تۈرك تەتقىقاتچى: چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھىجران ئازابىدىن قۇتۇلۇشى مۇستەھكەم ئىرادە ۋە بىرلىك-باراۋەرلىككە باغلىق

ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن شېھىتلەرنى خاتىرىلەش يىغىندا سۆز قىلغان تۈرك دۇنياسى تەتقىقات فوندىنىڭ ۋەكىلى يۈكسەل يۈكسەل ئەپەندى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھىجران ئازابىدىن قۇتۇلۇشى مۇستەھكەم ئىرادە ۋە بىرلىك-باراۋەرلىككە باغلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

0:00 / 0:00

يىغىندا سۆز قىلغان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلات رەھبەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلىك-باراۋەرلىكى توغرىسىدا توختالدى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە بىر قېتىم مۇستەقىل بولۇشىغا ئىشەنچ بىلەن قارايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

2012-يىلى 17-نويابىر كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 1933-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى قەشقەردە ۋە 1944-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىندا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ رەئىسى مەمەت ئەيسا ئارتۇش ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى.

شېھىتلەرنى خاتىرىلەش يىغىندا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ رەئىسى مەمەت ئەيسا ئارتۇش ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى. 2012-يىلى 17-نويابىر، ئىستانبۇل.
شېھىتلەرنى خاتىرىلەش يىغىندا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ رەئىسى مەمەت ئەيسا ئارتۇش ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى. 2012-يىلى 17-نويابىر، ئىستانبۇل. (RFA/Arslan)

مەمەت ئەيسا ئارتۇش ئەپەندى سۆزىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا جانلىرىنى پىدا قىلىش بەدىلىگە ئىككى قېتىم مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرغانلىقىنى ۋە تارىختىن دەرس چىقىرىپ بۇنىڭدىن كېيىنكى قەدەمنى قانداق بېسىش توغرىسىدا پىكىر-تەپەككۇر قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

مەمەت ئەيسا ئارتىش ئەپەندى سۆزىدە يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنىڭ ئىنتايىن ئېچىنىشلىق ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان ئېچىنىشلىق ھادىسىلەر، بېسىم ۋە زۇلۇمنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن چەتئەللەردە ئەركىن دۇنيادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ غەپلەتتىن ئويغىنىشى كېرەكلىكىنى ۋە بۈگۈنكى كۈندە قانداق بىر ۋەزىيەتتە ياشاۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئۆز-ئۆزىدىن سوئال سورىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

مەمەت ئەيسا ئارتىش ئەپەندى سۆزىدە ئۇيغۇرلارنى بىرلىك باراۋەرلىككە چاقىرىپ مۇنداق دېدى: پۈتۈن خەلقىمىزنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنىڭ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى ھەممىمىز بىلىمىز، بىز ئەجدادلىرىمىزنىڭ تۆكۈلگەن قانلىرى يەردە قالماسلىقى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تىرىشىپ خىزمەت قىلىشىمىز كېرەك، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ مەنىلىك كۈندە يەنە بىر قېتىم بىرلىشىشنى ئويلايلى، ھەممىمىز بىرلىك بولايلى.

يىغىندا يەنە ئىستانبۇل ئورمانچىلىق ئىنژېنېرلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى، شۇنداقلا تۈرك دۇنياسى تەتقىقات فوندىنىڭ ۋەكىلى يۈكسەل يۈكسەل ئەپەندى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى دېگەن ھامان ئەقلىمىزگە، ناھايىتى چوڭ بىر ۋەھشىيلىككە، چېكىدىن ئاشقان زۇلۇمغا دۇچ كەلگەن ۋە شان-شەرەپلىك بىر كۈرەشنى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقى كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ.

يۈكسەل يۈكسەل ئەپەندى سۆزىدە تۈرك خەلقىنىڭ 1970-يىللاردىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تونۇپ يەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: بىز تۈركلەر، شەرقىي تۈركىستان خەلقى ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ ئۈستىگە يۈكلەنگەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ كۈرەشچىلىرى، 1970-يىللاردا مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋە ئۇنىڭ سەپدىشى بولغان ئالپئارسلان تۈركەشنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق تۈركىيە خەلقى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تونۇپ يەتتى. مەن شەرقىي تۈركىستانلىق ئەمەس، ئەمما شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى مەن ئۈچۈن بىر ئارزۇ-ئىستەك، بۇ ئارزۇ-ئىستەكنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشى ئۈچۈن بىر قىسىم بەدەللەرنى تۆلەش شەرت بولىدۇ.

