر توغرىسىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشىغا گۇمان بىلەن قاراشماقتا.
يىپەك يولى بويىدىكى قەدىمى شەھەر قەشقەرنىڭ ئارقا كوچىلىرىدىكى خام كېسەكلىك ئەسكى تاملارغا يېزىلغان ھىزبۇ تەھرىر پارتىيىسىگە قارشى تۇرۇش توغرىسىدىكى ئاگاھلاندۇرۇش خاراكتېرلىك شۇئارلار قەشقەرنى زىيارەت قىلىۋاتقان رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان. قەشقەر شەھىرىنىڭ كوچا تاملىرىدىكى خىتاي ۋە ئۇيغۇر تىللىرىدا يېزىلغان قىزىل رەڭلىك بۇ شۇئارلار " ھىزبۇ تەھرىرگە زەربە بېرەيلى" شۇنداقلا " ھىزبۇ تەھرىر زوراۋان تېررورلۇق تەشكىلات" دېگەن مەزمۇنلاردا ئىدى. رويتېرس ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ دۈشەنبە كۈنى بەرگەن بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە يەنە، ھىزبۇ تەھرىرنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى پائالىيىتى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر پارتىيىنى "تېررورچى" تەشكىلات، دەپ باستۇرۇۋاتقانلىقى ۋە چەتئەللىك ئانالىزچىلارنىڭ بۇ پارتىيە توغرىسىدىكى قاراشلىرىغا ئورۇن بەرگەن. ئۇيغۇر ئېلىدە ھۆكۈمەت كونتروللىقىدىكى يەرلىك مەتبۇئاتلار ئىلگىرى ھىزبۇ تەھرىرنىڭ جەنۇبتىكى ۋىلايەتلەردە ئاكتىپ ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، بۇ يىل 3 - ئايدا يۈز بەرگەن خوتەندىكى ئاياللار نامايىشىنى مەزكۇر پارتىيە ئۇيۇشتۇرغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنى بەرگەن ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ھىزبۇ تەھرىرنى " تېررورچى " تەشكىلات دەپ جاكارلاپ، ھىزبۇ تەھرىرگە قارشى رەسمىي تەشۋىقات ئۇرۇشى قوزغاشتىن بۇرۇن ئۇيغۇر ئېلىدە كىشىلەر مەزكۇر پارتىيىنىڭ ھەرىكىتى ۋە نىشانى توغرىسىدا كۆپ نەرسىلەرنى بىلمەيتتى. ھىزبۇ تەھرىر 1950 - يىللاردا پەلەستىنلىكلەر تەرىپىدىن قۇرۇلغان بىر پارتىيە بولۇپ، مەزكۇر پارتىيىنىڭ نىشانى دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، پۈتۈن مۇسۇلمانلارنى بىر ئىسلام خەلىپىلىكىنىڭ ئاستىغا جەم قىلىش ئىدى. ئۇيغۇرلار مەزكۇر پارتىيىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى 1980 - يىللاردا ھەج يولىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن بىلگەن. شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىقى جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى، ھىزبۇ تەھرىر پارتىيىسى قۇرۇلغاندىن بېرى بۇ پارتىيىنىڭ نىشانى ۋە پرىنسىپى ئىسلام ئەللىرىدە گۇمانى مۇئامىلىگە ئۇچرىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ھىزبۇ تەھرىر پارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى تەشكىلى ئەھۋالى ۋە پائالىيىتىنىڭ ئۆزى بىر سىر. يەرلىك مەتبۇئاتلارنىڭ بۇ ھەقتىكى تەشۋىقات خەۋەرلىرىدە بۇ ھەرىكەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى، جەمئىيەت مۇقىملىقىغا تەھدىت سېلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ پارتىيىنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمى، ھەرىكىتى، تەشكىلى قۇرۇلمىسى توغرىسىدا بىرەر يىپ ئۇچى بېرىلگەن ئەمەس. رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقى بەزى تەشكىلاتلار شۇنداقلا بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ھىزبۇ تەھرىرنى زوراۋانلىققا قېتىلمايدىغان تەشكىلات دەپ قارايدىغانلىقى، خىتاينىڭ بۇ تەھدىتنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بارغان باستۇرۇش بولۇپمۇ ئولىمپىك يىغىنىدىن بۇرۇن ئېلىپ بارغان باستۇرۇشنى ئاقلىماقچى دەپ ھېسابلايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىدىكى ھىدەيتۇللا ئوغۇزخان خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەرىكەتنى 2001 - يىلدىن بۇرۇن پۈتۈنلەي تازىلاپ بولغانلىقى، ھەرىكەتنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمى تۈرمىگە ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
