كىشىلەر ھىممەت جەھەتتە بىر خىل بولمايدۇ. بەزىلەرنىڭ ھىمىتى ئالىي، بەزىلەرنىڭ ھىممىتى تۆۋەن بولۇپ، تۆۋەنلىكتىن ئەڭ ئاددى دەرىجىلەرگىچە چۈشۈپ قالىدۇ.
ھىممەت دەرىجىلىرى
ئىمام ئىبنى قەييىم ئالى ھىممەتنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېگەن:" ئالىي ھىممەتنىڭ ئادەتتىكى ھىممەتلەرگە نىسبەتەن ئۈستۈنلۈكى خۇددى ئەڭ يوقىرى ئۇپۇقتا جەۋلان قىلغان قوشنىڭ باشقا قۇشلارغا بولغان ئۈستۈنلۈكىگە ئوخشاش بولۇپ، تۆۋەندىكى قۇشلارغا يەتكەن بەختسىزلىكلەر يوقىرى ئۇپۇقتىكى قۇشقا يەتمەيدۇ. ئۇ يوقىرى ئۇپۇقتا قانچىلىك ئۆرلىگەنسېرى بالايى ئاپەتلەردىن شۇنچىلىك يىراق بولغىنىدەك، قانچىلىك تۆۋەنلىگەنسېرى بەختسىزلىكلەر ئۇنى شۇنچىلىك تېز تىپىۋالىدۇ."
ھىممەتنىڭ تۈرلىرى
ئىمام ئىبنى قەييىم يەنە مۇنداق دېگەن:" ھىممەت ئىككى تۈرلۈك بولۇپ: بىرى، تەبىئىي ھىممەت، يەنە بىرى، يېتىلدۈرۈلگەن ھىممەت يەنى تىرىشىش بىلەن قولغا كېلىدىغان ھىممەتتۇر. تەبىئىي ھىممەت ئالىي بولسۇن، تۆۋەن بولسۇن ئاللاھ تەرىپىدىن بېرىلگەن ھىممەت بولۇپ، ئۇنى تىرىشچانلىق بىلەن ئۆستۈرۈش مۇمكىن بولغاندەك، بىپەرۋالىق بىلەن ئۆز ھالى بويىچە تاشلاپ قويۇشمۇ مۇمكىن. ئىگىسىنىڭ پەرۋىش قىلىشى بىلەن ئۇنىڭدىكى ھىممەت دەرىجە قازىنىپ ئالىي ھىممەتكە ئايلانغىنىدەك، ئۇنى پەرۋىش قىلماستىن تاشلىۋېتىش بىلەن ئۇنىڭدىكى ھىممەت تۈگىشىدۇ. ھىممەت بۇ جەھەتتە ئەقىل پاراسەت، گۈزەل ئەخلاق ۋە باشقىمۇ سۈپەتلەرگە ئوخشاشتۇر."
ئالىي ھىممەت ھەققىدە قىسسە
مەشھۇر يازغۇچى دوكتۇر تەۋفىق ئەل ۋائىي "ھىممەت" ناملىق ئەسەرىدە مۇنۇ قىسسىئىنى بايان قىلغان: ياپونىيە تەرەققى قىلىشىنىڭ ئاۋۋالقى ھارپىسىدا گېرمانىيىگە ئوقۇغۇچىلىرىنى ئەۋەتكەندە، ئەرەب دۆلەتلىرىمۇ ئارقا ئارقىدىن ئوقۇغۇچى ئەۋەتكەنىدى. ياپونىيىدىن بارغان ئوقۇغۇچىلار مىللىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇش يولىدا دۆلىتىگە قايتتى. ئەمما ئەرەب دۆلەتلىرىدىن بارغان ئوقۇغۇچىلار سەرمايىسىز قۇرۇق قول قايتتى. بۇ نېمە سەۋەبتىن شۇنداق بولدى؟ بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى تېپىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى مۇنۇ قىسسىسىنى ئوقۇپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ.
ياپونىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن گېرمانىيىگە تېخنىكا ئۆگىنىشكە ئەۋەتىلگەن ئوقۇغۇچى ئوساھېر مۇنداق دەيدۇ:
-- ئەگەر مەن گېرمانىيىدە ئوقۇۋاتقان مەزگىلىمدە مۇئەللىمنىڭ نەسىھەتلىرىگىلا كۇپايە قىلىپ ئىزدەنمىگەن بولسام، ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن بولاتتىم. دۆلىتىم مېنى گېرمانىيىدە ئىلمىي تېخنىكا قائىدىسىنى ئۆگىنىشكە ئەۋەتكەنىدى. كىچىك تىپتىكى موتورنى ياساشنى ئۆگىنىشكە بەكمۇ قىزىقاتتىم. لېكىن قانداقلا بىر موتور بولمىسۇن، ئۇنىڭ ئۆزىگە خاس مودىلى بولىدىغانلىقىنى بىلەتتىم. بۇ ھەر قانداق سانائەتنىڭ ئاساسى ئېدى. مۇئەللىم مېنى ئەمەلىي تەجرىبىلەرگە ئۈندىمەستىن، ھەمىشە كىتابتىكى نەزەرىيەلەرنىلا ئوقۇشۇمنى تەۋسىيە قىلاتتى. مەن موتور ئىشلەپچىقىرىشنىڭ نەزەرىيىلىرىنى پىششىق ئوقىغان ۋە چۈشەنگەن بولساممۇ، موتورنىڭ يېنىغا كەلگىنىمدە بۇ يوچۇن دۇنيا ئالدىدا گاڭگىراپلا قالاتتىم.
-- كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئىتالىيىدە ياسالغان موتورلارنىڭ يەرمەنكىسى بولىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپتىم. ئاي بېشى بولغانلىقتىن مائاشىم قولۇمغا تەككەن ئېدى. يەرمەنكىدىن ئىككى ئاتنىڭ كۈچى بار كىچىك تىپتىكى موتوردىن بىرىنى بار پۇلۇمنىڭ ھەممىگە سېتىۋالدىم. ئۇ بەكمۇ ئېغىر ئىدى. ئۇنى تەسلىكتە كۆتۈرۈپ ياتىقىمغا ئېلىپ كەلدىم. موتورنىڭ ھەر تەرىپىگە زوق بىلەن قاراپ چىقىپ، مانا بۇ ياۋروپالىقلار كۈچىنىڭ سىرى، ئەگەر مەن مۇشۇنىڭدەك بېرەر موتور ياساپ چىقالىسام، ياپونىيە تارىخىدا چوڭ ئۆزگىرىشلەر بولاتتى، دېدىم ئىچىمدە. كىتابلىرىم ئارىسىدىن موتورنىڭ سۈرەتلىك تەلىماتىنى تېپىپ چىقتىم - دە، تەرتىب بويىچە موتورنى چۇۋۇشقا باشلىدىم. ھەر بىر پارچىسىنى چۇۋىغىنىمدا ئاق قەغەزگە ئۇنىڭ رەسىمىنى سىزىش بىلەن بىرگە نومۇر قويۇپ ماڭدىم. ھەممىنى پارچىلاپ بولۇپ يەنە قايتا قۇراشتۇردۇم. ھەر كۈنى 15سائەتتىن كۆپرەك ئىشلەش بىلەن بۇ ئىشنى ئۈچ كۈن ئۇدا داۋاملاشتۇردۇم. تۆتىنچى كۈنى بۇ خەۋەرنى بىزنىڭ گۇرۇپپا باشلىقىمىزغا يەتكۈزگىنىمدە ئۇ تولىمۇ مەمنۇن بولدى ۋە بۇزۇق موتوردىن بىرىنى ماڭا بېرىپ ئۇنى ياساپ چىقىشىمنى بۇيرىدى. ئون كۈن قاتتىق ئىشلەش جەريانىدا بۇ موتورنىڭ بۇزۇلغان يېرىنى تاپالىدىم. موتورنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ كىچىك پارچە ئۇپراپ كەتكەنلىكتىن ئىشتىن چىققان ئىكەن. بۇ ئۈچ پارچىنىڭ ئورنىغا بولقا بىلەن ئۇرۇپ، قولۇم بىلەن يېڭى پارچىلارنى ياساپ چىقتىم.
-- گۇرۇپپا باشلىقىمىز شۇنىڭدىن كېيىن مېنى موتور پارچىلىرىنى ئۆزۈم ياساپ چىقىپ قۇراشتۇرۇشۇمنى تەۋسىيە قىلغانلىقى ئۈچۈن تۆمۈر، مىس ۋە ئاليۇمىن ئېرىتىدىغان زاۋۇتقا ئىشچى بولۇپ كىردىم. گېرمان مۇئەللىمىم ماڭا تاپشۇرغان دوكتۇرلۇق ئىلمىي ماقالىسىمۇ قېپقالدى. ھەر كۈنى 15 سائەت ئىشلەيمەن. ئۇستىلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىمەن، گاھىدا تىل ئاھانەتلىرىنىمۇ ئاڭلايمەن. لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ۋەتىنىم ياپونىيە ئۈچۈنلا قىلدىم.
-- ياپونىيە ھۆكۈمەت باشلىقى مېكادۇ ھالىمنى ئاڭلىغان ۋە ئۆز يېنىدىن 5 مىڭ جۈنەي ئىستېرلىيىنى ئەۋەتكەنىكەن. ئۇنىڭغا موتور سايمانلىرىدىن سېتىۋالدىم. مەن گېرمانىيىدىن قايتىپ ياپونىيىگە بارغىنىمدا، ھېلىقى باشلىق مېنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىكەن. ئۇنىڭغا جاۋابەن، "مەن باشلىق بىلەن كۆرۈشۈشكە تېخى سالاھىيەتلىك ئەمەسمەن، پەقەت ياپونىيىدە موتور ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىنى قۇرۇپ بولغاندىن كېيىنلا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە سالاھىيەتلىك بولالايمەن"دېدىم. 9 يىلدا تۆمۈر زاۋۇتىنى قۇرۇپ بولدۇق. مېكادۇنىڭ ئالدىغا "ياپونىيىدە ئىشلەندى" دېگەن ماركا يېزىلغان 10دانە موتورنى ئېلىپ كەلدىم. مېكادۇ موتورنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ "بۇ ھاياتىمدا تۇنجى قېتىم ئاڭلاۋاتقان ۋە تولىمۇ ياقتۇرۇپ قالغان بىر مۇزىكا بولدى، چۈنكى ئۇ ياپونىيىدە ئىشلەنگەن موتورنىڭ ئاۋازى ئەمەسمۇ!" دېدى. شۇنداق قىلىپ بىز ياپونلۇقلار غەرب كۈچىنىڭ سىرىنى بىلىۋالدۇق ۋە بۇ سىرنى ياپونىيىگە ئېلىپ كەلدۇق. بۇ ئەمەلىيەتتە، ياۋروپانىڭ كۈچىنى ياپونىيىگە يۆتكىگەنلىك ۋە ياپونىيىنى غەربكە يۆتكىگەنلىك ئېدى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.