يۈكسەل يۈكسەل ئەپەندى سۆزىنىڭ داۋامىدا بىر مۇتەپەككۇرنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى تەكىتلىدى: «ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ ئۆلگەن كىشى ئىككى قېتىم ئۆلگەن بولىدۇ، بىرىنچى ئۆلۈمى ۋەتىنىدىن ئايرىلىش بىلەن، ئىككىنچى ئۆلۈمى ئەجەلنىڭ توشۇشى بىلەن دېمەكتۇر.» ۋەتەندىن ئايرىلىش قىيىنچىلىق ۋە ئازاب دېمەكتۇر، ۋەتىنىدىن ئايرىلغان شەرقىي تۈركىستانلىقلار ھىجران ئازابى چېكىۋاتىدۇ، بىز تۈرك مىللەتپەرۋەرلىرىمۇ بۇ ئازابنى ھېس قىلىۋاتىمىز ۋە بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلىمىز. ئەمما بۇ ئازابقا خاتىمە بېرىش يەنىلا بىز ۋە سىلەرنىڭ مۇستەھكەم ئىرادىمىزگە ۋە بىرلىك-باراۋەرلىكىمىزگە باغلىق. ھەرىكەتتە بىرلىك بولمىسا، پىكىر بىرلىكىنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى ۋە پايدىسى يوق، بىز چوقۇم بىرلىشىمىز ۋە ئاللانىڭ ياردىمى بىلەن مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ چىقىمىز».

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سىيىت تۇمتۈرك، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش تەپتىشى ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەسەر ساكا خانىم سۆز قىلدى ۋە تارىختا قۇرۇلغان ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى توغرىسىدىكى پىكىر-قاراشلىرىنى ئىپادىلىدى.

يىغىندا سۆز قىلغان رەھبەرلەرنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلىك-باراۋەرلىكى توغرىسىدا توختالدى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە بىر قېتىم مۇستەقىل بولۇشىغا ئىشەنچ بىلەن قارايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

يىغىندا يەنە، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىنىڭ رەئىسى دۆلەت باغچەلى ۋە رەئىس ۋەكىلى شۇنداقلا پارلامېنت ئەزاسى مەھمەت شاندىر ئەپەندىلەرنىڭ، يىغىننى تەبرىكلەپ يوللىغان تېلېگرافلىرى ئوقۇپ ئۆتۈلدى.

يىغىننىڭ كېيىنكى قىسمى دوكتور ۋە تارىخچىلارنىڭ سۆز قىلىشى بىلەن داۋام قىلدى. يىغىنغا ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتى تارىخ بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور مۇئەللا يۈجەل خانىم رىياسەتچىلىك قىلدى. پروفېسسور مۇئەللا يۈجەل خانىم سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تۈركىيىدە يېتەرلىك دەرىجىدە قوللاشقا ئېرىشەلمەيۋاتىدۇ دەپ قارايمەن، بۇ يەردە ئوقۇغان ۋە ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ۋەتىنىگە قايتقاندا، خىتاي دائىرىلىرى ئۇلارنى جاسۇس دەپ قارايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن ئوقۇش پۈتتۈرگەنلىرىمۇ ۋەتىنىگە قايتالمايدۇ. شۇڭا ئۇلارغا ئىگە چىقىشىمىز كېرەك. ھازىر سوغۇق ئۇرۇش دەۋرىدە ياشاۋاتىمىز، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئىقتىسادى ساھەدە كۆپرەك تىلغا ئېلىنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى كۆپ باي بولۇشى كېرەك، يەنە بىرى مەدەنىيەت بىرلىكى دېيىلىۋاتقان تۇران بىرلىكى، تۈرك بىرلىكى قۇرۇلۇشى كېرەك ۋە ئۆز داۋايىمىزغا ئۆزىمىز ئىگە چىقىشىمىز كېرەك.

يىغىندا مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇچۇر-ئاخبارات بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئۇيغۇر زىيالىي دوكتور ئابدۇلھەمىت ئاۋشار، 1933-يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى توغرىسىدا سۆز قىلدى. يىغىندا يەنە ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركولوگىيە تەتقىقات ئىنستىتۇتى تۈرك تارىخى بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى، 1937-يىلدىن 1946-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆز قىلدى.

ئىككى سائەت داۋام قىلغان يىغىن تاماق زىياپىتى بىلەن ئاخىرلاشتى.