لېكىن مەركىزى نيۇ يوركتىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خوڭكوڭدىكى تەتقىقاتچىسى نىكولاس بېكيۇلىننىڭ ھىزبۇ تەھرىر توغرىسىدىكى قارىشى بىر قەدەر ئۆزگىچىدۇر. ئۇ رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا بۇ ھەرىكەتنىڭ جەنۇبتىكى ۋىلايەتلەردە كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بېكيۇلىن " بۇ تەشكىلات پەۋقۇلئاددە ئەۋرىشىملىككە ئىگە. گەرچە ئۇنىڭ تەسىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلار بىلەن چەكلەنسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ تەسىرى كۈچىيىۋاتقاندەك قىلىدۇ" دەپ تەكىتلىگەن. بېكيۇلىن يەنە تۈرمىدىكى ھىزبۇ تەھرىر ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ باشقا مەھبۇسلارغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقى تۈرمە دائىرىلىرىنى ئەندىشىگە سالىدىغان مەسىلە بولۇپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. لېكىن رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە يەنە، كالىفورنىيىدىكى پومونا ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسى درۇ گلادنېينىڭ سۆزىگە يەر بەرگەن. ھىزبۇ تەھرىر خىتاي سۈرەتلىمەكچى بولغان تەھدىتكە ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن درۇ گلادنېي " ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ كۆپ قىسىمى، گەرچە ئۇلارنىڭ بىر قىسىمى ناھايىتى دىندار كىشىلەر بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئاساسى مەقسىتى شىنجاڭنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغلىشىدۇ. ھىزبۇ تەھرىر بولسا ئۇنداق ئەمەس. ئۇلارنىڭ كۆزلەيدىغىنى دۇنياۋى خەلىپىلىك. بىر رايوننىڭ مۇستەقىللىقى ئەمەس،" دەيدۇ.
ئامېرىكا ساراكيۇز ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر دوكتور كاندىداتى قىلىچ قانات خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھىزبۇ تەھرىرگە قارشى ھەرىكەت قوزغىشى شاڭخەي ھەمكارلىقىدىكى دۆلەتلەر بىلەن "ئورتاق دۈشمەن " گە ئىگە بولۇش تىرىشچانلىقىنىڭ بىر قىسىمى، دەپ كۆرسەتمەكتە.
ھىزبۇ تەھرىرنىڭ تەسىر دائىرىسى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر مۇستەقىللىقىغە ئېرىشكەن دەسلەپكى يىللاردا ناھايىتى تېز كېڭەيگەن ئىدى. بۇ پارتىيە ئۆزبېكىستاننىڭ پەرغانە رايونى، قىرغىزىستاننىڭ ئوش ئوبلاستىدا ناھايىتى ئاكتىپ سىياسى ھەرىكەت بولۇپ ئوتتۇرىغا چىققان. لېكىن شاڭخەي ھەمكارلىقى تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ھىزبۇ تەھرىر شاڭخەي گۇرۇھىدىكى دۆلەتلەرنىڭ يوقىتىش تىزىملىكىدىكى تەشكىلاتلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. قىلىچ قانات ھىزبۇ تەھرىرنىڭ پەرغانە ۋادىسىدا تېز باش كۆتۈرۈشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە توختالدى.
مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولسا ھىزبۇ تەھرىرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە مەۋجۇتلۇقى ۋە خىتايغا تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. قۇرۇلتاي باياناتچىسى دىلشات رىشىت رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا بەرگەن باياناتىدا، " بۇ تەشكىلات مەۋجۇت ئەمەس. بۇ ئويدۇرۇپ چىقىلغان بىر تەشكىلات.....خىتاينىڭ مەقسىتى دۇنيانى ئالداش، دۇنيانىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇر خەلقىدىن يىراقلاشتۇرۇش،" دەپ تەكىتلىگەن.
مەركىزى لوندوندىكى بېرىتانىيە ھىزبۇ تەھرىر پارتىيىسى بولسا مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە پائالىيىتى بار - يوقلۇقىغا باھا بەرمىگەن. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ زوراۋانلىقتىن خالى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بېرىتانىيە ھىزبۇ تەھرىر پارتىيىسىنىڭ باياناتچىسى تاجى مۇستافا، "ھىزبۇ تەھرىر ۋە مۇسۇلمانلار ھۆكۈمەتنىڭ سىزىقى بۇيىچە ماڭمىغانلىقتىن باستۇرۇلماقتا " دەپ تەكىتلىگەن.
