ھىجرىيە يىلنامىسى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات

ھىجرىيە يىلنامىسى ئىسلام يىلنامىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئەسلىدە ئەرەبلەرنىڭ يىل، ئاي ۋە كۈنلەرنى ئاينىڭ ھەرىكىتى بويىچە ھېسابلايدىغان قەمەرىيە يىلنامىسى ئاساسىدا بارلىققا كېلىپ، ھىجرەت ( مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەدىنىگە كۆچكەن) يىلىنى باش يىل قىلغان بىر خىل يىلنامە بولۇپ، ئىسلام دىنى ئارقىلىق دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا ئومۇملاشقان بىر خىل يىلنامىدۇر.

0:00 / 0:00

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ياش ئالىم ئابدۇللا ھاجىم بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.

ئابدۇللا ھاجىم بىلەن سۆھبەت

ئابدۇللا ھاجىم ھىجرىيە يىلنامىسىنىڭ بېكىتىلىشى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:" ھىجرىيە يىلنامىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىسلام دىنىنى ئەرەب يېرىم ئارىلىدا ئىسلام دىنىنى دەۋەت قىلىشقا باشلىغاندىن تارتىپلا قوللىنىلغان ئەمەس، بەلكى ئىسلام دىنى ئەرەب قەبىلىلەر ئارىسىدا دەۋەت قىلىنىپ 30 يىلدەك ۋاقىتقىچە ( يەنى مىلادىيە 610 - يىلىدىن 639 - يىلىغىچە) يەنىلا ئەرەبلەرنىڭ ئەنئەنىۋى يىلنامىسى قوللىنىپ كېلىنگەن ئىدى. ئىسلام دىنى ئەرەب يېرىم ئارىلىدا روناق تېپىشتىن ئىلگىرى، ئەرەبلەرنىڭ ئىككى خىل يىلنامىسى بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى، دېھقانچىلىق ئىشلىرىدا قوللىنىدىغان، ۋاقىتنى قۇياشنىڭ ھەرىكىتى بويىچە ھېسابلايدىغان شەمسىيە يىلنامىسى، يەنە بىرى، دىنىي پائالىيەتلەر ۋە تارىخىي ۋەقەلىكلەرنىڭ ۋاقتىنى ھېسابلاشتا قوللىنىدىغان، ۋاقىتنى ئاينىڭ ھەرىكىتى بويىچە ھېسابلايدىغان قەمەرىيە يىلنامىسى بار ئىدى. ئەرەب يېرىم ئارىلىدا ئىسلام ھاكىمىيىتى مۇستەھكەملىنىپ، چەتئەللەرگىچە كېڭىيىپ، 3 - خەلىپە ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ دەۋرىگە كەلگەندە، دۇنياغا ئەڭ زور نوپۇزغا ئىگە بولغان ئىسلام دىنىنىڭ ئۆزىگە خاس پائالىيەتلىرىنى، ۋەقەلىكلەرنى ھېسابلايدىغان، دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار ئورتاق قوللىنىدىغان مەخسۇس يىلنامىسى بولۇشى لازىملىقى ھېس قىلىنغان ۋە رەسمىي ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئىسلام يىلنامىسىدا قايسى ۋاقىتنى يىل بېشى قىلىش مەسىلىسىدە تۈرلۈك لايىھىلەر چۈشكەن. بەزىلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى 571 - يىلنى ئىسلام يىلنامىسىنىڭ باش يىلى قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويسا، بەزىلەر ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەر بولغان 610 - يىلنى يىل بېشى قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. كۆپچىلىك مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلغان 622 - يىلنى ئىسلام يىلنامىسىنىڭ باش قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. چۈنكى بۇ ھىجرەت ۋەقەسى ئىسلام دىنى تارىخىدا ھەل قىلغۇچ بۇرۇلۇشنى ھاسىل قىلغان ئۇلۇغ ۋەقە ئىدى. شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن مۇسۇلمان ئۆلىمالارنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ بارغان يىلىنى ئىسلام يىلنامىسىنىڭ باش يىلى قىلىشنى ۋە بۇ يىلنامىنىڭ نامىنى 'ھىجرىيە' دەپ ئاتاشنى بەلگىلىگەن."

ھىجرىيە يىلنامىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە كىرىشى

ئابدۇللا ھاجىم ھىجرىيە يىلنامىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە كىرىشى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:" ئۇيغۇر ئېلىدە ھىجرىيە يىلنامىسىنى قوللىنىشقا ئۆتۈش تارىخى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان دەسلەپكى چاغلىرىغا بېرىپ يېتىدۇ. 9 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا، ئىسلام دىنى ئۇيغۇرلار ئارىسىغا تارقالغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ قاراخانىيلار سۇلالىسىدىن سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ، دۆلەت تەۋەلىكىنى ئىسلاملاشتۇرۇپ ۋە كېيىنچە ئىسلام دىنى قىلىنىپ بېكىتىلگەندىن كېيىن، ھىجرىيە يىلنامىسى پۈتۈن سىستېمىسى بويىچە ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى يىلنامىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، دىنىي ئىشلار ھەم دىنغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار، شۇنداقلا تۇرمۇش ساھەلىرىدىمۇ بۇ يىلنامە قوللىنىلىدىغان بولغان.ئۇيغۇرلاردىن چىققان نۇرغۇن ئالىملار - تارىخچىلار، تىلشۇناسلار، ئەدىبلەر، پەيلاسوپلار، تىۋىپلار، نەغمە - سەنئەتچىلەرمۇ ئۆز ئەسەرلىرىدە ۋاقىتنى ھىجرىيە يىلنامىسى بويىچىلا بايان قىلىدىغان بولغان. پەقەت يېقىنقى زامانغا كەلگەندىلا، مىلادىيە يىلنامىسى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەر ئارىسىدا تارقىلىپ، ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلىدى. ئەمما دىنىي ساھەلەردە، بولۇپمۇ ھېيت - ئايەملەرنىڭ ۋاقتىنى ھېسابلاشتا، يەنىلا ھىجرىيە يىلنامىسى قوللىنىلماقتا."

ھازىر ئىسلام - ئەرەب ئەللىرى، بولۇپمۇ ئەرەب ئەللىرى دىنىي ساھەلەردىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ساھەلەردە، ھەتتا ئادەتتىكى تۇرمۇشتىمۇ ھىجرىيە يىلنامىسىنى قوللانماقتا.