ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بەزى جايلىرىدا ھىجاپ كەيگەن ئاياللارنىڭ ئاپتوبۇس ۋە تاكسىغا چىقىشى چەكلىمىگە ئۇچرىماقتا

ئۆزى ئىشەنگەن دىن ۋە ئۆزى تەۋە مىللەتنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرى بويىچە ياشاش، كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ئىنسانىي ھەقلىرىدىندۇر؛ مۇسۇلمان ئاياللىرىنىڭ ھىجاپ كىيىشى ۋە لىچەك ئارتىشىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2011-12-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺷﻪﻫﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻛﻮﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪﻩ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺷﻪﻫﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻛﻮﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪﻩ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo

ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ دىنىي ۋە مىللىي يوسۇندا كىيىنىش ھوقۇقىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىقى، ھەتتا دەپسەندە قىلىنغانلىقى، ئاقسۇنىڭ سايرام بازىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئىككى خىل مودېل» كۆرگەزمىسىدە يالىڭاچ ھالدا ئاشكارىلانغان ئىدى. بۈگۈن ئىگىلەنگەن بىر قىسىم ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، مەزكۇر ۋەزىيەت، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ داۋام قىلماقتا. بۈگۈن ئاشكارىلانغىنى ھىجاپلىق ئاياللارنى تەشۋىقات ئارقىلىق قامچىلاش ئەمەس، بەلكى ئاپتوبۇس ۋە تاكسىغا ئالماسلىقتۇر.

5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۈرۈمچىدە خىتاي تاكسىچىلار ئۇيغۇرلارنى، ئۇيغۇر تاكسىچىلارمۇ خىتايلارنى تاكسىسىغا ئالماسلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن؛ بۇ ھەتتا خېلى بىر مەزگىلگىچە ئومۇملىشىپ قالغان ئىدى. يېقىندا رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بەزى جايلىرىدا ھىجاپ كەيگەن ئاياللارنىڭ ئاپتوبۇس ۋە تاكسىغا چىقىشى چەكلىمىگە ئۇچرىماقتا: يېقىندا مەلۇم بىر ناھىيە بازىرىدا، ھىجاپ كەيگەن بىر ئائىلە كىشىلىرى ئاپتوبۇسغا چىقىرىلمىغان.

ئىسلام دىنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۆز مىللىي كىملىكلىرىنى قوغداشتا قورال ۋە قورغانلىق رول ئوينىماقتا. شۇڭا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رايوننىڭ ئاتالمىش مۇقىملىقىنى قوغداشتا، دىنىي زاتلارغا، دىنىي پائالىيەتلەرگە ۋە دىنىي ئېتىقادى مۇستەھكەم كىشىلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ ئىش - ھەركەتلىرىنى نازارەت قىلىشتىن باشقا، ئۇلارنىڭ پەيدا قىلغۇسى ۋەقەلىرىدىن قوغدىنىش ئۈچۈن بىر قاتار بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇۋاتقانلىقى مەلۇم. ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ھىجاپلىق ئاياللارنى ئاپتوبۇسغا ئالماسلىق ئەنە شۇ بىخەتەرلىك تەدبىرلىدىن بىرى بولۇشى ۋە بۇ، بەزى جايلاردا سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. ئۆتكەن ئايدا يەنە شۇ ناھىيە بازىرىدا، 4 نەپەر ھىجاپ كەيگەن ئۇيغۇر ئايال، 3 سائەت ساقلىغان بولسىمۇ تاكسىغا چىقالمىغان. بەزىلەر توختىغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ كىيىملىرىگە دىققەت قىلغاندىن كېيىن، ئۇلارنى ئالماستىن يۈرۈپ كەتكەن.

نۆۋەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھىجاپ كەيگەن ئاياللارنى ئاپتوبۇسغا چىقارماسلىق ھەققىدە مەخسۇس ئۇقتۇرۇش تارقاتقان - تارقاتمىغانلىقى ئېنىق ئەمەس؛ ئەمما خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۆز بىخەتەرلىكىنى قوغداش، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھۇجۇمىدىن قوغدىنىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇۋاتقانلىقى، بۇ توغرىدا مەخسۇس تەشۋىقات خەۋەرلىرى ئىشلەشتىن باشقا، بەزى چاغلاردا ئۇقتۇرۇش ۋە ھۆججەت تارقىتىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ يىل 7 - ئاينىڭ 18 - كۈنى خوتەندە بىر گۇرۇپپا پىدائىيلار ناۋاغ ساقچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلغان مەزگىلدە، خىتاي ھۆكۈمىتى خوتەندىكى خىتاي كادىرلىرىنى يالغۇز يول ماڭماسلىق، كەچقۇرۇنلىرى سىرتقا چىقماسلىق قاتارلىق مەزمۇنلاردا تەلىم بېرىپ ئۇقتۇرۇش تارقاتقان. مەلۇم خىتاي تاكسىچىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ھىجاپلىق ئاياللارنىڭ ئاپتوبۇس ۋە تاكىسىغا ئېلىنماسلىقىغا خىتاينىڭ تەشۋىقات خەۋەرلىرى سەۋەب بولغان.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى يىللاردىن بېرى دۇنيا جامائىتىگە ئۇيغۇر ئېلىدا مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ خەتەرلىك بىر باسقۇچتا تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئىككى مىللەت ئارىسىدا ئۆز - ئارا ئىشىنىشنىڭ پۈتۈنلەي يوقالغانلىقىنى، خىتاي ۋە ئۇيغۇردىن ئىبارەت ئىككى مىللەتنىڭ بىرلىكتە ياشاش مۇمىنچىلىكى قالمىغانلىقىنى ئىزچىل بايان قىلىپ كەلگەن. يۇقىرىقى ۋەقەلەر، ئەنە بايانلارنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىماقتا.
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت